guide
نەشىنىڭ زىيىنى
يوللانغان ۋاقتى :
04-01
كۆرۈلۈشى:
1714 قىتىم
نەشىنىڭ زىيىنى








   
   نەشە بولسا كەندىردىن ياسالغان بىر خىل زەﻫەرلىك بۇيۇم بولۇپ، بۇنى زەﻫەر ئەتكەسچىلىرى پۇل تېپىش مەقسىتىدە ﻫەرخىل ئادەم بەدىنىگە زەﻫەرلىك بولغان ماددىلارنى يەنى مەست قىلغۇچى دورىلار، چىۋىن دورىسى يەنە باشقا مەينەت نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ساتىدۇ. زەﻫەر چەككۈچىلەر بۇنداق ئارلاشما ناچار زەﻫەرلىك بۇيۇمنى ئۇزۇن مۇددەت چەككەندە مېڭىسىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىپ، مىڭە يىگىلەش، ئېلىشىپ قېلىش، روﻫى كىسەل قاتارلىق ﻫەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.


     نەشە چەككەن ئادەمدە كۆرۈنەرلىك ﻫالدا بىئولوگىيلىك ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرمىسىمۇ، لېكىن روﻫى ۋە پىسخىكا جەﻫەتتىن زور دەرىجىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، ئىچى تىتىلداش، زەﻫەرلىك بۇيۇمغا تەلپۈنۈش، ئوي-پىكىرى قالايمىقانلىشىش، قالايمىقان خىياللاردا بولۇش قاتارلىق روﻫى ﻫالەتتە ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نەشە چەككەن ئادەمدە شۇنى چەكمىسە نورمال ياشىيالمايدىغاندەك روﻫى ﻫالەت شەكىلىنىدۇ، چۈنكى بۇنى چېكىپ كۆنۈپ قالغاندا يۇقارقىدەك ﻫالەتلەر كۆرۈلگەچكە ئۆزىنىڭ روﻫى ﻫالىتىنى كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن داۋاملىق چېكىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. نەشە چەككەندە ئادەم بەدىندىكى ئىچكى ئەزالارنىڭ ﻫەركىتى تىزلىشىپ، بۆرەك قاتتىق قىزىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەمنىڭ جىنسى ﻫەۋىسىمۇ كۈچۈيىشكە باشلايدۇ. شۇڭا توي قىلغانلار ئىچىدىكى نەشە چىكىدىغانلار تۇرمۇشتىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە ئادەتتىكى نورمال كىشىلەردىن ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ، لېكىن ئەسلىدىكى نورمال ئىشلەش ﻫالىتىنى داۋاملىق زەﻫەرلىك بۇيۇم نەشە بىلەن نەچچە ﻫەسسە ئاشۇرغاچقا، بۆرەك شۇنداق قىززىشقا كۆنۈپ قېلىپ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ، نەشىنى چەكمەي تاشلاپ قويغاندا بۆرەكتە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئائىلىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە بۇرۇنقىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيدۇ، ﻫەتتا نورمال ئادەملەردىنمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەپ تۇرمۇش قۇرۇپ بولغانلارنىڭ نەشىنى تاشلىشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. ئەمدى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار نىمىشقا چېكىشنى ئۆگۈنۈپ قېلىپ تاشلىيالمايدۇ دىگەندە، بۇ زەﻫەرلىك بۇيۇم ﻫازىر جەمىيىتىمىزدە ئىنتايىن ئەۋجىپ كەتكەچكە، ياشلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر بۇنىڭ ئازدۇرىشىدا بىر قېتىم قىلىپ باقاي دىگەن ئىدىيە بىلەن چېكىدىيۇ، ئاندىن بۇنىڭ مەست قىلىشىدىن ﻫوزۇرلۇنۇپ ئۆزىنىڭ ئىچ-پۇشۇغىنى چىقىرىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرىۋالىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت چەككەندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك مەست قىلىدىغان ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ چىكىشكە باشلايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ نەرسە ئۇنىڭ روﻫىنى چىرىتىپ بۇ خىل زەﻫەرلىك بۇيۇمدىن ئايرىلالماس قىلىپ قويۇدۇ.


    شۇڭا كىشىلەرنىڭ بۇنداق زەﻫەرلىك بۇيۇمدىن يىراق تۇرۇشىنى، ﻫەمدە بۇنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىنى، ئۆزىنى سىرلىق تۇماندىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، ئەۋلادلارغا، جەمىيەتكە بىر ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى  چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.