ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 691 قىتىم
بۇلتۇردىن بۇيان، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىدىن 23 مىليون 390 مىڭى ئازىيىپ، ئومۇمىي سانى 98 مىليون 990 مىڭغا چۈشۈپ، يېزا نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10.2 كە تۆۋەنلىدى. 2012-يىلى ئېلىمىز نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش سېلىنمىسىنى يەنىمۇ كۆپەيتتى، مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى ﻫەر تەرەپلىمە يۆلەش سېلىنمىسى 299 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %31.9 ئاشتى. 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەر مالىيە خامچوتىدىن 14 مىليارد 780 مىليون يۈەن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى، مەركەزنىڭ نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەشكە سالغان بىۋاسىتە ياردەم مەبلىغى بىر مىليارد 898 مىليون يۈەن بولدى، تۈرلۈك مەبلەغدىن توققۇز مىليارد 34 مىليون يۈەن كىرگۈزۈشكە ياردەم بەردى. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، گوۋۇيۈەن 11 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاﻫىدە نامرات رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ﻫۇجۇم قىلىش پىلانىنى تولۇق تەستىقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇتاش كەتكەن جايلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ﻫۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، بىر قىسىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇل ئەسلىﻬە تۈرلىرىنى ئالدى بىلەن يولغا قويدى، 310 ئورۇن نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەشكە قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناﻫىيەلەر تۇنجى قېتىم تولۇق قاپلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەز مالىيەسى مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندىدىن 900 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىشلەتتى. ئابا ئوبلاستىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بوغۇم يوغىناش كېسىلىدىن ﻫەر تەرەپلىمە ساقلىنىش، داۋالاش سىناق خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى. شىزاڭدىكى دەريادىن ئۆتىدىغان سىيرىلما غالتەكلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 30 مىڭ نامرات كەنتنىڭ قىياپىتىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ، ياشاش شارائىتى ناچار جايلاردىكى ئىككى مىليون 400 مىڭ يېزا نامرات نوپۇسىنى باشقا جايلارغا كۆچۈرىدۇ.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
پەيزاۋات ناﻫىيەسىدە دېﻬقان-چارۋىچىلار ئېرىشكەن تۈرلۈك تولۇقلىما پۇل ﻫەربىر يېزا نوپۇسىغا 2700يۈەندىن
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خ
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 94مىليارد 770مىليون يۈەنگە، ئېشىش نىس
ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەركىزى چاغان مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشتىن ئىل