زەﻫەرگە خۇمار بولۇشنى داۋالاش پىرىنسىپلىرى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-01
- كۆرۈلۈشى:
- 1443 قىتىم
ئادەتتە زەﻫەرگە خۇمار بولۇش بىر خىل مۇرەككەپ كېسەللىك جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ﻫەتتا كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى زەﻫەرگە بولغان تەشنالىق، ﻫەرقانداق خەتەرگە ۋە ئاقىۋەتكە تەۋەككۈل قىلىپ زەﻫەرنى ئىزدەش ۋە چىكىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە زەﻫەر چىكىش پۈتۈنلەي زەﻫەر چەككۈچىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان بولسا، زەﻫەرگە ئۈگىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنى تاشلاش شۇ زەﻫەر چەككۈچىنىڭ ئىختىيارلىقىدىن ﻫالقىپ كەتكەن بولىدۇ-دە، ئۇلار داۋاملىق زەﻫەر ئىزدەشكە ۋە چىكىشكە مەجبور بولىدۇ. ئەﻫۋاللار ئاساسلىقى ئۇزۇن مۇددەت زەﻫەر ئىستىمال قىلىشنىڭ چوڭ مىڭىگە بولغان تەسىرىدىن بولغان. شۇڭا زەﻫەرگە خۇمار بولۇش مىڭىدىكى بىر خىل كىسەللىك ﻫالىتى بولۇپ، ئۇ مىڭىدىكى نېرۋا ئۇلىنىشلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇ خىل نېرۋا ئۇلىنىشلىرى مىڭىدىكى خۇشاللىق ۋە ئىلﻬام، ئۈگۈنۈش ۋە ئەستە ساقلاش، شۇنداقلا قىلىق-پائالىيەتلەرنى چەكلەش مەركەزلىرىگە تارقالغان.
زەﻫەر چىكىش ۋە خۇمار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن نۇرغۇن، شۇنداقلا ئۇ تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا زەﻫەرگە خۇمار بولغانلارنى داۋالاش ئۇنچىلىك ئاددى ئەمەس. ئۈنۈملۈك داۋالاش ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ﻫەر بىر مەزمون كېسەللىكنىڭ مەلوم بىر تەرىپىگە قارىتىلغان بولىدۇ. ئۈنۈملۈك بولغان خۇمارنى داۋالاش چوقۇم خۇمار بولغۇچىنىڭ زەﻫەر ئىشلىتىشنى تۇختىتىشىنى قولغا كەلتۈرەلىشى، زەﻫەردىن خالى بولغان تۇرمۇشقا قايتا ئېرىشتۈرەلىشى ﻫەم شۇنداقلا تۇرمۇش، جەمىيەت ۋە ئائىلىدە ئاكتىپ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان ﻫالەتكە ئېرىشتۈرەلىشى كېرەك. خۇمار دىگەن بىر خىل ئاستا خاراكتىرلىق كېسەل بولۇپ، خۇمار بولغۇچىلار بىر نەچچە كۈن زەﻫەر چەكمىسىلا داۋالاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى دەپ خۇشال بولۇپ كېتىش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قايتا-قايتا ئىلىپ بېرىلىدىغان داۋالاش ۋە پەرۋىشلا كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ زەﻫەر تاشلاش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
ئۈنۈملۈك داۋالاشنىڭ پىرىنسىپلىرى
70 -يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلانغان تەتقىقاتلار كۆرسەتتىكى، داۋالاش خۇمار بولغۇچىلارنىڭ زەﻫەردىن قول ئۈزۈپ، نورمال تۇرمۇشقا قايتالىشىغا ﻫەقىقەتەن ياردىمى بولىدۇ. مۇشۇ تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ﻫەرقانداق ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئاساسلىنىشى كېرەك:
l زەﻫەرگە خۇمار بولۇش بىر خىل مۇرەككەپ، لېكىن داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللىك ﻫالىتى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە مىڭە ئىقتىدارى ۋە قىلىق-ﻫەرىكەتكە تەسىر قىلىدۇ.
l بىر كىشىگە ماس كىلىدىغان ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يەنە بىر كىشىگىمۇ ئوخشاش ماس كىلىشى ناتايىن.
l داۋالاشقا ئېرىشمەكچى بولغاندا ﻫەر ۋاقىت ۋە ئاسانلا ئېرىشەلىشى كېرەك.
l ئۈنۈملۈك داۋالاش خۇمار بولغۇچىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئېﻬتىياجىغا ماس كىلىشى كېرەككى، ئۇلارنىڭ زەﻫەر مەسىلىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.
l يىتەرلىك ۋاقىت داۋالاشنى قۇبۇل قىلىش ئۈنۈملۈك تاشلاشنىڭ ﻫالقىسى.
l مەسلىﻬەت بېرىش (يەككە-يەككە ياكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە) ﻫەمدە باشقا خۇلق-مىجەز تىراپىيىسى (行为治疗) زەﻫەرگە خۇمار بولۇسنى داۋالاشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلى.
l دورا بىلەن داۋالاش نۇرغۇنلىغان زەﻫەر تاشلاشنى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇﻫىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئادەتتە مەسلىﻬەت بېرىش قىلمىشنى داۋالاش (行为治疗) بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلىدۇ.
l داۋالاش پىلانىنىڭ ئۈنۈملۈك بولىۋاتقان-بولمايۋاتقانلىقىغا قارىتا ﻫەر ۋاقىت باﻫالاش ئېلىپ بېرىپ تۇرۇش كېرەك، ﻫەمدە داۋالاش جەريانىدا، داۋالانغۇچىنىڭ ئېﻬتىياجىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئاساسەن داۋالاش پىلانىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئەﻫمىيەت بېرىش كېرەك.
l نۇرغۇن زەﻫەرگە خۇمار بولغۇچىلاردا زەﻫەر خۇمارىدىن سىرت، باشقا پىسخىكا ۋە روﻫى تۇسالغۇلار بولۇشى مۇمكىن.
l زەﻫەردىن ئايرىلغان دەسلەپكى بىرقانچە كۈندە دوختۇرلانىڭ ياردىمىدە زەﻫەر خۇمارىنى بېسىشقا تۇغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ باسقۇچ پەقەتلا بىرىنچى قەدەم بولۇپ، بۇ بىرىنچى قەدەمنىڭ كەينىدىكى مۇستەﻫكەملەش باسقۇچىنى قۇبۇل قىلمىغاندا، كىشىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەت زەﻫەر تاشلىيالىشىغا ياردىمى چوڭ بولمايدۇ.
l داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشى ئۈچۈن چوقۇم داۋالاشنى قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىختىيار قىلغان بولىشى زۆرۈر ئەمەس.
l داۋالاش جەريانىدا قايتا زەﻫەر چىكىش ئەﻫۋاللىرىنىڭ پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك، چۈنكى ئادەتتە داۋالاشنى قۇبۇل قىلىۋاتقان بىمارلاردا قايتا چىكىۋالىدىغان ئەﻫۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
l داۋالاش جەريانىدا چوقۇم خۇمار بولغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ۋىروسى، جىگەر ياللۇغا ۋىروسى ( Cتىپلىق ۋە B تىپلىق)، توبىركىليوز ۋە باشقا يوقۇملۇق كىسەللىكلەر بىلەن يوقۇملانغان-يوقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تورۇش، شۇنداقلا قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان خىيىم-خەتەرنى ئازايتىش تۇغرىلىق مەسلىﻬەت بېرىپ، يۇقۇرىدا دىيىلگەن يوقۇملۇق كىسەللەرنى يوقتۇرىۋىلىش ئېﻬتىماللىقىنى ئاڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.
مەنبە: ئامېرىكا زەﻫەر چەكلەش تەتقىقات ئورنى
http://www.drugabuse.gov/publications/drugfacts/treatment-approaches-drug-addiction
يارپ زەﻫەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.