guide
يوپۇغا ناﻫىيەسىدە شەﻫەر–يېزا قىياپىتىنى يېڭىلاشقا ئەﻫمىيەت بېرىلدى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
661 قىتىم
 يوپۇغا ناﻫىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ 2012 – يىلىدىكى خەلق تۇرمۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 15 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا شەﻫەر – يېزا قىياپىتىنى يېڭىلاشقا ئەﻫمىيەت بېرىپ، يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلتۈردى.
    يوپۇغا ناﻫىيەسى بۇلتۇر 103 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناﻫىيە بازىرىدىكى مەدەنىيەت يولى ۋە ئۆلكە يولى 310 – لىنىيەسىنىڭ كىرىش ئېغىزى يول بۆلىكىنى كېڭەيتىپ ياساپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇردى؛ مەدەنىيەت يولى، ئەۋزەلقۇم غەربىي يولىنى كېڭەيتىش، غەربىي شەﻫەر رايونىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولىنى ئۆزگەرتىش، ناﻫىيە بازىرى تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ تۇرۇبىسى، ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يېزا – بازار شىپاخانىلىرىنىڭ ‹‹بىردە يېتەرلىك بولۇش، ئۈچلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى؛ 24 مىليون 490 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بەش يېزا – بازارنىڭ دېﻬقانچىلىق مەﻫسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى؛ 5500 يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، 8500 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ، ئاﻫالىلەرنىڭ ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلىدى؛ 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تەييۈ سانائەت رايونىنىڭ 20.43 كىلومېتىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، 34.9 كىلومېتىر سۇ تۇرۇبىسى ۋە پاسكىنا سۇ تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، سانائەت رايونى كۆلىمىنى 12 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن، ناﻫىيە بازىرى، يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلۈپ، جەلپ قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى