زەﻫەرگە ئائىت بەزى ئۇقۇملار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-01
- كۆرۈلۈشى:
- 1190 قىتىم
زەﻫەر تۇغرىلىق مۇلاﻫىزە ئېلىپ بارغاندا، بەزى سۆز-ئىبارىلەرنى ئاڭلايمىز، لېكىن بۇ ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى ﻫەممەيلەننىڭ چۈشىنىپ كېتىشى ناتايىن. تۆۋەندە زەﻫەرگە ئائىت بەزى ئۇقۇملارنىڭ ئىنىقلىمىسىنى بېرىپ ئۆتىمىز.
قالايمىقان ئىشلىتىش: پىسخو-ئاكتىپ ماددىلارنىڭ (زەﻫەرمۇ بىر خىل پىسخو-ئاكتىپ ماددا) ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە داۋاملىق ئىشلىتىش ﻫالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
بېقىنىپ قالغان ﻫالەتتىكى ئىشلىتىش: پىسخو-ئاكتىپ ماددىلارنى ئىشلەتكۈچىدە شۇ ماددىلارنى ئىشلىتىشكە بولغان ئىنتايىن كۈچلۈك مۇددىئا بولىدۇ. ئۇلار بۇ خىل مۇددىئانى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز ﻫالەتنى كۆرسىتىدۇ.
مەستلىك ﻫالىتى (زەﻫەرلەنگەن ۋاقتى): پىسخو-ئاكتىپ ماددىلارنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان سەگەكلىك، كۆز قاراش، قارار قىلىش، ﻫۈكۈم چىقىرىش، كەيپىيات ۋە ئىش-ﻫەرىكەتتە كۆرۈلىدىغان ۋاقىتلىق ئۆزگۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ﻫالەتنى ئاشۇنداق ماددىلارنى ئىشلەتكۈچىلەر ‹كەيپ ۋاقتى› دەپمۇ ئاتايدۇ. مەسىلەن: ﻫاراق ئىچكەندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئوي-پىكىر، ئىش-ﻫەرىكەتتىكى ۋاقىتلىق ئۆزگۈرۈش ﻫالىتى قاتارلىقلار.
زەﻫەرگە ئۈگۈنۈپ قىلىشنىڭ بىرىلەمچى ئالدىنى ئېلىش: پىسخو-ئاكتىپ ماددىلارنى (زەﻫەر بۇنىڭ بىر خىلى) ئىشلىتىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، بۇلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئەڭ بولمىغاندا ئىشلىتىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش. يەنى بۇ سۇ كېلىشتىن بورۇن تۇغان تۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ ﻫىساپلىنىدۇ.
زەﻫەرگە ئۆگۈنۈپ قىلىشنىڭ ئىككىلەمچى ئالدىنى ئېلىش: زەﻫەر ئىشلىتىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، زەﻫەر ئىشلىتىشنىڭ ساغلاملىق، تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە بولغان تەسىرىنى يوقىتىش ياكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
زەﻫەرگە ئۆگۈنۈپ قىلىشنىڭ ئۈچىلەمچى ئالدىنى ئېلىش: بۇ ئاساسلىق زەﻫەر بولغان تايىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە زەﻫەرنى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بولغان ناچار تەسىرنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئالدىنى ئېلىشتا زەﻫەر چەككۈچىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. بەزىدە ئۈچىلەمچى ئالدىنى ئېلىش يەنە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى قايتا چىكىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كۆنۈپ قىلىش: زەﻫەر چەككۈچىلەرنىڭ بەدىنىدە ئاستا-ئاستا پەيدا بولىدىغان بىر خىل ﻫالەت بولۇپ، ئۇنىڭدا زەﻫەر چىكىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، زەﻫەر چەككۈچىلەر زەﻫەرنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا مەجبور بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلماي يەنىلا دەسلەپكى چەككەندىكى مىقدارنى چەككەندە، دەسلەپكى زەﻫەر چەككەن ۋاقىتلاردا پەيدا بولىدىغان تەسىر پەيدا بولمايدۇ.
خۇمار تۇتۇش: زەﻫەرگە خۇمار بولغان كىشى ئەگەر زەﻫەر ئىشلىتىشنى تۇختاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدا بىئاراملىق ۋە ئاغرىش ئەﻫۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇلار ئاساسلىق تاقەتسىزلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، چۈشكۈنلۈك، بەدەن تىترەش، مۇسكۇللار تارتىشىش ۋە بەزىدە تۇتقاقلىق قوزغىلىش قاتارلىق ئەﻫۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: دۇنيا سەﻫىيە تەشكىلاتى زەﻫەرنىڭ بىرىلەمچى ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسى.
يارپ زەﻫەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.