guide
ناركوتىك زەﻫەر(زەﻫەرلىك چىكىملىك)
يوللانغان ۋاقتى :
01-26
كۆرۈلۈشى:
1055 قىتىم
تېلېۋىزۇر،گېزىت-ژۇرناللاردىن زەﻫەرلىك چەككۈچلەر ﻫەققدە كۇپلىگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان بۇلشىلار مۇمكىن.ئۇنداقتا،ئۇلارنىقانداق نەرسە ئالتۇندەك گۈزەل ياشلىق باﻫارنى قەدىرلىمەي ئۆز-ئۆزنى ۋەيران قىلىشقا مەجبۇرلىغاندۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا ،يەنى ناركوتىك زەﻫەرلەر. تاركوتىك زەﻫەر داۋالاش،تەتقىقات،ئۇقۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى قالايمىقان ئىشلىتىش ئارقىلىق خۇمار پەيدا قىلدىغان مادىلاردىن ئىبارەت.ئادەتتە ناركوتىك زەﻫەرلەردىن كۇكايىن،نەشە،ئەپيۇن،خىرۇيىن، كىرىستال مۇز،قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


كۇكايىن يەنە كۇكايىن ئىشقارى دەپمۇ ئاتلىدۇ.ئۇ ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان خىمىۋىي ماددا بۇلۇپ ئادەملەرنى مەس قىسمەن مەس قىلىدۇ.زەﻫرى ناﻫايىتى كۈچلۈك، ئۇزاق ئىشلىتىسە رۇﻫى كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ.كۆپ مىقداردا ئىشلىتىسە تاترتشىپ قىلىش،ئىغىر بولغاندا نەپەس بۇغلۇش، نەپەس زەييىپلىششنى كەلتۈرۈپ ئۈلۈشنى كەلتۇرۇپ چىقرىدۇ.
نەشە -كەندىر دىن ياسلىدۇ. ئەپيۇندىن كىيىنلا تۇردىغان زەﻫەر ﻫىساپلىندۇ.ئادەتتە 7 مىللىگىرام چەكسە خۇشال خۇرامىلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ ،خۇمار تۇيغۇسىنى كەلتۇرۇپ چىقرىدۇ.
مېدىستنالىق تەجىرىبە-سىناقلاردىن مەلۇم بولشىچە نەشنى ئۇزاق ۋاقت چەكسە ئۇيقۇسىزلىق،ئىشتﻬاسى تۇتۇلۇش،قۇسۇش،كەيپىيات جەﻫەتىكى تۇراقسىزلىق ۋە خام-خىيال پەيدا قىلىدۇ.كىشلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش،ﻫۈكۈم قىلىش ئىقتىدارنى تۇۋەنلىتۋىتدۇ.ئېمۇنىت سىستىمسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ساغلاملىققا ئىغىر تەسىر يەتكۈزدۇ.
خىرۇيىن يەنى "ئاق پاراسۇك"،زەﻫرى ئەڭ كۈچلۈك ،تەمى ئاچچىق . ئۇ مۇرفىندىن خىمىۋىي رىئاكسىيە ئارقىلىق ئىلنىدۇ. ئادەم تىنگە ﻫىچقانداق پايدىسى يوق، كۈچلۈك خۇمار پەيدا قىلىدۇ.ئادەم بەدىنىگە ئىغىر زىيان يەتكۈزدۇ. خۇمار پەيدا بولغاندا ئادەمنى چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابى پەيدا قىلدۇ.ئېمۇنىت سىستىمسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ساغلاملىققا ئىغىر تەسىر يەتكۈزدۇ. ﻫەرخىل ئەگشمە كىسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقرىدۇ.


زەﻫەرلىك چىكىملىك ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۇشمىنى. جەميەتكە بولغان تەسىرى ئىنتايىن يامان ، ئىقسادقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ شۇ ئادەم ۋە شۇ ئائىلىنىڭ خانە ۋەيران بولشىنى كەلتۇرۇپ چىقرىدۇ.