guide
غۇلجىدا ئىچىگە خىروئېن قاچىلانغان ئويۇنچۇق ئېيىقچاق بايقالدى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1180 قىتىم
  19-مارت، بىر بۇيرۇق بىلەن شىنجاڭ غۇلجا شەﻫىرىنىڭ بىر ﻫەمكارلىق رايونىدىكى مال توشۇش ﻫويلىسىدا ساقچىلار پوسۇلكىنى ئالغىلى كەلگەن نا xنى تۇتۇپ، 500 گرام خىروئېننى قولغا چۈشۈردى.

  بۇلتۇر 12-ئايدا، غۇلجا شەﻫەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى زەﻫەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىلار بىر كىشىنىڭ دائىم گۇاڭجۇدىن غۇلجىغا زەﻫەر يۆتكەپ كېلىپ ساتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى. يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن .

  19-مارت، ساقچىلار بىر تۈركۈم «مال»نىڭ غۇلجا شەﻫىرىگە يىتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشىپ، يۈك توشۇش ئورنىنىڭ ئەتراپىنى قامال قىلغان. سائەت 17:00لەردە، پوسۇلكا ئىلگىرىكىدەكلا ۋاقتىدا يۈك تۇشۇش ئورنىغا يېتىپ كەلگەن.

  بىر ئايال يۈك توشۇش ئورنىغا كېلىپ پوسۇلكىنى ئېلىپ ماڭغاندا، ساقلاپ تۇرغان ساقچىلار دەرﻫال ئۇنى قولغا ئېلىپ نەق مەيداندا پوسۇلكا ئىچىدىكى بىر ئۇيۇنچۇق ئېيىقنىڭ ئىچىدىن 500 گرام خىروئېننى قولغا چۈشۈرگەن.ناX نىڭ تاپشۇرۇشىچە، 22-فېۋرال، ئۇ گۇاڭجۇدىكى تۇX (ئەر) دىن زەﻫەر سېتىۋالغان بولۇپ، ﻫاۋالىلىك توشۇغۇچىلار ئارقىلىق زەﻫەرنى غۇلجىغا يۆتكەپ كەلگەن ئىكەن.

  نۆۋەتتە، بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە. (ليۇ چىڭشيا، خوڭ سىسى)

  مەنبە: خەلق تورى