guide
بۈگۈردە بۇيىل تۆت ئورۇندىكى ناﻫىيە دەرىجىلىك تاشيول ئۇزارتىپ ياسىلىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
675 قىتىم
بۈگۈر ناﻫىيەسىنىڭ 2013-يىللىق ئومۇمىي پىلانىدا، ناﻫىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خەلق يولىنىڭ غەربىي، تىنچلىق يولىنىڭ شىمالى، بوستان يولىنىڭ جەنۇبىي، ئىتتىپاق يولىنىڭ غەربىي قاتارلىق تۆت يول بۆلىكى ئۇزارتىپ ياساش پىلانلانغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ تۆت ئورۇندىكى ناﻫىيە دەرىجىلىك تاشيول قۇرۇلۇشى بۈگۈر ناﻫىيەسىنىڭ بۇيىل بېكىتكەن 16تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەلرايى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈرنىڭ شەﻫەرلىشىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، قاتناش تورىنىڭ راۋانلىقىنى ئاشۇرۇپ، شەﻫەر-يېزىلارنىڭ بىر تۇتاش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن. يېڭىدىن ئۇزارتىلغان يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 1817 مېتىر، مۆلچەردىكى سېلىنما مەبلەغ 9مىليون 685مىڭ يۈەن بولۇپ. بۇ يىل ئاپرېلدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئۆكتەبىردە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى