guide
ئۈرۈمچى ساقچىلىرى ئالاﻫىدە چوڭ كىرىستال زەﻫەر دېلوسىنى پاش قىلدى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
777 قىتىم
  يېقىندا، ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك ج خ ئىدارىسى زەﻫەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئۇلانباي ﻫەق يىغىش پونكىتىدا زەﻫەر توشۇشقا دائىر ئالاﻫىدە چوڭ دېلونى پاش قىلغان بولۇپ، تۆت نەپەر جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ جىنايىتى زەﻫەر توشۇش، ئىككىسىنىڭ جىنايىتى زەﻫەر چىكىش بولۇپ، دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن 1900 گىرامدىن ئارتۇق كىرىستال زەﻫەر، 831 دانە كىرىستال زەﻫەر تابلىتى قولغا چۈشۈرۈلگەن.

  بۇ دېلو ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تەرىپىدىن نازارەت دەرىجىلىك نىشانلىق دېلو قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ساقچى تەرەپ دېلو ئەﻫۋالىنى ئۇنىۋېرسال تەﻫلىل قىلغاندىن كېيىن ﻫەرىكەتكە كېلىپ، 14-فېۋرال جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە زور ﻫەجىمدىكى زەﻫەرنى قولغا چۈشۈرگەن.