guide
ئېزىپ كەتكەن ئوغۇلبالىچىلىق
يوللانغان ۋاقتى :
04-02
كۆرۈلۈشى:
1143 قىتىم
كەيىپ قىلالمىغان ئوغۇلبالا ئەمەس، ئوغۇلبالا ﻫاراق ئىچەلەيدۇ،  تاماكا چېكىش دېگەن ئەركىشىنىڭ ئىشى، قىزبالا چېكەلىگەن خىروئىننى چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئادەم ئەركەك ئەمەس...
   بىز دائىم يۇقۇرقىدەك بىر تەرەپلىمە ئوغۇلبالىچىلىق توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. كەيىپ-ساپا سورۇنىدا  ئوغۇلبالىچىلىقنى تەلەپ قىلىش ﻫەم كەيىپ-ساپا سورۇنىدا بىر تەرەپلىمە غورۇر چۈشەنچىسى بۇيىچە ئوغۇلبالىچىلىقنى نامايەن قىلىپ، ئوغۇلبالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ ئوغۇلبالىنىڭ جىسمى بىلەن روﻫىنى نابۇت قىلىشقا يۈزلىنىش ئەﻫۋاللىرى خەلقىمىز ئارىسىدا خېلى ئېغىر بولىۋاتىدۇ. دىمىسىمۇ ﻫاراق ئىچىشنى ئۆگۈنۈش، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىش، پائىشە بىلەن پائىشەخانىلارنى يوقلاپ تۇرۇش، خىروئىن چېكىش ﻫەم ئوكۇل قىلىپ ئورۇشقا قىزىقتۇرۇپ زەﻫەرگە  خۇمار بولۇشقا باشلاپ بارىدىغان ئوغۇلبالىچىلىقنىڭ  ﻫەقىقى مەنىدىكى ئوغۇلبالىچىلىق ئەمەسلىگىنى كۆپ ساندىكىلىرىمىز بىلمەي قالمايمىز. ئەمما، ئەنە شۇنداق مۇﻫىت-سورۇنغا دۈچ كەلگەندە غورۇر پىسخىكىمىزدىكى بىر تەرەپلىمە ئوغۇلبالىچىلىق قارىشىمىزدىن باشقىلار ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ بىزنى يامان يوللارغا باشلايدۇ. دېمەك، ئوغۇلبالىچىلىقنى نەدە، نېمە ئۈچۈن  ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك بىلەن زىيان تارتىۋاتقان، نابۇت بولىۋاتقان ئوغۇلبالا-ئەركەكلىرىمىز كەيىپ-ساپا سورىنىدا ئاز بولمايۋاتىدۇ.   بۇنداق چۈشەنچە مەدەنىيەت پىسخىكىمىزدىكى ئاجىزلىق،شۇنداقلا   ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلەش قارىشى بىلەن مىللى مەدەنىيەت مۇﻫىتىمىزدىكى ئوغۇل-قىزلىق پەرق چۈشەنچىمىزدىكى مەسىلىلەر بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا ئوغۇلبالا يۈرەكلىك بولۇشى كېرەك، ئوغۇلبالا باشقىلار قىلالىغاننى قىلالايدىغان  بولۇشى كېرەك، ئوغۇلبالا   قىزبالىنىڭ ئالدىدا سۇندۇرۇلسا بولمايدۇ دېگەندەك ياخشى نىيەتتىكى  تەربىيىلەش قاراشلىرىغا نېمە قىلسا بولىدىغان ﻫەم  نېمە قىلسا بولمايدىغانلىقى بەك سىڭدۈرۈلمىگەچكە، توغرا-خاتانى بەك ئايرىيالمايدىغان ئوغۇلبالىچىلىق چۈشەنچىسىدىكىلەر ئۆز چۈشەنچىسىدىكى ئوغۇلبالىچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كىتىۋاتىدۇ.
   مەن ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەردە ﻫەم ئوقۇغان كىتاپلاردا ﻫاراق ئىچىش بىلەن خىروئىن چېكىشنى ئوغۇلبالىنىڭ قىلىدىغان ئىشى دەپ قاراپ، ئاقىۋەت ئوغۇلبالا بولالماي بەلكى خارلىنىپ، كەمسىتىلىپ،ﻫۆرمىتى- قەدىر-قىممىتى بولماي قالغان ئەﻫۋاللار خېلى كۆپ بولۇپ، بىر تەرەپلىمە ئوغۇلبالدارچىلىق چۈشەنچىسى نۇرغۇن ياشلارنى يامان يوللارغا باشلاپ كەتكەن ئىدى. . ئەسلىدە ئوغۇلبالا دېگەن كەيىپ-ساپادا ئوغۇلبالىچىلىق قىلىپ ئوتتۇرىغا سەكرىمەي، بەلكى ناﻫەقچىلىق، يولسىزلىق، ئادالەتسىزلىك، كەمسىتىش-كۆزگە ئىلماسلىق، بوزەك قىلىش ئالدىدا مەيدانغا چىقىپ، ئوغۇلبالىچىلىقنى نامايەن قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەتراپىمىزدىكى تۇنۇش خارەكتېرلىق خاتالىققا سۈكۈت قىلىش، توغرا بولمىغان چۈشەنچىلەرگە پەرۋا قىلماسلىق، بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا رەددىيە-تەنقىت بەرمەسلىك پۇزىتسىيەدىكى سۇسلۇق بولۇپ، بۇنداق مەدەنىيەت پىسخىكىسى مۇﻫىتى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ.