guide
بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىدە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى داۋاملىق چىڭ تۇتۇلىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
727 قىتىم
  ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىلقى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىدا مۇﻫىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلەرنى بالدۇر پىلانلاش، قۇرۇلۇشنى بالدۇر باشلاش، خەلقنى بالدۇر نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى، بۇلار مۇنۇ جەﻫەتلەردە ئىپادىلەندى:
   ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە 42 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، 800 ئائىلىلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، شەﻫەر – بازارلاردا 12 مىڭ 400 يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي سېلىش، 10 مىڭ 300 ئائىلىلىك كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.
   14 نۇقتىلىق نامرات كەنتنى كەنت بويىچە تەرتىپكە سېلىش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 18 مىڭ 700 ئائىلە، 84 مىڭ 900 ئاﻫالىنى نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى بېكىتىلدى.
   يېزا يېڭىچە ﻫەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەبلەغ توپلاش ئۆلچىمىنى 360 يۈەنگە، داۋالىنىش چىقىمىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى %75كە يەتكۈزۈش تەدبىرى رەسمىي يولغا قويۇلدى.
   تۈرلۈك ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تۈزۈمى، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن باراۋەر بەﻫرىمەن بولۇش ﻫوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
  ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇ يىل يولغا قويۇلىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى يەنە ئاشلىق، ياغ، گۆش بىلەن تەمىنلەش، زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باﻫانى مۇقىملاشتۇرۇش، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىغا ۋاقىتلىق باﻫا ياردەم پۇلى بېرىش، تەبىئى گازدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەﻫەر – بازارلاردا گازدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى %70كە يەتكۈزۈش، بۇنى تەدرىجىي يېزىلارغىچە كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى