تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-29
- كۆرۈلۈشى:
- 1947 قىتىم
ئارخېئولوگلار قېزىۋىلىنغان جەسەتكە قارىتا كاربون 14 ئانالىزى ئېلىپ باردى . سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سىڭگىم قەدىمىي قەبرىستانلىقى تەخمىنەن 2200 يىلدىن 2500 يىلغىچە تارىخقا ئىگە بولۇپ ، غەربىي خەن سۇلالىسگە توغرا كېلىدىكەن ، بۇ جەسەت بەلكىم شۇ دەۋردىكى شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاﻫالىسى ئىچىدىكى ﻫۆرمەتكە سازاۋەر بىرەر ئايال بولۇشى مۇمكىنكەن .
20-نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00 دە ، مۇخبىر تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئانالىز قىلىش تەجرىبىخانىسىدا ، خىزمەت ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈستەلدە كىيىمى سالدۇرۇلماقچى بولغان جەسەتنى كۆردى . خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىم كىيىمى سالدۇرۇلىدىغان جەسەتتىن تۆتى بولۇپ ، بۇنىڭ بىرى ئەرنىڭ جەسىتى ، ئىككىسى ئايالنىڭ جەسىتى ۋە بىرى كىچىك بالىنىڭ جەسىتى ئىكەن .
خادىملار جەسەتنىڭ كىيىمنى ‹‹ سالدۇرۇش ›› جەريانىدا ، سۈرەتكە تارتىپ ، نومۇر قويۇپ خاتىرىلىدى . ئارىسىدىكى بىر ئەر جەسەتنىڭ بېلىدىكى كەمەر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى . بۇ كەمەرنىڭ كەڭلىكى 4 ~ 5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ، كۆك رەڭلىك بولۇپ ، باش قىسىمىغا ناﻫايىتى نەپىس گۈل چىقىرىلغان ئىكەن . تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا ، بۇ كەمەرنىڭ ئىچى خرۇمدىن ياسالغان بولۇپ ، سىرتى يۇڭلار بىلەن ئورالغان ئىكەن . بەلكىم شىنجاڭنىڭ يەرلىك قوي يۇڭىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىنكەن . مۇتەخەسسىسىلەر بۇ بۇيۇمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قول ﻫۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ ، دەپ قارىدى .
يەنە بىر ئايال جەسەتنىڭ كىيىمىدىن قىزىل رەڭلىك مارجانلار بايقالغان . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، نەپىس ئىشلەنگەن كەمەر ۋە قىممەتلىك مارجانغا قارىغاندا ، جەسەت ﻫايات ۋاقتىدا بىرەر ئەمەلدار ياكى سودىگەر بولۇشى مۇمكىنكەن . لېكىن بۇ مەسىلىلەرنى تارىخشۇناسلار ۋە مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئاندىن بېكىتىشكە بولىدىكەن .
جۇڭگو يىپەك مۇزىيى تېخنىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زىچياڭ مۇنداق دېدى : ﻫازىرقى كىيىمنى ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، تۈرى ئاساسەن پىلاش ، يۇڭ ئىشتان ، يىپەك ياغلىق ، ئۆتۈك قاتارلىقلار بولۇپ ، كىمخاب ، توقۇلما بۇيۇم ، يىپەك، خرۇم قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن ، قىزىل ، كۆك ، يېشىل ، ئاق قاتارلىق رەڭلەردىن تەركىب تاپقان . ئارخېئولوگىيەلىك قىممىتىدىن قارىغاندا ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ .
ۋاڭ زىچياڭ يەنە مۇنداق دېدى : كېيىنكى قەدەمدە جەسەتلەردىن ئېلىنغان كىيىملەرنىڭ توپىسىنى چىقىرىش ، يۇيۇش ، رەڭگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ تالاسى ، توقۇلۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ، 2200 يىللار ئىلگىرىكى شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ﻫەم شۇ دەۋرنىڭ ئالاﻫىدىلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىمىز .




