guide
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ‹‹تۈرلەردە ئۆتكەلگە ﻫۇجۇم قىلىش يىلى›› پائالىيىتىدە 80 مىليارد يۈەن
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
673 قىتىم
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ‹‹ئىشنى باﻫاردىن باشلايلى، ئەمەلىي ئىشلەيلى›› ﻫەم ‹‹تۈرلەردە ئۆتكەلگە ﻫۇجۇم قىلىش يىلى›› تېمىسىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلاش كېلىشىمى ئىمزالاش پائالىيىتى 27 – فېۋرال رەسمىي باشلاندى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ناﻫىيە، شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى 22 كارخانا بىلەن ئىش باشلاش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ كارخانىلار سانائەت، ئېنېرگىيە ساﻫەسىدىكى 17 تۈرگە، سودا، ئوبوروت، ساياﻫەتچىلىك ساﻫەسىدىكى ئۈچ تۈرگە، ئىككى خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە 81 مىليارد 480 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ.
 2013 – يىلى كىرگەندىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق ﻫۆكۈمىتى ‹‹سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ <تۈرلەردە ئۆتكەلگە ﻫۇجۇم قىلىش يىلى> پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىﻬەسى›› توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى. چاغاندىن بۇرۇن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى پارتىيە، ﻫۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەﻫبەرلىرى ناﻫىيە، شەﻫەر، كارخانىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تۈرلەردە ئىش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ئىگىلەپ، ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تۈرلەرنى ياخشى باشلاشقا پۇختا ئاساس سالدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى