guide
كوكايىنغا خۇمار بولۇشقا نەزەر
يوللانغان ۋاقتى :
04-01
كۆرۈلۈشى:
1153 قىتىم
    ئاپتورى: (بىلگەجان)     كوكايىنغا خۇمار بولۇشقا نەزەر
         
1.5 كىلوگرام كېلىدىغان ئىنسان مېڭىسى پۈتۈن ئالەمدىكى ئوخشاش ماسسىدىكى ئەڭ سىرلىق جىسىم دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئادەم مېڭىسى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، قايغۇلىرىمىز، ۋە بارلىق ئەقلىي پائالىيەتلىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان ئەزادۇر. مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن روﻫىي كېسەللەر ۋە مېڭە پائالىيىتى كونتىروللۇقىنى يوقىتىشتىن كىلىپ چىقىدىغان بىنورماللىقلار نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ئالىملارنىڭ دېققىتىنى تارتقان ﻫەل قىلىشقا تىگىشلىك جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە زەﻫەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكىلەرگە ناتونۇش ﻫادىسە ئەمەس. زەﻫەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش ئىلىپ كېلىدىغان ئاپەتلەر ﻫەر خىل ئىجتىمائىي ئاپەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇﻫىملىرىنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ ۋە زەﻫەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش تەخىرسىز بىر مەسىلىدۇر. مەن شەخسەن ئىلگىرى زەﻫەرگە خۇمار بولۇپ قىلىپ كېيىن ئىنتايىن ئازابلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ پۈتۈنلەي زەﻫەر تاشلاپ نۆۋەتتە جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك ﻫەسسىسىنى قوشۇپ كىلىۋاتقان كىشىلەرنى تونۇيمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان كىشىلەرمۇ بار. ئۇنداق بولسا ئىنسانلارنى زەﻫەر تاشلاتقۇزۇش ئۈستىدىكى تەتقىقاتلاردا دۇنيادا قانداق ئىلگىرىلەشلەر بولۇۋاتىدۇ؟ كىشىلەرنى ئاسان ئۇسۇلدا زەﻫەر تاشلاتقۇزغىلى بولامدۇ؟ بۇنى چۈشىنىشكە قىزىقسىڭىز ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى باشلىقى دوكتور فىرانسىس كولىننىڭ بۇ ﻫەقتىكى ماقالىسىگە دىققەت قىلىڭ.
مېڭە تەتقىقاتىدا نۇرغۇنلىغان ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كىلىۋاتىدۇ، قارىغاندا بۇ ﻫەپتىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەستەك قىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى (NIH) دىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى-سان فىرانسىسكودىكى ئالىملار بىلەن ﻫەمكارلىشىپ زىيانسىز بولغان لازېر نۇرى ئىمپۇلىسىنى كوكايىنغا خۇمار بولغان چوڭ چاشقاننىڭ مېڭىسىگە يەتكۈزدى ۋە بۇ ئارقىلىق چوڭ چاشقاننىڭ بۇ خىل ناركوتىك (خۇمار قىلىدىغان) دورىغا خۇمار بولۇشىنى توسۇپ قالدى.
ئەگەر بۇ گەپ سىزگە بەكلا ئىشەنچسىزدەك تۇيۇلغان بولسا، مەن سىزگە ئالدى مېڭىدىكى بىر رايوننىڭ فۇنكسىيىسىدىن چاتاق چىقسا، كىشىلەر ۋە چوڭ چاشقانلارنىڭ تېخىمۇ ئاسان زەﻫەرگە خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۈچلۈك ئىسپاتنى ئاساس قىلغانلىقىنى دەپ بېرىش ئارقىلىق سۆزۈمگە ئىشەندۈرەي. مېڭىنى سايىلەش (نەق ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتىش) تەتقىقاتلىرى زەﻫەرگە خۇمار بولغان ئادەم ۋە چوڭ چاشقاننىڭ بۇ ئالدى مېڭە رايونى ﻫەرىكىتىنىڭ نورمال كىشىلەر ۋە نورمال چاشقانلاردىن كۆپ ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇزۇن مەزگىل كوكايىن ئىشلەتكەندە بۇ مېڭە رايونىنىڭ فۇنكسىيىسىدىن تېخىمۇ چوڭ چاتاق چىقىدىكەن. ئالدى مېڭە قارار چىقىرىش، ﻫېسسىياتنى كونتىرول قىلىش ۋە قىلمىشنى بەلگىلەشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ زەﻫەر چېكىشنىڭ زىيانلىق ئاقىۋەتلىرىنى دەڭسەپ كۆرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.بۇ
زەﻫەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش بولسا بىر غايەت زور جامائەت ساغلاملىقى مەسىلىسىدۇر. نۆۋەتتە، 1.4 مىليون ئامېرىكىلىق كوكايىنغا خۇمار بوپ قالغان بولۇپ، ﻫازىرغىچە ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FDA) بۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان بىرەر دورىنى تەستىقلىغىنى يوق. شۇڭا بۇ ئىش ئامېرىكا قالايمىقان دورا ئىشلىتىش تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، نېرۋا ﻫۈجەيرىلىرى ئادەتتە لازېر نۇرىغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. بۇ تەجرىبىدە ئىشلىتىلگەن چوڭ چاشقانلار گىرۋەك ئالدى مېڭە قاسرىقى دەپ ئاتىلىدىغان ئالدى مېڭە رايونىدا نۇر بىلەن ئاكتىپلىشىدىغان نېرۋىلارنى ئىلىپ يۈرىدىغان قىلىپ كىلونلانغان. شۇنداق بولغاچقا بۇ چاشقانلار ئوپتىك تالالىرى ئارقىلىق لازېر ئىمپۇلىسىنى تارقىتالايدۇ. بۇ تېخنىكا ئوپتىكا گېنىتىكىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان. بۇ خىل تېخنىكا كەلگۈسىدە پىرىزدېنىت ئوباما يېڭىلا ئېلان قىلغان "مېڭە پىلانى" غا زور ﻫەسسىلەرنى
بۇ يېڭى تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن مەزگىل كوكايىنغا خۇمار بولۇپ قالغان چوڭ چاشقانلارنى ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ زەﻫەرگە خۇمارى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ﻫەتتا زەﻫەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن توك سوقۇۋىتىشىگىمۇ قارىماي زەﻫەرنى ئالماقچى بولۇشىدۇ. ئەمما بۇ چاشقانلار لازېر ئىمپۇلىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ نۇر گىرۋەك ئالدى مېڭە قاسرىقىنى قوزغىتىپ، بۇ رايوننىڭ ﻫەرىكىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. كىشىنى ﻫەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ چاشقانلارنىڭ قورقۇنچ تۇيغۇسى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، كوكايىنغا ئېرىشىشكە بولغان ئىنتىلىشىنى تۆۋەنلىتىشكە زور ياردىمى بولغان. يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر باشقا بىر خىل ئوپتىكىلىق گېنېتىكا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ ئالدى مېڭە ﻫەرىكىتىنى ئاستىلاتقاندا، ئەسلى توك سوقۇشتىن قورقىدىغان ۋە زەﻫەرگە خۇمارى يوق چاشقانلارمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك زەﻫەر چەككۈچىلەرگە ئايلانغان.
ئېنىقكى، بۇ تېخنىكا ئىنسانلاردا ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى مەيۈسلىنىش كېسىلىنى داۋالاشتا ئىنسانلاردا ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان مېڭىنى ماگىنىتلىق غىدىقلاش (TMS) تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ ئالدى مېڭە ﻫەرىكىتىنى قوزغىتىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، NIH بۇ خىل تېخنىكىنى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈشنى پات ئارىدا باشلايدۇ. تەتقىقاتچىلار TMS ئارقىلىق ئالدى مېڭىنى غىدىقلاپ زەﻫەرگە خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ باقماقچى.
مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئەﻫمىيىتى ﻫەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز
دوكتور فىرانسىس كولىن تونۇشتۇرغان بۇ كىشىنى ﻫاياجانغا سالىدىغان بۇ ماقالە بىزگە ﻫايۋانلارنى ئىشلىتىپ ئېرىشىلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىنسان كېسەللىرىنى داۋالاش ۋە ئىنسانلار ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇﻫىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يېڭى تەتقىقاتتا بىر گۇرۇپپا نېۋرولوگىيە ئالىملىرى ۋە دوختۇرلار بىرلىشىپ گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى، كېلون تېخنىكىسى، لازېر نۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىنتايىن مۇﻫىم بىر ساغلاملىق مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە تولىمۇ قالتىس بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئادەتتە زەﻫەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش پۈتۈنلەي مېڭىدىكى مۇكاپات سېستىمىسىنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ناركوتىك ماددىلار ئىنسان ۋە ﻫايۋانلار مېڭىسىدە ئوخشاشلا مۇكاپات سېستىمىسىنى قوزغىتىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق خۇمار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر خۇمار بولغان ماددا مېڭىگە يېتىپ بارمىسا شۇ جانلىق چوڭ مېڭىسىدىن، ئېنىقى ئالدى مېڭە قىسمىنىڭ فۇنكسىيىسىدىن چاتاق چىقىدۇ ۋە ئالدى مېڭىنىڭ ﻫەرىكىتى ئاستىلاپ ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارى، خەتەرنى مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ زەﻫەر چەككۈچىلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا سەۋەب بولىدۇ. مەزكۇر تەتقىقات بۇ ئاساسىي بىلىمنى مەركەز قىلغان ﻫالدا ئىنتايىن ئىجادچانلىق بىلەن چاشقان مېڭىسىدىكى لازېر نۇرغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان گېنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق لازېر نۇرىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان چاشقانلارنى يوقتىن تەجرىبىخانا شارائىتىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئاندىن لازېر نۇرىنى ئالدى مېڭىگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق بۇ رايوننى غىدىقلايدۇ ۋە مېڭە ﻫەرىكىتىنى تىزلىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنىڭ زەﻫەرگە خۇمار بولغان چاشقانلارنىڭ زەﻫەر خۇمارىنى يوق قىلىشتا ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئاخىرىدا گەرچە لازېر نۇرى ئارقىلىق ئىنسان مېڭىسىنى غىدىقلاش يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرسىمۇ، ئىنسانلاردا مەيۈسلىنىش كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان TMS ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش ئويىنى ئويلاپ تاپىدۇ. ﻫازىر بۇ تېخنىكا ئىنسانلاردا سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋىتىپتۇ. ئەگەر كىلىنىكىلىق سىناق مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە زەﻫەرگە خۇمار بولۇشنى كىلىنىكىدا داۋالاپ ساقايتىشتىن ئۈمىد تۇغۇلۇشى مۇمكىن.
مەنبە: بىلىمدان تور ژورنىلى http://eser.okyan.com/Bilimdan/