ئۆسمۈرلۈك ﻫاياتىمنى نابۇت قىلغان چۇمادۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-02
- كۆرۈلۈشى:
- 1193 قىتىم

ئاتا-ئانامنىڭ تەربىيىسىدە پاك ۋۇجۇدۇمدا (ﻫۇجۇدۇمدا) يامانلىق، ئەخلاقسىزلىقنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ يوق ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ساددا چوڭ بولغانىدىم. قەلبىمگە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ، غەم-ئەندىشىسىز مەكتەپ ﻫاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم. كۈچلۈك ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇشقا تاقەت قىلالماي تولۇقسىزدىنلا ئىمتىﻬان بېرىپ، ئۆزۈم كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلغان كەسىپكە ئۆتتۈم ۋە ئاتا-ئانامغا چوقۇم ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىم توغرىسىدا چىرايلىق ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ، 16 ياشنىڭ قارىسىنى ئالا-ئالمايلا باشقا شەﻫەرگە ئوقۇشقا ماڭدىم.
خىيالىمدىكى مەكتىپىمگىمۇ كەلدىم.يېڭى مۇﻫىتقا ناﻫايىتى تېزلا ماسلىشىپ، پۈتۈن زېﻬنىمنى ئوقۇشقا قاراتتىم.بىراق، مۇساپىر بولمىغۇچە مۇساپىرنىڭ دەردىنى چۈشەنمەيدىغان گەپكەن. ئۆيدىكىلەرنىڭ «بالام، كىشىنىڭ يۇرتىدا جان بېقىش ئاسان ئەمەس، سىز تېخى كىچىك، تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇپ، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك، ﻫاجىتىڭىزدىن چىقالىغۇدەك بولغاندا ئاندىن كەسىپ ئوقۇڭ» دېگەنلىرىگە كۆنمەي، «مەن دېگەن ئوغۇل بالا تۇرسام، خاتىرجەم بولۇڭلار» دەپ، كەسپىي مەكتەپكە كىچىكلا كېلىۋالغاننىڭ دەردىنى تارتىشقا باشلىدىم: ياتاققا بۆلۈنۈپ بىر كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا، تۇغۇلۇپ ﻫازىرغىچە ئاتا-ئانامدىنمۇ يەپ باقمىغان مۇشت، كاچاتلار تېخى سەپەرنىڭ ﻫاردۇقى چىقمىغان زەئىپ تېنىمنى تېخىمۇ ئېزىپ، ناتونۇش شەﻫەردىكى تۇنجى ئۇيقۇمنى نەلەرگىدۇر قاچۇرىۋەتتى. ئەس-ﻫۇشۇمنى يىغىپ قارىسام، ئالدىمدا بىر نەچچە لۈكچەك سۈپەت بالىلار تۇرۇپتۇ، يېرىم كېچە بىلەن ﻫېسابلاشمايلا سۇئال-سوراقلار باشلىنىپ كەتتى.بۇنىڭ نېمە ۋەقە ئىكەنلىكىنى بەلكىم ئوقۇرمەنلەر بىلىپ بولدى، بۇ دەل ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاتالمىش «يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش» ۋەقەسى ئىكەن.
ئوقۇش ﻫاياتىم مانا مۇشۇنداق ﻫارام تاياق بىلەن باشلاندى. بىراق بۇنداق زومىگەرلىك ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمغا ئازراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئوغۇل بالا تۇرۇپ باشقىلارغا بوزەك بولدۇم دەپ ئۆيدىكىلەرگىمۇ ئېيتىپ يۈرمىدىم.
غورۇرۇم كۈچلۈك بولغاچقا، تۇنجى كۈنى ﻫېلىقى لۈكچەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ گېپىگە كۆنمەي جىق تاياق يەپ كەتكەنتىم. نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلار يەنە «يوقلاپ» كىردى. بىراق پوزىتسىيىسى ئالدىنقىغا ئانچە ئوخشىمىدى. ئۇلار مېنىڭ ئوغۇل بالىدەك مىجەزىمنى ياقتۇرۇپ قاپتىمىش. ئارىدىن بىرى مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق چىقىپ قالدى، بۇندىن كېيىن ياخشى ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ ئۆتۈشنى ئېيتتى، ئۇنداق زومىگەر بۇلاڭچىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى خالىمىساممۇ، ئارتۇق ئۇرۇش-جېدەل بىلەن خوشۇم يوقلۇقى ﻫەم ياتاقداشلىرىمنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن قول بېرىشىپ ئاغىنە بولۇشتۇم. ئاندىن ئۇلار يەنە باشقا ياتاقتىكى بالىلارنى بوزەك قىلغىلى، يېمەكلىكلىرىنى بۇلىغىلى چىقىپ كېتىشتى. مېنى تارتىشقانتى، ﻫېرىپ كەتتىم دەپ باﻫانە قىلىپ قېپقالدىم.
دەرسلىرىمنى يەنىلا شۇنداق ياخشى ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم. ﻫېلىقى «ئاغىنىلىرىم» بىلەنمۇ مۇنداقلا سالاملىشىپ قويۇپ يۈردۈم.
كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ، بىر مەۋسۈم ناﻫايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، تېشىمدا كۈلۈپ چاندۇرماي يۈرگىنىم بىلەن، ئۆينى، ئاتا-ئانامنى، ئەڭ مۇﻫىمى ماڭا خۇددى بالىلار باغچىسىدەك بىخەتەر تۇيۇلىدىغان يۇرتۇمنى بەكمۇ سېغىندىم...
تەتىلىمىز توشۇپ، مەكتەپكە يەنە قايتىپ كەلدىم.ئەمدى مېنى ﻫېچكىم بوزەك قىلمايدۇ، دەپ ئويلىدىم، چۈنكى مەن ئەمدى مەكتەپكە كونىراپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ﻫېلىقى بۇلاڭچىلار بىلەن شەكىلگە بولسىمۇ ئاغىنىدارچىلىقىم باردە؟ ئىككىنچى مەۋسۈمدىن باشلاپ ئۇلار مېنى پات-پات ئىزدەيدىغان، سىرتلارغا چىقىپ ئويناپ كېلىشكە چاقىرىدىغان بولۇپ قالدى.لېكىن مەن خەنزۇچە سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىنى، بىرىنچى يىلىمنى چىڭ تۇتۇپ خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىﻬانىدىن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇلار نەگە دېسە شۇ يەرگە بارىدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، ئاران قۇتۇلاتتىم، بەزىدە تېخى مەندىن رەنجىپمۇ قالاتتى. مۇشۇنداق باﻫانە-سەۋەبلەر بىلەن ئىككىنچى مەۋسۈمنى خاتىرجەم تۈگىتىۋالدىم.
مانا، ئىمتىﻬانلاردىن ئۆتۈپ كەسىپكىمۇ چۈشتۈم. بىر كۈنى، سالاپەتلىك بىر ئەر ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىردى، ئۇ ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، بۇندىن كېيىن بىزگە مەلۇم پەننىڭ ئەمەلىيەت دەرسىنى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى، ئۇ سۆزلەۋېتىپ يېنىمدىن ئۆتكەندە، تېنىدىكى ئىسپىرتنىڭ ئاچچىق پۇرىقىدىن بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى.كېيىن ﻫېلىقى بۇلاڭچى ئاغىنىلەرنى ئۇ ئوقۇتقۇچۇم بىلەن پات-پات بىللە ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنداق چاغلاردا ئۇلارنىڭ مېنى چاقىرىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزۈمنى دەرﻫال چەتكە ئالاتتىم.ئىچىمدە «مەكتەپتە شوخ بالىلارنىڭ بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دوستلاردەك ئۆتەلەيدىغان ئىشى راستكەندە» دەپ ئويلايتتىم.
كەسپىمنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ﻫېس قىلىشقا باشلىدىم. چارچىغىنىمدىن، دەرستىن چۈشۈپ كارىۋىتىمغا ئارانلا ئۈلگۈرىدىغان بولۇپ قالدىم. مەۋسۈمنىڭ بېشى بولغاچقا، ﻫېلىقى بۇلاڭچىلار يەنە ﻫەرىكىتىنى باشلىغانىدى. بۇنى ئەلۋەتتە باشقا ياتاقلاردىكى ﻫەر خىل ۋارقىراش، بۇيرۇق چۈشۈرۈش، يېلىنىش، يىغلاپ نالە قىلىشلاردىن ئاڭلاپلا بىلگىلى بولاتتى. بىر چاغدا بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكى چېكىلدى. خېلى كەچ بوپكەتسىمۇ، ئامالسىز ئىشىكنى ئاچتۇق. ﻫېلىقى يۇرتلۇقۇم كىرىپ گېپىنى چالىلا قىلىپ، قولۇمدىن تارتىپ سىرتقا ماڭدى. مەن تۇرۇۋالسام، ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كەتتى، «كەسىپكە چۈشۈۋالسام نەگە دېسەڭلار شۇ يەرگە بارىمەن دېگەن گەپنى سەن دېگەنمۇ يا؟ يۇرتداش دەپ يۈزۈڭنى قىلسام ئاغىنىلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۈزۈمنى قىلمامسەن؟» دەپ توختىماي سۆزلەپ بۇرنۇمنى ئېچىشتۇرۇۋەتتى، قارىسام ئۇمۇ ئىچىۋالغاندەك تۇراتتى. بىر مەۋسۈمنىڭ ئالدىدا بۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇنداقلا مەيدەمگە ئۇرۇپ دەپ قويغان گېپىم ئەمدى بالا بولدى. مېنى گېپىدە تۇرمايدىكەن دەپ قالمىسۇن دېدىم، ﻫەم مەست بىلەن تاكاللاشقۇچە چىقىپلا كىرەيچۇ دەپ، نەگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەيلا ئۇلار بىلەن ماڭدىم. ﻫەممىسىنىڭ قولى ئولجا ئالغان مېۋە، نانلار بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. شۇ ماڭغانچە ياتاق بىناسىدىن، ﻫەتتا مەكتەپ دەرۋازىسىدىنمۇ بىمالال چىقىپ كەتتۇق، ئادەتتە بىزنى سىرتقا چىقارمايدىغان ئىشىك باقارلار يولىمىزنى توسۇپمۇ قويمىدى. ئەمدى بىلسەم، بۇلار مەكتەپنى سورايدىغانلاركەن. يۇرتدىشىم نېمە سورايدىغانلىقىمنى بىلگەندەكلا، مۈرەمگە ئېسىلىپ :«بۈگۈن كەچ سېنىڭ ئارىمىزغا قوشۇلغىنىڭنى تەبرىكلەپ راسا تاماشا قىلماقچى، يەنە تېخى سەن كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان، لېكىن ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىرسى بىلەن كۆرۈشتۈرىمىز، ئۇ بىزنىڭ ئاكىمىز، سورۇنىمىزدا ئۇ بولمىسا ﻫېچنېمە قىزىمايدۇ...» دەپ جىقلا سۆزلەپ، ئاچچىق ﻫاراق پۇرىقىنى ئىچ-ئىچىمگە ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئازراق مېڭىپ بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتۇق.
مەن «ئوغۇل بالىدەك» قىلغان بىر ئېغىز گېپىمنىڭ بەدىلىنى مانا شۇ كېچىدىن باشلاپ تۆلەشكە باشلىدىم. گۈلدەك چېغىمدىكى ياپرىقىمنىڭ ۋاقىتسىز تۆكۈلۈشىگە سەۋەبچى بولغان شۇ زۇلمەتلىك كېچە!!!
بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئېلىپلا، ناﻫايىتى تونۇش بىر چىراينى ــ ﻫېلىقى سالاپەتلىك ئەر ئوقۇتقۇچۇمنى (ئىسمىنى تىلغا ئالغۇم يوق) كۆردۈم. شۇئان ئۆزۈمنى خۇددى دوزاخنىڭ ئىشىكىدىن كىرگەندەك ﻫېس قىلدىم، چۈنكى ئۆي ئاچچىق ﻫاراق پۇرىقى ۋە قويۇق تاماكا ئىسى بىلەن تولۇپ كەتكەن، بايا كېلىۋاتقاچ يۇرتدىشىم نېمىلەرنى دەپ كەتتى، بۇنچە كەچتە مەكتەپتىن قېچىپ يۈرۈپ تۈزگەن بۇنداق سورۇن يەنە قانچىلىك بولماقچىتى؟ يەنە كېلىپ ماۋۇ تەييارغا ﻫەييار بولىدىغان بۇلاڭچىلار بىلەن. ﻫە...ئەمدى چۈشەندىم، بۇ ئوقۇتقۇچى بۇلار بىلەن دائىم مۇشۇنداق سورۇن تۈزۈپ ئىچىشىپ ئولتۇرىدىكەندە؟ ئۆتكەندە ﻫەممىسىنى بىللە ئۇچراتقىنىم بىكار ئەمەسكەندە؟ لەنەت! سەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇڭمۇ؟... مۇشۇلارنى ئويلىغاچ ئىشىك تۈۋىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىگە قادىلىپ تۇرۇپ قالغىنىمنى سەزمەپتىمەن. يۇرتدىشىم مۈرەمگە بىرنى ئۇرۇپ خىيالىمنى چېچىۋەتتى. مەن شۇ چاغدا كەينىمگە بۇرۇلۇپلا بۇ دوزاختىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى ئويلىدىم، لېكىن يەنىلا غورۇرۇم كۈچلۈك كەپقېلىپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە قىلىشتىن ئەنسىرىدىم. ئوقۇتقۇچى غەرق مەست بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە ئۆزىنى ئوڭشاپ مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ﻫەممىمىز ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتۇق. ئوقۇتقۇچى بىرسىگە پۇل تەڭلىۋىدى، ئۇ چىقىپ كېتىپلا بىر يەشىك ﻫاراق كۆتۈرۈپ كىردى. ئۇلار مېنى ﻫاراققا زورلاشقا باشلىدى، ئىچمەيمەن دېگىنىمنى بىلىمەن، ئوقۇتقۇچى مەيدەمگە بىرنى تېپىپ تامغا چاپلىۋەتتى. ئاغرىقتىن قېقىلىپلا كەتتىم. يۇرتدىشىم كېلىپ مېنى يۆلىدىمۇ ياكى كۆتۈرۈپ يەنە بىر تاشلىدىمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ناﻫايىتى قوپال، ئۇ قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ :«ئۇكا، ﻫېلىمۇ ساڭا بەك كەڭچىلىك قىلىۋەتتۇق بىز، بىز ئەزەلدىن بىرەر شوركىنىڭ رايىغا بۇنداق بېقىپ باقمىغان، ئاقماس ئىمتىﻬانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ نەچچە قېتىملىق سورۇننى يوققا چىقاردىڭ، ئەمدى ئاكىمىزنىڭ قولىنى ياندۇرۇۋاتامسەن؟ بىز ئايىغان بىلەن ئاكىمىز ئادەم ئايىمايدۇ جۇمۇ! سورۇننىڭ يۈزى بۇ، كىمدىن يوشۇراتتىڭ ئۆزۈڭنى! ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئىچمەي نېمە قىلاتتىڭ؟ بىر دەم تۇرۇپ تاماكىمۇ چېكىسەن تېخى، ئاندىن ئاسماندا ئۇچىسەن، ۋاﻫ ۋاﻫ! ﻫەجەپ ئېسىمگە كەپقالدى، ﻫازىرلا يەپ بالدۇرراق ﻫوزۇرلىنايلىچۇ ئاكا، بۇ كىتاب خالتىسى بىزنىڭ ﻫوزۇرىمىزنى كۆرۈپ ئاندىن قىزىيدىغان ئوخشايدۇ. مانا كەتتى! يەڭلا ئۇكىلا! بۈگۈن كەچ ﻫەممىسى مانا مەندىن!» دەپ بىر دەم ماڭا، بىر دەم ئۆزىگە، بىردەم ياۋۇز ئوقۇتقۇچى بىلەن ئىنىلىرىغا سۆزلىگەچ، يانچۇقىدىن جىقلا قېپى يوق دورىنى چىقىرىپ، ئاۋۋال ئوقۇتقۇچىغا، ئاندىن باشقىلارغا تۆت-بەش تاختىدىن بەردى. ئۇلار خۇددى غالجىر ئىت سۆڭەككە ئېتىلغاندەك، دورىنى قولىغا ئېلىپ سۆيۈپ، ئاسمانغا ئېتىشىپ كەتتى. لېكىن ﻫېچقايسىسى دورىنى يىمەي، ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈۋاتقاندەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇشاتتى. ئوقۇتقۇچى ئىسكىلىت شاﻫتەك شۇنداق سەت كۈلدى ۋە مېنى تارتىپ ئۈستەلگە يېقىن ئەكىلىپ :«سەن سۈرمىگەن ﻫوزۇر تېخى ئالدىڭدا، ئوغۇل بالا دېگەن ﻫەممىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك، مانا ماۋۇلاردەك بولۇشۇڭ ئۈچۈن خوشە!» دەپلا بىر بوتۇلكا ﻫاراقنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى. مەن ئەمدى تاياق يىسەم تۇرالماسلىقىمنى پەملەپ، كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ :«خوشە!!!» دەپ ۋارقىراپ، ئىچىمدىكى بارلىق ئاچچىقىمنى چىقاردىم. تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋىمدە :« ئوغۇل بالا! ﻫە، ئەمدى بولدى! يارايسەن! خوشە!...» دېگەندەك ۋارقىراشلار ئاڭلاندى. سورۇن رەسمىي باشلىنىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنىڭ سەتلىكىدىن، ئېغىزىغا ئىككى تال كېسەك قويسا ئوبۇرنى بولاتتى.

ﻫاراقلار ئىچىلىپ، ئۈستەل قۇرۇقدىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ماڭا بايىقى دورىدىن بىر تاختا ئۇزاتتى، مەن نېمە دورىلىقىنى بىلمەي كۆزۈمنى ئۇۋۇلاپ دورىنىڭ ئىسمىنى ئىزدەۋاتسام، يۇرتدىشىم ئۆزگىرىپ كەتكەن زەئىپ ئاۋازى بىلەن :«بۇ... دۇنيادىكى... جەننەت...، سېنى... ئاسماندا... لەيلىتىدىغان...ئۇچ...ئۇچار گىلەم...، خى... خىيالىڭدىكىنى... پەيدا... قىپ... بېرىدىغان... ئې... ئېچىل داس... تى...خان... ﻫا...ﻫا...ﻫا... چۇمادو دېگەن دەل ئۆزى! قانداق دېدىم ئاكا؟ ﻫە؟...» دەپ ﻫىجىيىپ كەتتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ماختىشىپ كېتىشتى. مەن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمە، ﻫەم ﻫېچ يېرىم ئاغرىمىسا نېمىشقا دورا يەيمەن دەپ ئويلاپ، دورىغا قاراپ بېشىمنى چايقاپ ئولتۇردۇم، گەپ قىلغۇدەك ﻫالىم قالمىغان، ﻫەم گەپ قىلساملا يەنە تاياق يەيدىغىنىم ئېنىق ئىدى. ئوقۇتقۇچى دورىنى يە دېگەندەك، ماڭا ئىشارەت قىلدى، ئەتراپىمغا قارىسام، باشقىلار ئاللىبۇرۇن ئاچقالغان بۆرىدەك يەپ ﻫېچنېمىسىنى قويماپتۇ. بىر دەمدىلا، ئۇلار بەدەنلىرىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ خۇددى ساق ئادەملەردەك ئولتۇرۇپ كېتىشتى. ئوقۇتقۇچى ماڭا قاراپ :« قارا ماۋۇلارغا، يەۋەتسەڭ بىردەمدىلا ئەركىن-ئازادە بوپقالىسەن. بەدىنىڭدىكى پۈتۈن ئاغرىقلار يوقايدۇ، مەسىلەن، باش ئاغرىقىڭ، بايىقى تېپىك يىگەن يېرىڭ، ﻫەممىسى يوقلا بوپ كېتىدۇ، ئاندىن تاماكىدىن بىر نەچچىنى چېكىۋېتىسەندە، بولدى، بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ﻫوزۇرنى چىراق يېقىپمۇ تاپالمايسەن ئۇكام. ﻫە، ئەمىسە» دەپلا، قولىغا چىقىرىپ تەييار قىلىۋالغان ئون نەچچە تال دورىنى ئاغزىمغا بىراقلا تىقىۋەتتى، دورىنىڭ ئاچچىقلىقىدىن جېنىم چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى، بۇ ئاچچىقنىڭ ئالدىدا ﻫاراقنىڭ ئاچچىقى بىر چەتتە قالسۇن، دات! لېكىن دورىنى تۈكۈرۈۋېتىشكە پۇرسەتمۇ بەرمەي، كەينىدىنلا ئېشىپ قالغان نانلارنى تىقىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ بىر خىل شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ دورىنى يەپ، ۋەزىپەمنى تۈگەتتىم. مەن ئۈچۈن ﻫازىر تاياق يىمىسەملا، نېمە قىلسام مەيلى ئىدى، چۈنكى بايا تەگكەن قاتتىق بىر تېپىك ﻫاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر تاياق بولغانىدى. ئاچچىق تەمگە چىدىماي، ﻫېچقانداق زورلاشسىزلا تاماكىدىن ئىككىنى ئۇلاپ چېكىۋەتتىم. تاماكنىڭ تۇمانلىرى ئىچىدە ئەتراپىمغا سەپسالدىم: ئوقۇتقۇچى چۇمادونى مەززە قىلىپ يەۋاتقان، ئەتراپىمدىكىلەر بىر-بىرى چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىۋاتقان...
ئوقۇتقۇچى :«قانداقكەن؟ سېنى ئالداپتىمىزمۇ؟» دېگەندەك نەزەردە ماڭا قارىغاچ، داۋاملىق دورا يەۋاتاتتى. دېمىسىمۇ، بەدىنىمدە ﻫېچقانداق ئاغرىق سېزىمى قالمىغان، شۇنداق يېنىكلەپ قاپتىمەن.
ئەتىسى سەﻫەردە ئويغانسام قۇسۇقلارغا مىلەنگەن ﻫالدا يەردە يېتىپتىمەن، چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.باشقىلار تېخىچە ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتاتتى، لېكىن ﻫېچقايسىسى مەندەك مەينەتچىلىك ئىچىدە قالماپتۇ، قارىماققا بۇلار تولا ئىچىپ، بەدىنى ﻫاراققا كۆنۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.بېشىم تاشتەك ئېغىر، ئاران ئۆمۈلەپ بېرىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ كىيىمىمنى سۈرتتۈم. ئوقۇتقۇچى كۆرۈنمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ﻫېچ ئىش بولمىغاندەك سىنىپقا چىقىپ كەتتىم.
بارغانسېرى دەرس خوشياقمايدىغان، بەدىنىم ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئاغىنىلەردىن چۇمادونىڭ ئىسمىنى قايتا سورىسام، ئۇلار ئۆزىدىكىنى بەردى، يەۋالغاندىن كېيىن يەنە نورمال ﻫالىتىمگە قايتتىم.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ، ﻫېلىقىدەك سورۇن نەچچە كۈندە بىر قېتىمدىن، كۈندە بىر قېتىمغا ئۆزگەردى، ئاغرىق ئازابىنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇش ئۈچۈن باش تارتماي كىرىدىغان بولدۇم. بارغانسېرى تۇرمۇش پۇلۇم يەتمەيدىغان، مەنمۇ ئاغىنىلەر بىلەن بىرلىشىپ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى بۇلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئاخىرىدا مەن سىنىپتا چورتلا يوق، ﻫەپتىلەپ سورۇندا، تورخانىدا قونۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم، ئىشقىلىپ ئاغىنىلەر بىلەن بىللە. ئوقۇتقۇچىمىز ئەسلى ئىچى پۇشسىلا ئادەم ئۇرىدىكەن، كېيىن ئۇنىڭ ئادەم ئۇرغۇسى كەلگەندە، بىز چۇمادونى بولۇشىغا يەپ ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان بولدۇق. چۈنكى چۇمادونى يىگەندىن كېيىن بىرسى ئۇرۇۋاتامدۇ ياكى پەپىلەۋاتامدۇ، بەدەنگە ﻫېچنىمە ئۆتمەيدىكەن ئەمەسمۇ.
ئوقۇشنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىرلىشاي دېگەندە، يامان نامىمنىڭ چىققىنىدىن مەكتەپتە مېنى تونۇمايدىغانلار قالمىدى. ئۆيدىكىلەر مېنى ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ، تولۇق كۇرسنى قوشۇپ بىراقلا بەش يىل ئوقۇپ كېلىدۇ، دەپلا ئويلايتتى. مەكتەپتىن چارە كۆرىمىز دېگەندە، شۇنچە بالىلارنىڭ ئالدىدا تەكشۈرۈشنامە يېزىشقا يۈزۈم چىدىماي، كېسەلنى باﻫانە قىلىپ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە سورۇن تۈزدۇق. بۇ قېتىم ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قولىدا مەن ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر نەرسىنى ــ شىپرىسنى كۆرۈپ قالدىم! ئۇ ئۆزىگە ئوكۇل ئۇرۇۋاتاتتى، قورققىنىمدىن بەدىنىمدىن تەر چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ماڭا قاراپ دەلدەڭشىپ كېلىۋاتقىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن، ئۇ ماڭا ئىككى قەدەم قالغاندا ﻫۇشۇمنى يىغىپ قاتتىق ۋارقىرىدىم-دە، ئۆزۈمنى ئىشىككە ئاتتىم. شۇ قاچقانچە بۇ ئىشلارنى ﻫېچكىمگە ئېيتىشقا پېتىنالماي، مەكتەپ بىلەنمۇ ئالاقىلاشماي يۇرتۇمغا كەتتىم.
مەكتەپ ﻫاياتىم مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتى. كېيىن ئۆيدىكىلەر مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىمىز دېگەندە، مەن دورىغا كۆنۈپ قالغىنىمدىن باشقا ﻫەممە ئەﻫۋالنى ئۇلارغا ئېيتتىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ، كۆز ئالدىدىن يىراق كەتمىسەملا نېمە دېسەم شۇنى قىلىپ بېرىدىغان بولدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەن تېخىمۇ يۈرەكلىك بولۇپ كەتتىم-دە، خالىغانچە پۇل سورايدىغان بولدۇم، باشقا ئارتۇق ئىشىم بولمىغاچقا، ئاتا-ئاناممۇ پۇلدىن قىسمىدى.
شۇ تەرىقىدە يەنە ئۈچ يىل چۇمادو يېيىشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئارىلىقتا دادام قاتناش ۋەقەسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. كېيىن ئاپام بارغانسىرى ئورۇقلاپ تاماقتىن قالغىنىمنى سېزىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ﻫەر قايسى جەﻫەتلەردىن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، دوختۇرلار مېنىڭ جىگىرىمنىڭ قىتىشقا باشلانغانلىقىنى، بۆرەك بىلەن ئاشقازانلىرىمنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئىيتتى، بىراق نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىمنى(كېسەللىك سەۋەبىنى) بىلەلمىدى. مەن ئاپامنىڭ ماڭا قاراپ تۇكۇشۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىدىيالمىدىم، ئاخىرى ﻫەممە ئەﻫۋالنى ئاپامغا ئېيتىپ، قاتتىق پۇشايمان ئىچىدە زار-زار يىغلىدىم. ئاپام بالا پىراقىدا قاتتىق قايغۇرۇپ نەچچە كۈن ئۇخلىيالمىدى، بۇنى كۆرۈپ قاتتىق قايغۇردۇم. دوختۇرلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچى يارپ دوختۇرخانىسىنىڭ بۇ خىل كېسەللەرنى داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرلىقىنى بىلىپ، يارپ دوختۇرخانىسىغا ئالمىشىپ داۋاملىق داۋالاش ئېلىپ بىرىلدىم، داۋالاش جەرياندا بەزىدە خۇمارىم تۇتۇپ كۆزۈمگە ﻫېچنېمە كۆرۈنمەي قالغان چاغلارمۇ بولغان، بىراق مەن قەتئىي ئىرادە بىلەن، دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشىدا ئاستىدا، ئاخىرى چۇمادۇنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاشلىدىم.
چۇمادۇنى تاشلىغاندىن بىرى ئۆزۈمنى شۇنچلىك يەككىل ﻫىس قىلىدىغان بولدۇم، بىراق 17يېشىمدا كۆرگەن ئاشۇ قاباﻫەتلىك چۈشنىڭ مېنى بەش يىل ئۆز قولىغا ئېلىۋالغىنىنى، ئوقۇتقۇچى نامىدىكى ئاشۇ ﻫايۋاننىڭ ماڭا بىلىمنىڭ ئورنىغا بەرگەن زەﻫىرىنى ﻫەرگىزمۇ ئۇنتۇيالمايمەن.
يارپ دوختۇرخانىسىدىن نۇرگۈل مەمەت خاتىرىسى