نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-01
- كۆرۈلۈشى:
- 1482 قىتىم
ئادەتتە تۇرمۇشتا قارايدىغان بولساق، نەشە چېكىدىغان كىشىلەر چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئورۇق كۆرۈنىدۇ، بۇ مەسىلە بەلكىم كۆپچىلىكنىمۇ خېلى ئويلاندۇرغان بولۇشى مۇمكىن. كىچىك ۋاقتىمىزدا دائىم تېلىۋېزوردا بېرىدىغان تەربىيىۋى فىلىملەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا، زەﻫەر چەككەنلەرنىڭ ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شۇ ۋاقىتلاردا تېخى بۇ خەق بار پۇلىغا زەﻫەر ئېلىپ چېكىپ تاماق يېگىلى پۇلى قالماي مۇشتاق ئورۇقلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ دېيىشەتتۇق. ﻫازىر ئامېرىكا ئالىملىرى بۇ ﻫەقتە ئاخىرى بىر قايىل قىلارلىق جاۋاپ تېپىپتۇ.

ئەڭ قايىل قىلارلىق كلىنكىلىق كۆز قاراشلارنىڭ بىرسى شۇكى: نەشە تېز سۈرئەتتە ئىسسىقلىق مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، شۇڭا كۈچ قۇۋۋەت ئۇرغۇپ بېرىپ كىشىنىڭ ئىشتىﻬاسى ئازلايدۇ، كاربون-سۇ بىرىكمىسى ۋە ئاقسىل بولمىسا، بەدەن تەبىئىيلا ئورۇقلاپ كىچىكلەپ كېتىدىغان گەپ. بۇ تەكشۈرۈش سىتاتسىكىسى قارىماققا بىر رېئاللىقنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ: نەشە چېكىش سەمىرىپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلىشى مۇمكىن(ئامېرىكىلىق خەقنىڭ تاپمايدىغان گېپى يوق جۇما؟!)
ئالى مەكتەپلەر بىلەن داۋالاش مەركىزى بىرلىكتە بۇ تەتقىقات تۈرىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 4600 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن كىشىنى تەكشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە%12 كىشى ئۆزىنىڭ نەشە چېكىدىغانلىقىنى ئېيتقان، % 42كىشى بولسا ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار ﻫەر خىل قان قەنتى تەكشۈرۈش سىناقلىرىغا قاتناشقان، مەسىلەن: ئاچ قورساق ﻫالەتتىكى ئىنسۇلىن ۋە قان قەنتى مىقدارى، ئىنسۇلىن قارشىلىقى، خولېستېرىن مىقدارى ۋە بەل ئايلانمىسى قاتارلىقلار.
بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇنۋېرسال ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، تەتقىقات خادىملىرى ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقارغان: نەشە چېكىدىغانلارنىڭ بەل ئايلانمىسى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كىچىك بولۇپ، نەشىخورلارنىڭ ﻫەممىسىدە دېگۈدەك HDL(يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىل خولېستېرىنى) بولىدۇ، بۇ نەرسە ئىنسۇلىن سەۋىيىسىنى، شۇنداقلا ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ﻫالبۇكى بۇ نەرسىلەرنىڭ ﻫەممىسى بىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى كونترول قىلالايدۇ.
گەرچە بىز نەشىنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئىنسۇلىننى قانداق ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، ئەمما شۇنداق ئۈنۈمى بارلىقىدا شەك يوق. شۇڭا، مۇنداق نەرسىدىن يىراقراق تۇرايلى.
(تۆۋەندىكى بۇ تېمىغا ئەسلى بەتتىكى بىرەيلەننىڭ يازغان ئىنكاسىكەن، بىللە كۆچۈرۈپ كەلدىم.)
22ياش. ئەر. ئېغىرلىقىم76كلوگرام. ئېگزلىكىم178سانتمېتىر. نەشە چېكىش تارىخىم3ئاي. مىقتارى: تەخمىنەن ﻫەپتىدە ئۈچ قېتىم. دوستلىرىمنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن چېكىپ باقتم، دەسلەپ چەككەندە راستىنلا بەدەن يېنىكلەپ قان تومۇرلىرىمدا بىر نەرسە مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇ بولدى. خىزمەت بېسىملىرىممۇ خىيالىمدا يوق، ئۆچ تۆت سائەت خىيالى تۇيغۇدا ياشىدىم. ئىچ ئىچىمدىن بىر خىل خۇشاللىق چقىپ تۇرىدىكەن. ئۆزىچە كۈلگۈم كېلىپ تۇرىدۇ. توختىماي بىر نەرسە يېگۈم كېلىدۇ. تۇنجى تەسىراتىم ياخشى بولغاندەك قىلدى. بىر ئايدىن كېيىن: خىزمەت زىچلىقىم تۆۋەنلىدى. (ئادەتتە خىزمەت ۋاقتىم 12سائەتتىن ئارتۇق ئىدى)ئۈستەللىرىمدە قالايمىقان قەغەز، ئاخىپلار دۆۋىلەكلىك. سەپرا مىجەزىممۇ ئاخىرلاشقاندەك ﻫېس قىلدىم. ئىككى ئايدىن كېيىن: يۇقىرىقى ئىشلاردىن باشقا ئىشتىﻬايىم تۇتۇلۇشقا باشلىدى. كۈنلىرىم دەككە دۈككىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. نەشە چېكىۋاتقانلىقىمنى ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ، خىزمەتداش ۋە باشقا دوستلىرىمنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈردۈم.بىر نەچچە قېتىم باشلىقلاردىن تەنقىد ئاڭلىدىم، نەچچە پارچە جەرىمانە تالونى تاپشۇرىۋالدىم.
ئۈچ ئايدىن كېيىن، نەشە چېكىدىغان ئەسۋاپلارنى ئۆزۈم ياساشنى ئۆگەندىم. باشقىلاردەك ئورۇقلاپ چاندۇرۇپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ زورلاپ كۆپ تاماق يېيشنى ئۈگەندىم، نەتىجىدە قورسىقىم چىقىپ قالدى. قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە خىزمەت ئۈنۈمىم كۆرۈنەرلىك ئازلاپ كەتتى، ئىش خوشياقماس، ﻫورۇن بولۇپ قالدىم. ئۈستەللىدىمدە بىر مۇنچە ماتېرىيال، كېرەكسىز قەغەزلەرنىڭ دۆۋىلەكلىك تۇرىشى نورمال ئەﻫۋال بولۇپ قالدى. ﻫورۇن، لەقۋا قىلىپ قويىدىكەن ئادەمنى. تاشلىشىمدىكى سەۋەب، ﻫورۇن، لەقۋا قىپ قويىدىكەن، جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىڭىز چۈشۈدىكەن. تېنىڭىز بارغانسېرى ئاجىزلاشقا باشلايدىكەن. (تاماقنى ياخشى يېگەن بىلەن بەدەنگە سىڭمىسە بىكاركەن، مېنىڭمۇ قىسقىغىنە ئۈچ ئايدا قورسىقىم خېلىلا يوغىناپ قاپتىكەن...)
ئىشقىلىپ نەشە چېكىش نورمال ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەسكەن دېگەن نىيەتكە كېلپ نەشە چېكىدىغان بارلىق دستلىرىم بىلەن بېرىش كېلىشنى توختاتتىم. ئۆزۈممۇ توختىدىم. ﻫازىر بىرەر يىلچە بولۇپ قاپتۇ. دوستلىرىم تېخىچە شەيتان كەينىدە(نەسىﻬەت بىكاركەن بۇلارغا) يا ﻫۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلمىدى. ...