guide
زەﻫەر چېكىشنىڭ سەۋەپلىرى
يوللانغان ۋاقتى :
04-01
كۆرۈلۈشى:
1322 قىتىم
زەﻫەر چەكلەش بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈپ زەﻫەرلىك بۇيۇمدىن يىراق تۇرايلى
زەﻫەرلىك بۇيۇم دىگەن نىمە؟
دۆلىتىمىزنىڭ ‹جازا قانۇنى›نىڭ 357 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا: زەﻫەرلىك بۇيۇمنىڭ كۆرسىتىدىغىنى، ئەپيۇن، خىروئىن، كىرىستال زەﻫەر، مورفىن، نەشە، كوكايىن ۋە دۆلەت بىكىتكەن باشقۇرۇش دائىرسىگە كىرىدىغان ياكى كىشىنى خۇمار قىلىش كۈچىگە ئىگە مەست قىلغۇچى ۋە روﻫلاندۇرغۇچى دورىلارنى كۆرسىتىدۇ (باش چايقاش كۇمۇلىچى، K تالقىنى).
زەﻫەر چەكسە نېمىشقا خۇمار بولۇپ قالىدۇ؟
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، زەﻫەر چەككەندە خۇمار بولۇپ قېلىش زەﻫەرلىك بۇيۇم ۋە ئادەم بەدىننىڭ ئۆزئارا بولغان تەسىرىنىڭ نەتىجىسى. بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا زەﻫەرلىك بۇيۇمنىڭ ئورتاق بولغان ئالاﻫىدىلىكى بار، بۇ ئالاﻫىدىلىك دەل ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئادەمنىڭ مېڭىسىدىكى ئۆگۈنۈش ۋە ئەستە تۇتۇش خاتىرسىگە ئالاقىدار بولغان نىرۋا سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسۈتىدىغان بولۇپ، تەدرىجى ﻫالدا روﻫى بېقىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (روﻫى خۇمار)، شۇ تۈپەيلى دورىنى قوغلۇشۇپ ئىشلىتىشتەك قىلمىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، زەﻫەرلىك بۇيۇم ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى نورمال بولغان تەڭپۇڭلىققا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، زەﻫەرلىك بۇيۇمنىىڭ تەسىرىدە يېڭى تەڭپۇڭلىقنى پەيدا قىلىدۇ (بەدەن بېقىنىشى). زەﻫەر چىكىشنى توختۇتۇپ قويغان زامان، بىئارامچىلىق ﻫىس قىلشقا باشلايدۇ. شۇڭا پەقەت توختىماستىن كۆپ مىقتاردا زەﻫەرلىك بۇيۇمنى چىكىش ئارقىلىق ئاندىن بەدەننىڭ يېڭى پەيدا بولغان تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
زەﻫەر چىكىشنىڭ قانداق خەۋىپلىرى بار؟
زەﻫەر چىكىشنىڭ زىيىنىنى ‹ئۆزىنى ۋەيران قىلىش، ئائىلىسىنى بالاغا تىقىش، جەمىيەتكە خەۋىپ ئېلىپ كېلىش› دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
(1) زەﻫەر چىكىشنىڭ ئۆزىگە بولغان زىيىنى: زەﻫەر چىكىش ئېغىر دەرىجىدە روﻫى ۋە بەدەن ساغلاملىقىغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىپ، ئۆلۈشنى تىزلىتىدۇ. زەﻫەر چىكىش ئادىمىيلىكنى يوقۇتۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تۈگەشتۈرىدۇ. زەﻫەر چىكىش ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىش، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. زەﻫەر چىكىش ئاسانلا ئەيدىز قاتارلىق تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇشقا سەۋەپچى بولىدۇ.
(2) زەﻫەر چىكىشنىڭ ئائىلىگە بولغان زىيىنى: زەﻫەر چىكىش ئائىلىگە زور روﻫى يوقۇتۇش ئېلىپ كېلىدۇ. زەﻫەر چىكىش ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، ئىقتىسادى تۈگەپ ﻫېچ نەرسىسى قالماسلىققا باشلاپ ماڭىدۇ. زەﻫەر چىكىش يەنە ئەۋلادلارنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىتىدۇ.
(3) زەﻫەر چىكىشنىڭ جەمىيەتكە بولغان تەسىرى: زەﻫەر چىكىش جىنايەت يولىغا باشلايدۇ. نورمال بولغان جەمىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. زەﻫەر چەككۈچى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلىكىنى خورۇتۇپ بولغاندىن كېيىن تەۋەككۈل قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ بولغان جىنايەت يولىدا مېڭىشقا باشلاپ، زەﻫەر سېتىش ئارقىلىق خۇمارىنى قامداش، پارىخورلۇق، ئالدامچىلىق، ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق قاتارلىق جىنايەت قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنىدۇ. زەﻫەر چېكىش جەمىيەت ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە زىيان سالىدۇ. زەﻫەر چېكىش جەمىيەت ياخشى ئوبرازىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، كىشىلەرنىڭ روﻫىيتىنى چىرىتىپ، مىللى روﻫقا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ، بۇ مەسىلە ﻫازىر پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشقان مەسىلىگە ئايلاندى. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى %80 ئايال زەﻫەر چەككۈچى ئىپپىتىنى سېتىشقا تايىنىپ زەﻫەر چىكىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. زەﻫەر چىكىش دۆلەت پۇخرالىرىنىڭ ساپاسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. زەﻫەر چەككۈچى نورمال بولغان ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
زەﻫەر چىكشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەر نېمە؟
(1) قىزىقىش. چۈنكى يېڭىلىق تۇيۇلۇپ قىزىقىپ، سىناپ بېقىشنى ئويلاپ ئەكسىچە زەﻫەر چىكىشكە ئۆگۈنۈپ قالىدۇ.
(2) خوشاللىق ئىزدەش. زەﻫەر چىكىشنى خۇددى تاماكا چەككەندەك، ﻫاراق ئىچكەندەك ئورۇنغا قويۇپ، خوشاللىقتىن بەﻫرىمان بولۇش ۋە ﻫاياجانغا چۆمۈش تەلىپىنى قاندۇرىدۇ. بۇنداق قىلمىش، كۆپ ساندىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئاممىۋى سورۇنلار ياكى يالغۇز پاراڭلىشىش مۇﻫىتلىرىدا ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، زەﻫەر چىكىشنى ئاتالمىش بىر خىل روﻫى جەﻫەتتىكى ﻫوزۇرلۇنۇش دەپ بىلىش.
(3) ئۆز-ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش. زەﻫەر چىكىشنى بىر خىل ئىسىلزادىلىك دەپ قاراش. ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى زەﻫەر چەككۈچىلەردە مۇنداق بىر بىمەنە قاراش بار : ‹ خىروئىن چىكىش بولسا ﻫازىرقى جەمىيەتتىكى مودا بولۇپ چەكمىسە مودىدىن قالغانلىق، چەكسە ﻫەقىقەتەن يارايدىغان نوچى ئادەم بولىدۇ›. ئاز بولمىغان ياش-ئۆسمۈرلەر نۇرغۇن پۇل خەجلەپ خىروئىن چىكىشى دەل ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن.
(4) ئاممىغا ئەگىشىش. ئاممىغا ئەگىشىشنىڭ دىمەكچى بولغۇنى دەل باشقىلار نىمە قىلسا ئۆزىمۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ شۇنداق قىلىش. ياش-ئۆسمۈرلەر ئاممىغا ئەگىشىشكە ئامراق كېلىدۇ، دوستى زەﻫەر چەكسە ئۆزىمۇ چەكسەم بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىر نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ زەﻫەر چىكىشنى باشلىغاندىكى قىلمىشىنى ئېيتىپ: ‹ مەن ئەسلىدە تاماكا چېكەتتىم. بىر كۈنى، بىر دوستۇم ماڭا بىر تال تاماكا بەردى، قارىسام ئۇ تاماكىغا ئوخشۇمايتتى، شۇنىڭ بىلەن دوستۇمدىن ئۇنىڭ نىمىلىكىنى سورۇدۇم. ئۇ چېكىۋەر، ئىشقىلىپ سەن چىكىدىغان تاماكىدىن كۆپ ياخشى دېدى. مەن ئويلاپ قالدىم، بەرىبىر ﻫەممىسى تاماكىغۇ، چەكسەم چىكەي. شۇنداق قىلىپ، بىر نەچچە تال تاماكا چىكە-چەكمەيلا خۇمار بولۇپ قالدىم، ئىككىنچىلەپ تاشلىيالمىدىم›.
(5) خاپىلىقلارنى ۋە ئىچ-پۇشۇقلارنى چىقىرىش ئۈچۈن بەزى ياش-ئۆسمۈرلەر قىيىنچىلىققا ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىسا بىردەملىك خوشاللىق ئۈچۈن زەﻫەر چىكشىنى تاللايدۇ.
(6) باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىش، ئازدۇرۇش.
ياش-ئۆسمۈرلەر قانداق قىلىپ زەﻫەر چىكىشتىن ساقلىنىدۇ؟
(1)ئاساسى بولغان بىلىملەر ۋە زەﻫەر چەكلەش قانۇن-نىزاملىرى تەربىيەسىنى ئېلىش، «تۆتنى بىلىش»نى ئەستە چىڭ ساقلاش: زەﻫەرلىك بۇيۇمنىڭ نىمىلىكىنى بېلىش؛ زەﻫەر چەكسە ئىنتايىن ئاسان خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، تاشلىماقنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى بىلىش؛ زەﻫەرلىك بۇيۇمنىڭ زىيىنىنى بىلىش؛ زەﻫەرلىك بۇيۇمنىڭ قانۇنغا خىلاپ نەرسىلىكىنى، چېتىلىپ قالسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى بىلىش؛
(2) توغرا بولغان دۇنيا قارىشى تۇرغۇزۇش، قارغۇلاچە راﻫەت-پاراغەتنى قوغلاشماسلىق، قىزىقىشنى باﻫانە قىلىپ سىناپ باقماسلىق، ناچار بولغان ئازدۇرۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ كەتمەسلىك.
(3) زەﻫەرلىك بۇيۇم كېسەل داۋالايدۇ، ئازاپ ۋە ئىچ-پۇشۇقنى تۆگىتىدۇ، ئادەمگە خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلەيدۇ دىگەندەك ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك.
(4) زەﻫەر چىكىش ۋە زەﻫەر سېتىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان كىشىلەرنى دوست تۇتماسلىق. ئەگەردە دوست-بۇرادەرلەر ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا زەﻫەر چىكىدىغان ياكى زەﻫەر ساتىدىغانلار بولۇپ قالسا، بىرىنچىدىن، چوقۇم نەسىﻬەت قىلىش، ئىككىنچىدىن، يىراقلىشىش، ئۈچۈنچىدىن، ج خ تارماقلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىش.
(5) ياخشى بولغان ئادەت يىتىلدۈرۈپ، تاماكا چىكىش ۋە ﻫاراق ئىچىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ياش-ئۆسمۈرلەر كىرىشى مۇۋاپىق بولمىغان سورۇنلارغا قەتئىي كىرمەسلىك، باش چايقاش كۇمۇلىچى، k تالقىنى قاتارلىق روﻫلاندۇرغۇچى دورىلارنى قەتئىي ئىستىمال قىلماسلىق.
(6) ئەگەردە ئۆزىمۇ ئەﻫۋالنى بىلمىگەن ﻫالدا ئازدۇرۇشقا ئۇچۇراپ ئالدىنىپ بىرەر قېتىم چىكىپ قالسىمۇ، يەنىلا ﻫاياتىنى قەدىرلەپ، ﻫەرگىزمۇ ئىككىچى قېتىم چەكمەسلىك.
يارپ تورىدىن : يارقىن توختى تەرجىمىسى