guide
ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەركىزى چاغان مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشتىن ئىل
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
676 قىتىم
  چاغانلىق يولۇچى توشۇش يۇقىرى دولقۇنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تارماقلىرى: ﻫازىر، ئۈرۈمچى شەﻫىرى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلار تارقىلىشچان زۇكام ئەۋج ئېلىش ﻫالىتىدە تۇرماقتا، يۇرتقا قايتىش سەپىرىدە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى سەپەرگە چىقىشتىن ئىككى ﻫەپتە بۇرۇن، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىش ﻫەم ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى.
  ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ فېڭ: چاغانلىق سەپەر ياكى ئۇرۇق–تۇغقان، يارۇ–بۇرادەرلەرنى يوقلاشقا بارغاندا تارقىلىشچان زۇكامدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىش. ۋوگزال ۋە ئايروپىلاننىڭ كۈتۈش ئۆيلىرى كىشىلەر توپلىشىدىغان سورۇن، ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن باشقا ماسكا تاقىۋېلىشمۇ ئاددىي، ئەپچىل چارە، دېدى.