guide
ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك 84 مىڭ 900 نوپۇسنى كەسىپ ياردىمىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرما
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
580 قىتىم
 

   دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى يېڭى ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزىلىرىدا يەنە 130 مىڭ نامرات ئائىلە، 490 مىڭ نامرات نوپۇس بولۇپ، يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %32.3 ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇلاردىن 18 مىڭ 700 ئائىلە، 84 مىڭ 900 نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى بۇلتۇرقى 1700 يۈەن ئاساسىدا يەنە 800 يۈەندىن ئارتۇقراق كۆپەيتىپ، دۆلەت ئېلان قىلغان 2300 يۈەنلىك ئۆلچەم سىزىقىدىن 200 يۈەن ئاشۇرۇش نىشانىنى كونكرېت ئوتتۇرىغا قويدى.
  ئاقسۇ ۋىلايىتى يۇقىرىقى نىشاننىڭ مۇﻫىم نۇقتىسىنى نامراتلارغا كەسىپ ئارقىلىق يار – يۆلەك بولۇشقا قارىتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەشتىكى 14 باشلامچى كارخانىنى نامراتلارغا كەسىپلەر بويىچە يار – يۆلەك بولۇشقا تەشكىللىدى. بۇ كارخانىلار چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، يەم – خەشەك پىششىقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئۇچتۇرپان، باي ناﻫىيەلىرىدىكى نامرات دېﻬقان، چارۋىچىلار بىلەن قوناق، ماش – پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەت تېرىقچىلىقى ۋە ئۇنى قوغدىما باﻫادا سېتىۋېلىش توغرىسىدا ﻫەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. باشقا ناﻫىيە (شەﻫەر) لەرمۇ باشلامچى كارخانىلار بىلەن نامرات ئائىلىلەرنى بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئالاﻫىدە تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، ئەسلىﻬەلىك يېزا ئىگىلىكى، ﻫويلا – ئاران ئىگىلىكى ۋە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى