guide
چىلىم چېكىش ﻫاراممۇ؟
يوللانغان ۋاقتى :
04-01
كۆرۈلۈشى:
1202 قىتىم


 
   چىلىمگە كۆك تاماكا ياكى باشقا زەﻫەرلىك ماددىلارنى ئىشلەتمەستىن گۈل سۈيى ئىشلەتسىمۇ ئوخشاشلا ﻫارام بولامدۇ؟
بىرىنچى: تاماكا سەۋەبىدىن كېسەل بولغانلارنى ﻫېسابلىمىغاندىمۇ تاماكىنىڭ ﻫازىرقى زاماندا كىشىلەر كۆپلەپ ئىستىمال قېلىۋاتقان ئەڭ زەﻫەرلىك ۋە نىجىس نەرسە ئىكەنلىكىدە ﻫېچ شەك يوق. تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن يىلىغا نۇرغۇن كىشىلەر ﻫاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
  خەلقئارا سەﻫىيە تەشكىلاتىنىڭ 2008-يىلدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، تاماكا تەركىبىدىكى نىكۇتىن ماددىسىنى سۈمۈرۈش سەۋەبى بىلەن يىلىغا 5.4 مىليون كىشى ﻫاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. يەنى ﻫەر كۈنى تاماكا سەۋەبىدىن ﻫاياتىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ﻫېساب بىلەن 140000 مىڭغا يېتىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تىزدىن چارە-تەدبىر قوللۇنىلمىسا، 2020-يىلىغا بارغاندا تاماكا تەركىبىدىكى زەﻫەرلىك ماددا سەۋەبىدىن ﻫەر يىلى ﻫاياتىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ سانى 10 مىليونغا يېتىدىكەن.
   بىز زەﻫەرلىك چېكىملىككە ئىشلىتىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش، ئىلىپ-سېتىش ۋە بۇ نىجىس ئۆسۈملۈكنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ﻫاراملىقى توغرىسىدا تەپسىلى جاۋاپ بەردۇق. 
ئىككىنچى: چىلىم چېكىش ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان زەﻫەرلىك ماددىلار ئادەتتە ئورالغان تاماكىدىكى زەﻫەرلىك ماددىلاردىن ﻫېچ پەرقلەنمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭ زېيىنى تاماكىنىڭ زىيىنىدىن كۆپراقتۇر
بەﻫرەيندىكى «زەﻫەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيتى»نىڭ تور سەﻫىپىسىدە چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلار توغرىسىدا مۇنداق بايانات ئېلان قېلىنغان. 
بۇ ماددىلار تاماكا تەركىبىدە شەكىللەنگەن ماددىلاردىن ﻫېچ پەرقلەنمەيدۇ، بەلكى چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تەركىبىدىكى زەﻫەرلىك ماددىنىڭ سانى 4000مىڭدىن ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ مۇﻫىملىرى: نىكۇتىن، زەﻫەرلىك گاز، كۆمۈر مېيى، ئېغىر مېتال، ئوت ئالغۇچى ماددىلار، راك كېسىلىگە سەۋەب بولىدىغان ماددىلار، خىمىيىلىك زىرائەت ماددىلىرى، ﻫاشارەتنى ئۆلتۈرىدىغان ماددىلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زەﻫەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. 
زەﻫەرلىك ماددا ئىشلەپ چىقىرىدىغان بەزى شىركەتلەر چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تۈرلىرىدىن كۆمۈر مېيى ماددىسىنىڭ ﻫەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى تازىلاپ پىششىقلاپ ئىشلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان چېكىملىك ماددىسىغا تەركىۋى ئېنىق بولمىغان بەزى تەم ۋە خۇشبۇي ماددىلارنى قاتىدىغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن كىلىدىغان زىياننىڭ مىقدارىنى ئېنىق بىلەلمەيمىز. 
بەزىلەرنىڭ چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تاماكىغا ئوخشاش خەتىرى يوق دېگەن سۆزى ﻫەرگىزمۇ توغرا ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۆت يىل جەريانىدا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇ ئىسپاتلاندىكى، چىلىمدا ئىستىمال قىلىنىدىغان شىرنىلىك ماددا ساپ زەﻫەرلىك ماددا بولۇپ، شىركەتلەر سەﻫىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىشى ياكى تەكشۈرۈشىگە قويماستىن ئۇنىڭ تەركىبىگە يەنە تۈرلۈك رەڭلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇرغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر ماددىنىڭ راك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ﻫەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. 
بۇنىڭ تۈرلىرى ئىچىدىكى «ئەلجىراك» دەپ ئاتىلىدىغان چېكىملىك تۈرى %15 كۆك تاماكىغا ﻫەسەل، مېۋە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپتۈرۈش ئۈچۈن بەزى خىمىيىلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ.
 ئۈچىنچى: بەزى ساددا كىشىلەر چىلىم ئارقىلىق تاماكا چېكىشنى ﻫالال، ئۇنىڭ تۈتۈنى چىلىمدىكى سۇيۇقلۇق ئارقىلىق چېقىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدىن بەكلام چەتنەپ كەتكەنلىك ﻫېسابلىنىدۇ. ئەمما تەجرىبىلىك كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: 
 1- چىلىمنى بىر قېتىم شوراش ئاز بولغاندا 10 تال سىگارېت چەككەنگە باراۋەر كېلىدۇ. 
  2-شىرىلىك چېكىملىك بىرقىسمىنىڭ چىلىمدا كۆيۈشى چىلىمدىكى زەﻫەرلىك ماددىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. 
  3-بىر چىلىمنى بىر قانچە كىشى ئىشلەتكەنلىكتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئېﻬتىماللىقى زور بولىدۇ. 
  4-چىلىمنىڭ سۈيى چىلىمدىكى تاماكا ماددىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان راك ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدىغان زەﻫەرلىك ماددىلارنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. 
بەﻫرەيندىكى«زەﻫەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيتى» تور بىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: كۆپچىلىك كىشىلەر چىلىم چېكىشنىڭ زېيىنى تاماكا(سىگارېت) چېكىشنىڭ زىيىنىدىن ئاز بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئىنتايىن ئاددى قاراشتۇر. چۈنكى ئۇلار چىلىمدا بار بولغان سۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆتكەن تۈتۈن زىيانلىق ماددىلارنى پۈركىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىلىم چىكىش ئارقىلىق كىلىدىغان زىياننىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما چىلىم چەككۈچىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان تۈتۈننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. چۈنكى ئېغىزدىن چىققان شۇ تۈتۈنمۇ تاماكا تەركىبىدە بار بولغان زەﻫەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇ ئىسپاتلاندىكى:
چىلىم چېكىش دائىم خۇمار قىلىدۇ.      
چىلىم چېكىش ئۆپكىنىڭ نورمال ﻫەرىكىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىششىپ كېتىشى، تەرەپلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ كېسەل ئېغىرلاشقانسىرى ئىنساندا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ.
چىلىم چېكىش ئۆپكە، ئېغىز بوشلۇقى، كاناي ۋە ئاشقازان راكى قاتارلىق كېسەللەرگە سەۋەپ بولىدۇ.
چىلىم چېكىش قان تەركىبىدىكى كاربۇن گازىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
چىلىم چېكىش ئەر-ئاياللاردا ئۇرۇقدانلارنىڭ كەمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چىلىم چەككەنلەرنىڭ ئۆپكە سىل كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
چىلىم چېكىش دائىم چىلىم چېكىدىغان ئاياللار ﻫامىلدار بولغاندا قورساقتىكى تۆرەلمىنىڭ ۋەزنى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنداقلا تۆرەلمە كەلگۈسىدە نەپەس ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولىشى ياكى تۇغۇلۇپلا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.
چىلىم چەككۈچى ﻫەر قېتىم نەپەس ئالغاندا ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ كىيىمىدىن سېسىق پۇراقلار تارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋازىنىڭ غاراڭ-غۇرۇڭ بولىشى، كۆز قارچۇقلىرىنىڭ قىزىرىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. شۇنداقلا مۇددەتتىن بۇرۇن يۈزى ۋە بەدەن تېرىسىگە قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە چىلىم چەككۈچى ئۆز ئۆيىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي مۇﻫىتىنى بۇزغۇچى ﻫېسابلىنىدۇ.
 يۇقىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندىمۇ چىلىم چېكىشنىڭ ﻫارام ئىكەنلىكى ئوچۇق چىقىپ تۇرۇپتۇ.
ئورالغان تاماكا(سىگارېت) چېكىش بىلەن چىلىم چېكىشنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟ دەپ سورالغاندا، تاماكىنىڭ ﻫارام ئىكەنلىكىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بولۇپ، مۇنداق دېگەن: ئەگەر تاماكىنىڭ ﻫارام ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، تاماكىنى قەغەزگە ئوراپ سىگارېت شەكىلدە ئىستىمال قىلىش ياكى چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىش، يەنى ساپ تاماكا ماددىسىنى ئىستىمال قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ئارىسىدا ﻫېچ پەرق يوق، گەرچە ئىسىم ئۆزگەرسىمۇ ماﻫىيەت ئۆزگەرمەيدۇ. ﻫارام نەرسە باشقا بىر نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇلسا، ئۇ نەرسىنىڭ ئەسلىدىكى ﻫاراملىقى ئۆز ﻫالىتىدە تۇرىۋېرىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت يېقىنلاشقاندا بىر بۆلەك كىشىلەر كېلىدۇ، ئۇلار ﻫاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئىچىدۇ.» چىلىم، تاماكا قاتارلىقلار ﻫارام قېلىنغان نىجىس نەرسىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ماددىلار مەۋجۇتتۇر. شۇنداقلا پۇل-مالنى ئىسراپ قىلغانلىقتۇر. «ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ﻫالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ﻫارام قىلىدۇ.» «ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن چىلىم ۋە تاماكا قاتارلىق چېكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، باشقىلارغا سېتىش ۋە جەمئىيەتتە تارقىتىش-راۋاجلاندۇرۇش توغرا بولمايدۇ.
تۆتىنچى: چىلىمنى تاماكا ماددىسى قوشماي پەقەت گۈل سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلىش توغرىسىدا بولۇپ، ئۇ قانداق گۈل سۈيى بىز بۇنى بىلمەيمىز ۋە بۇنداق بولىشىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلمايمىز، ئۇنداقتا چىلىمدا كۆيىدىغىنى قانداق ماددا؟، ئۇنىڭدىن سۇمۇرىلىدىغان نەرسىچۇ؟، بۇ ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىدىن شاخلاپ چىققان نامەلۇم نەرسىگە ﻫۆكۈم قىلىشتۇر.