زەﻫەرلىك چىكىملىك
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-28
- كۆرۈلۈشى:
- 1276 قىتىم

زەھەر دىگەن سۆزنى ئاڭلىسام پۈتۈن بەدىنىم تىتىرەپ كىتىدۇ . قەلبىمنى بىر خىل قورقۇنۇچ ۋەھىمىسى قاپلايدۇ . ۋۇجۇدۇم شۈركۈنىدا بەلكىم باشقىلارمۇ مەندەك تۇيغۇدا ئازاپلىنىۋاتقان بولسا كىرەك .
زەھەر ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي ھاياتى سالامەتلىكى ئەقىل تەپەككۇرى جەمىيەتنىڭ - تىنىچ - ئىتتىپاق تەرەققىياتىنى ئىغىر زىيانغا ئۇچراتقۇچى خەلىق ئارالىق ئاپەتتۇر . ئىنسانلار روھىنى چىرىتىپ ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقنى نابۇت قىلغۇچىدۇر . زورلاپ كىپ ئۆزىنى ھالاك بەخىتلىك ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇچى پارازىت قۇرۇتتۇر . توغرا يولدا ماڭغۇچىنى ئازدۇرغۇچى ھىيلىگەر شەيتاندۇر . جىنسىي ھىسسىيات تەلپۈنۈش ئىشقىدا ئىڭراتقۇچى خەتەرلىك ساقايماس كېسەل مەنبەسىدۇر . ئۇلۇغ ئارزۇ غايە ئىشەنچ - ئۈمۈد تەۋرىمەس ئىرادە چىدام - غەيرەت سەۋىر - تاقەت چىن كۆڭۈلدىكى سەمىمىي نىيەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئالدىدا مەغلۇب بولغۇچى ئاجىز دۈشمەندۇر . كىشىلەرنى تالاي ئاچچىق ساۋاتلار تىراگىدىيەسىدن چۆچۈتۈپ ۋە ئويغۇتۇپ ھەر بىر ئادەمنى ئۆز - ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئۈندەيدىغان ئىچىنىشلىق پاجىئەدۇر . ئىبرەت - ئىبرەت ئۇ ئازغۇنلارنى مەئىشىتى بىلەن ئۆگۈتۈپ مال - دۇنيا تاپقان - تەرگىنىنى بىر مۇ بىر تۈگۈتۈپ بىر تىرە - بىر ئۇستۇخان ھالىتىدە قالدۇرۇپ جاننى ئالغۇچى رەھىمسىز ئەزرائىلدۇر .
مەنبە ____________يۈرەك نىمە دەيدۇ .