سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقى پۈتتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 738 قىتىم
مۇخبىرىمىز مېﻬرىگۈل تۇردىنىڭ ئىگىلىشىچە، 25–يانۋاردىن 30–يانۋارغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقى ئومۇميۈزلۈك پۈتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ شىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 526 ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كونا ئەزا 237 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %45.06 ىنى؛ يېڭى ئەزا 289 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %54.94 ىنى ئىگىلىگەن.
بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە، پارتىيە ئەزالىرى 258 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %49.05 ىنى؛ دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇﻫلار، پارتىيە گۇرۇﻫسىز زاتلار ۋە باشقا پارتىيەسىز زاتلار 268 بولۇپ، %50.95 ىنى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر 256 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %48.67 ىنى، خەنزۇلار 270 بولۇپ، %51.33 ىنى؛ ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئەزا 510 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %96.96 ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا يېڭى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئېﻬتىياجىنى كۆزدە تۇتقان ﻫالدا يېڭىدىن ‹‹تاشقى دوستلۇق›› ساﻫەسىدىكىلەردىن 30 ى كۆپەيتىلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىن ئالتە كۈن ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئالتە قېتىم ئومۇمىي يىغىن، يەتتە قېتىم گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسى، بىر قېتىم بىرلەشمە مۇزاكىرە، ئۈچ قېتىم ﻫەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
22–يانۋار سائەت 19 غىچە، يىغىن تەكلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 189 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغان. بۇ تەكلىپلەر ئاساسلىقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، پەن–تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەﻫىيە، تەنتەربىيە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە سىياسىي–قانۇن قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەركىزى چاغان مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشتىن ئىل