چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-01
- كۆرۈلۈشى:
- 1381 قىتىم

ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ چۈمادو قاتارلىق زەﻫەرلىك دورىلارغا ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندە ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ. ياشلاردىمۇ ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالماسلىققا ئىدىيىۋى تەييارلىق شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىۋېلىشنىڭ ئەﻫمىيىتى بار.
1. بىلمەسلىكتىن ئىستىمال قىلىنىدۇ. چۈمادو قاتارلىق دورىلارنى ئادەتتە دورا زاۋۇتلىرى قانۇنلۇق ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئادەتتىكى دورىدەكلا قاراپ، بىر ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلغاندا ﻫېچنىمە بولماس دەپ بۇ خىل زەﻫەرلىك دورىنى بىلمەسلىكتىن ئىستىمال قىلىپ قالىدۇ. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلەتكەندە دورا ﻫېساپلانسىمۇ، قالايمىقان ئىشلەتكەندە ئۆتكۈر ﻫەزەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
2. قىزىقىش ۋە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ ئىستىمال قىلىش. زەﻫەرنىڭ خۇمارىنى يىتەرلىك مۆلچەرلىيەلمەسلىك، ئۆزىگە ﻫەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كىتىشتىن چۈمادوغا ئۆگىنىپ قالىدۇ. بىر قانچە قېتىم ئىستىمال قىلغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، خۇمارى تۇتقاندا بەرداشلىق بىرىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلمەسلىك، ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى زەﻫەرلەپ كېرەكتىن چىقىرىدىغانلىقىنى، بىئەجەل ئۆلۈپ كىتىشكەن ئاپىرىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يىتەلمەسلىك.
3. راﻫەت- پاراغەتنى كۆزلەش، زەﻫەر ئىستىمال قىلىشنى مودا دەپ قارا
4. پىسخىك پەرداشلىق بىرىش كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن زەﻫەرگە ئۆگىنىپ قېلىش. ئازراق ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچراش سەۋەبىدىن كۆڭلى يېرىم بولسا بەرداشلىق بىرەلمەي، زەﻫەر ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق دەردىنى بېسىشقا ئورۇنۇش.
5. ئائىلىسى ۋەيران بولۇش سەۋەبىدىن زەﻫەر چىكىشكە ئۆگىنىپ قالىدۇ.
6. ئاتا- ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى يىتەرلىك بولمىغاچقا ۋە ئائىلە تەربىيىسى لايىقىدا بولمىغاچقا پەرزەنتلەردە بىزار بولۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ زەﻫەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ.
7. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ناچار تەسىرى بىلەن زەﻫەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ.
8. دوستنى تاللاپ تۇتمىغانلىقتىن زەﻫەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ.
چۈمادو قاتارلىق زەﻫەرلەرگە ئۆگىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن زەﻫەردىن يىراق تورۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شۇڭا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1. زەﻫەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم. چۈمادونىڭمۇ كۈچلۈك بىرخىل زەﻫەر ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك.
2. چۈمادونىڭ ئادەمنى ئاسانلا خۇمار قىلىپ قويىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنى تاشلاشنىڭ ئۈزىل- كىسىل قىيىنلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم.
3. چۈمادونىڭ ئۆزىگە، باشقىلارغا، ئائىلىسىگە كەلتۈرىدىغان مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر ئاقىۋىتىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم.
4. بىرىنچى قېتىملىقىنى مەڭگۈ تېتىپ باقماسلىق كېرەك.
5. قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىش، ﻫەرگىزمۇ زەﻫەردىن پايدىلىنىپ ئاچچىقىنى چىقارماسلىق كېرەك.
6. قۇرۇق خياللاردا بولۇش، ﻫىسياتقا بېرىلىش، مودا قوغلىشىش بولسا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زەﻫەر ئىستىمال قىلىش يولىغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر، شۇڭا توغرا تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ﻫاياتنى قىزغىن سۈيۈش كېرەك. پۇلنى، راﻫەت- پاراغەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىن يىراق تۇرۇش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا زەﻫەردىن يىراقتۇرغانلىق بولىدۇ.
7. زور كۆپ ساندىكى زەﻫەر ئىستىمال قىلغۇچىلار دوستلىرىنىڭ تەسىرىدىن زەﻫەر پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. شۇڭا دوست تۇتۇشقا ئېﻬتىياتچان بولۇش كېرەك.
8. ساغلام بولمىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارماسلىق كېرەك.
چۈمادونىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشتە ئالدىنى ئېلىش ۋە خۇمار بولغانلارنى بايقاش، قۇتقۇزىۋېلىشقا تەڭ كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئاتا- ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار پەرزەنتلەرنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈمادوغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاشقا ئەﻫمىيەت بىرىش كېرەك.
تۆۋەندىكى ئۆزگىرىش ئەﻫۋالىدىن ياشلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈمادوغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ.
1. تۇرمۇش قانۇنىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.
زەﻫەر ئىستىمال قىلىش ئىﻬتىياجى ۋە زەﻫەرنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى تۈپەيلىدىن زەﻫەر چەككۈچىنىڭ ئۇيقىسى ۋە يىمەك- ئىچمەك قانۇنىيىتىدە دائىم نۇرمالسىز ئەﻫۋاللار كۆرىلىدۇ. مەسىلەن: كەچ ئۇخلايدۇ ياكى يېرىم كىچىگىچە ئۇخلىمايدۇ. ئەتتىگىنى ئورنىدىن تۇرغىلى ئۇنىمايدۇ. ياكى كۈندۈزى ئۇخلايدۇ. يىمەك- ئىچمىكى رېتىمسىز بولىدۇ. تامىقى ئازىيىپ كېتىىدۇ.
2. مىجەز خاراكتىرىدەكۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ.
زەﻫەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى دۇرۇس پەزىلىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، كەسىپچانلىقى، ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولغانلار تويۇقسىز ﻫورۇن، چۈشكۈن، جىمغور، شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ. ئەسلىدە يېقىملىق، ئاقكۈڭۈل بولغانلار قوپال، تەرسا بولۇپ قالىدۇ. ﻫەتتا ۋەﻫشى بولۇپ كېتىدۇ.
3. ئېنىق بولمىغان چىقىملىرى كۆپىيىدۇ.
زەﻫەر ئىستىمال قىلىشقا خىراجەت كېتىدۇ. يىغقان پۇلىنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن ﻫەرخىل يالغان- ياۋىداق گەپلەرنى توقۇپ چىقىپ ئورۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئالىدۇ. ﻫەتتا ئۆيدىن پۇل ئوغۇرلايدۇ. يەنە كېلىپ پۇللارنى نەگە خەجلىگەنلىكىنى دەپ بىرەلمەيدۇ.
سالامەتلىك ئەﻫۋالى كۆرىنەرلىك ناچارلىشىدۇ.
4. زەﻫەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ۋە نۇرغۇن سېستىمىلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەﻫەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ﻫەمىشە ئىشتىﻬاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ. نەتىجىدە سالامەتلىك ئەﻫۋالى كۆرىنەرلىك ناچارلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئالامەتلىرى ئاسان ﻫېرىپ چارچاش، تىت- تىت بولۇش، جۈدەپ كېتىش، قىزىقىش ۋە ﻫەۋەسلىرى ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىقلار.
5. بەزىدە يېنىدىن، ياتىقىدىن زەﻫەر تېپىلىپ قالىدۇ.
6. دوست تۇتۇش دائىرىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
7. زەﻫەر ئىستىمال قىلىش ﻫەمىشە باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى، ئالدىشى ياكى كۈشكۈرتىشى بىلەن باشلىنىدۇ. شۇڭا زەﻫەر چەككەندىن كېيىن كۆپ ﻫاللاردا بۇرۇن ئارلاشقان دوستلىرىدىن يىراقلىشىپ، زەﻫەر ئىستىمال قىلغۇچىلار بىلەن قويۇق ئارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىجدىمائى مۇناسىۋەت دائىرىسدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دۇرۇس ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ ئۆتىدىغان ئەﻫۋاللار بارغانسىرى ئازىيىپ، يولدىن چىققان ئادەملەر بىلەن بولغان باردى-كەلدىلىرى بارا- بارا كۈچىيىشكە باشلايدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە بۇنداق ئادەملەر بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردا ﻫەمىشە تىمىسقىلاپ، سىرلىق، ئالدىراش يۈرۈيدۇ. نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
8. بەزىدە ئۇلاردازەﻫەردىن ئۈزىلىپ قېلىش ئىنكاسى كۆرۈلىدۇ.
زەﻫەر چەككۈچىلەر خۇمارى تۇتۇپ كېتىپ دەماللىققا زەﻫەر تاپالماي قالسا ئۇلاردا زەﻫەردىن ئۈزىلىپ قېلىش ئىنكاسى كۆرۈلمەي قالمايدۇ. كۆزىنىڭ قارچۇغى چوڭىيىپ كېتىدۇ، تىترەيدۇ، بەدەنگە توخۇ ئەت چىقىپ كېتىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدۇ. قورسىقى ئاغرىپ، ئىچىسۈرىدۇ. مۇسكۇللىرى تارتىشىدۇ. يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىدۇ. خۇي- پەيلى ئۆزگىرىپ ﻫەدىسىلا چېچىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. تىت- تىت بولىدۇ. خاتىرجەمسىزلىنىدۇ. روﻫى كەيپىياتى ناچارلىشىدۇ.
چۈمادوغا ئۆگىنىپ خۇمار بولۇپ قالغانلاردا زەﻫەردىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بولىدۇ. زەﻫەرنىڭ زىيىنىنى ئۆزى بىۋاستە ﻫېس قىلىپ يەتكەچكە زەﻫەردىن قوتۇلۇش يولىدا نۇرغۇن قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بىراق زەﻫەر بەدەنگە توپلىنىپ ئورگانىزىملارغا زىيان يەتكۈزگەچكە، بولۇپمۇ مىڭىنى زەﻫەرلەپ روﻫى كېسەللىكنى پەيدا قىلغاچقا، زەﻫەر ئىستىمال قىلىشنى توختاتقان ﻫالەتتىمۇ بەدەن خاراكتىرلىك خۇمار يەڭگىللىسىمۇ روﻫى جەﻫەتتىكى خۇمار داۋاملىق ساقلىنىپ قېلىپ، ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇش، جىددىلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، زىﻬنىنى يىغالماسلىق، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەردىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا داۋالاشنى تەشۈببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك. ياكى ئۇرۇق- تۇققان، دوست-بۇرادەر پەرزەنتلىرى بولسا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشقا ئىلﻬاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
مۇستەﻫكەم زەﻫەر تاشلاش ئىتقادى تەكلەش ﻫەمدە داۋالاشقا ياخشى ماسلىشىش ئارقىلىق زەﻫەردىن ئۆزۈل- كېسىل قۇتۇلغىلى بولىدۇ. خىروئىن چەككەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ بۇرۇن چۈمادو ئىستىمال قىلىش ياكى نەشە چىكىش تارىخى بولىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا بايقاش ۋە داۋالىتىش ئىنتايىن مۇﻫىم
ئاپتورى: تۇرغۇنجان توختى.