خېروئىن بىلەن ساختا دورىنىڭ سۆﻫبىتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-02
- كۆرۈلۈشى:
- 1363 قىتىم
بۇ كۈنلەردە خېروئىن بىلەن ساختا دورا بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالداپ، ئىگىلىرىنى نۇرغۇن ئىقتىسادقا ئىگە قىلىپ كەلمەكتە.
راستىنى ئېيتقاندا خېروئىن ساختا دورىغا بەكلا ﻫەسەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
بىر كۈنى خېروئىن ساختا دورىغا ئىچىنى تازا بوشىتىپ ئۇنىڭ شۇنچە بازار تېپىپ كېتىشىدىكى سىرىنى بىلمەكچى بولۇپ ئۇنى چاي سۆﻫبىتىگە تەكلىپ قىلدى.
خېروئىن ساختا دورىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش كويىدا مول داستىخان ﻫازىرلىغان ئىدى. ساختا دورا خېروئىننىڭ داستىخىنىغا ئۆز ۋاقتىدا داخىل بولدى. ئۇ بەكلا سالاپەتلىك ﻫەم تەكەببۇر بولۇپ كەتكەن ئىدى.
-دوستۇم ساختا دورا ئېيتىپ باققىنا بىز بىر يولدىكى دوستمۇ- ئەمەسمۇ؟
-ﻫەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە زور زىيان سالىدىغان، ئۇلارنىڭ قىسقىغىنا ﻫەم قىممەتلىك ﻫاياتىنى ناﻫايىتى تېز نابۇت قىلىدىغان مەلئۇن بىز- دېدى ساختا دورا جاۋابەن.
-سۆزلىرىڭ بەك ئورۇنلۇق بولدى دوستۇم، ﻫەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتنىڭ رەزىل دۈشمىنى. ئەمما مەن بەزىدە سېنىڭ شۇنچىۋالا بازار تېپىپ كېتىۋاتقىنىڭغا قاراپ ساڭا ﻫەسەت قىلىپمۇ قويىمەن. بۇ، ئىنسانلارنىڭ ﻫازىرقى زامان تىلى بويىچە «رىقابەت» دېيىلىدۇ.
-ئېيتىپ باقە، سېنىڭ نېمە سىرىڭ بار؟- دېدى خېروئىن ساختا دورىغا ئېسىل شارابنى بېلىق كۆزى رومكىغا قۇيغاچ .
-دوستۇم ساڭا ئېيتىپ بېرەي،- ساختا دورا تەمكىن سۆزلەشكە باشلىدى.
-مېنىڭ ئىگىلىرىم ﻫېسابلىنىدىغان ئاشۇ بىر قىسىم كىشىلەر خۇددى سېنىڭ ئىگىلىرىڭگە ئوخشاشلا رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان بولغاچقا ئۇلاردا ۋىجدان،ئىنساب، دىيانەت نېمە قىلسۇن؟ شۇڭلاشقا ئىگىلىرىم مېنى ﻫەرقايسى تاراتقۇ بولۇپمۇ رادىيو -تېلېۋىزىيە ئارقىلىق بولۇشىغا كۆپتۈرۈپ ماختايدۇ. ئۇنداق پايدا قىلىدۇ يەي،بۇنداق تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ يەي دەپ، كۈندە نەچچە قېتىملاپ ئېلان قىلىۋەرگەچكە ماڭا خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاسانلا ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتتى......
ساختا دورا بەكلا مەنمەنچى سۆزمەن بولغاچقا سۆزدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
-ساڭا دېسەم دوستۇم، بىزنىڭ بازار تېپىشىمىز ئىگىلىرىمىزنىڭ ﻫىيلىگەرلىكىگە، چىرايلىق گەپ بىلەن ئېيتقاندا ئەقىل-پاراسىتىگە باغلىق. مېنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ماختاپ ساتىدۇ، سېنى بۇلۇڭ-پۇچقاقتا ناﻫايىتى ئېﻬتىياتچانلىق بىلەن ساتىدۇ. شۇڭا ﻫازىر مېنىڭ ئىگەمگە يەتكۈزىدىغان ﻫارام پايدام سېنىڭ يەتكۈزىدىغان ﻫارام پايداڭدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. بۇ گەپلەرنى مەن ئۆزۈمچە دېۋالمىدىم. مەن بۇنى ئىگەمدىن كۆپ ئاڭلىغان.
-ماڭا ئىشىنىپ راست گېپىڭنى ئېيتقىنىڭغا رەﻫمەت،- دېدى خېروئىن ﻫەرخىل مەزەلەر بىلەن تويۇپ كەتكەن قورسىقىنى سىلىغاچ.
-بىر قىسىم ئىنسانلار ﻫەقىقەتەنمۇ بەك نادان، مەنمۇ قايسى مىللەتتە نادانلىق ئەۋج ئالسا شۇ توپ ئىچىدە بەكلا بازار تاپىمەن. مېنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسى بارغانسېرى كىچىك ياشتىكىلەرگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. مەن ئۇلارنى ئۇ دۇنياغا بالدۇرراق ئۇزىتىۋېتىش بىلەن ئالدىراشلا يۈرىمەن.
-مەنمۇ شۇ،– دېدى ساختا دورا.
-گەرچە نۆۋەتتە تېببىي ئىلىم زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئايرىم كىشىلەرنىڭ ﻫاماقەتلىكى تۈپەيلى مەنمۇ بازىرى ئىتتىك مەﻫسۇلاتقا ئايلاندىم. جەمئىيەت ماڭا زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ مېنىڭ ئىگىلىرىم تۈرلۈك قانۇنسىز يوللار بىلەن مېنى يەنىلا كەڭ كۆلەمدە سېتىپ چىقىرىپ كېسەل داۋالاش تۈگۈل تېخىمۇ ئېغىر، غەلىتە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلماقتا. بىز ﻫازىر رەزىللىكتە رېكورت ياراتتۇق دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. قىسقىسى ﻫەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە ئاپەت ﻫېسابلىنىمىز. شۇڭا ئىنسانلار بىزگە ﻫەر ۋاقىت غەزەپ-نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بىزنى يوقىتىشقا تىرىشماقتا.
-جان جىگەر دوستۇم، سەن ﻫاراقنى جىق ئىچىۋالدىڭ،سەن بۈگۈن مېنىڭ يېنىمدا قونۇپ قالغىن، بىز كېچىچە ئىگىلىرىمىزگە ئۆمۈر بويى سادىق بولۇش، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ يېڭىدىن-يېڭى پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقايلى،- دېدى كەيپى چاغ بولغان خېروئىن.
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك سۆﻫبەتلىرى ﻫېچ ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلمايتتى.
بايىنغولىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تۇرسۇنجان ئابدۇرېﻬىم
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى