زەﻫەر ئېلىپ-ساتقۇچىلار نەق مەيداندا تۇتۇلدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 920 قىتىم
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان گايىت خەۋىرى: يېقىندا، بۈگۈر ناﻫىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى زەﻫەر ئېلىپ-سېتىشقا چېتىشلىق ئالتە نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، 1000گرام مۇزسىمان زەﻫەرنى قولغا چۈشۈردى.
ئىگىلىنىشچە، بۈگۈر ناﻫىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىرەيلەننىڭ زەﻫەرلىك چېكىملىكنى كورلا شەﻫىرىگە ئاپىرىپ ساتماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، دەرﻫال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تۇرغۇزۇپ، 30دىن ئارتۇق ساقچى كۈچىنى ئاجراتقان، ﻫەمدە كورلا شەﻫىرىدىكى مەلۇم بىر مېﻬمانخانىدا، ياڭ فامىلىلىك قاتارلىق ئالتە نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى زەﻫەر سودىسى قىلىۋاتقان نەق مەيداندىن تۇتۇپ، 1000گرام مۇزسىمان زەﻫەرنى قولغا چۈشۈرگەن.