guide
توقسۇ ناﻫىيەسىدە يىغىن خىراجىتى %30 تىن كۆپرەك تېجەلدى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
762 قىتىم
 

   توقسۇ ناﻫىيەلىك پارتكوم تۆت يىغىننى بىرلەشتۈرۈپ ئېچىپ بىر يېرىم سائەتتە تۈگىتىپ، ۋاقىت ۋە ئىقتىسادنى تېجەپ، ۋاقىت ۋە زېﻬنىنى خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەشكە قاراتتى.
   28 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان توقسۇ ناﻫىيەسىنىڭ 2013 – يىللىق تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى، ئورگان، مەكتەپ، كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى روﻫىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ 2 – باسقۇچلۇق سەپەرۋەرلىك يىغىنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېچىلدى، يىغىن زالىغا گۈل قويۇلمىدى، لوزۇنكا ئېسىلمىدى، رەﻫبەرلەر كاتىپ تەييارلاپ بەرگەن ماتېرىيالنى ئوقۇپ بەرمەي، خىزمەتنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.
    مەركەزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، توقسۇ ناﻫىيەسى يىغىننى ئىخچاملاش، يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاش، يىغىننى ئازايتىش ۋە يىغىننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ﻫەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىلگىرىكى يىللاردا بەش كۈن ئېچىلىدىغان ناﻫىيەلىك پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى، خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىنى بۇ يىل ئۈچ كۈنگە قىسقارتتى؛ يىغىن ﻫۆججەتلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى زور دەرىجىدە ئىخچاملىدى؛ يىغىن قاتناشچىلىرىغا تارقىتىلىدىغان ﻫۆججەت سومكىسىنىڭ ئورنىغا يالتىراق خالتا تارقاتتى؛ يىغىن قاتناشچىلىرى يىغىنغا ئۆزى قەلەم ۋە خاتىرە ئېلىپ كىردى؛ يىغىندا ئۈگدەش ۋە يانفون ئويناش ئەﻫۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلەپ، ناچار يىغىن ئىستىلىنى تەرتىپكە سالدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ناﻫىيە بۇ يىل يانۋاردا يىغىن خىراجىتىنى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %30 تىن كۆپرەك تېجىگەن.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى