پەيزاۋات ناﻫىيەسىدە دېﻬقان-چارۋىچىلار ئېرىشكەن تۈرلۈك تولۇقلىما پۇل ﻫەربىر يېزا نوپۇسىغا 2700يۈەندىن
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 682 قىتىم
بۇ ناﻫىيە ئۆتكەن يىلى خىزمەتنىڭ مۇﻫىم نۇقتىسىنى پارتىيەنىڭ دېﻬقان-چارۋىچىلارغا قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، يۇقىردىن بېرىلىدىغان تۈرلۈك تولۇقلىما پۇللارنىڭ سوممىسى، مەنپەئەتلەنگۈچى ئاممىنىڭ مەنپەئەتلىنىش ئەﻫۋالى قاتارلىق ئاشكارىلاشقا تېگشلىك مەزمۇنلارنى تولۇق ئاشكارىلىدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دېﻬقان -چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئەۋەتىپ، تولۇقلىما پۇللارنىڭ ئۇلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، تولۇق تېگىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ئۆتكەن يىلى بۇ ناﻫىيەدىكى دېﻬقان-چارۋىچىلار ئېرىشكەن تولۇقلىما پۇل تۈرى 69خىلغا، ئومۇمىي سوممىسى 883 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرىغا تارقىتىلغان پۇل 160مىليون يۈەن، ﻫەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان، ياتاقتا يېتىپ داۋالانغانلارغا تولۇقلاپ بېرىلگەن پۇل 108مىليون يۈەنگە، بۇغداي، قوناق، كېۋەز ئۇرۇقلۇق ياردەم پۇلى ۋە يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى تولۇقلىما پۇلى 60مىليون يۈەنگە يەتكەن. پۈتۈن يىلدا تارقىتىلىپ بېرىلگەن ﻫەرخىل تولۇقلىما پۇل ﻫەربىر يېزا نوپۇسىغا ئوتتۇرا ﻫېساب بىلەن 2700يۈەندىن توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلقى كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ%49.4 نى ئىگىلىگەن.

يىلىغا 300 مىڭ توننا يېزائىگىلىك قوشۇمچە مەﻫسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى قەشقەر شەﻫىرىگە ماكانلاش
ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەركىزى چاغان مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشتىن ئىل