كىيىمنىڭ رەڭگى ﻫۆل ۋاقتىدا نېمىشقا قېنىق كۆرۈنىدۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 636 قىتىم
ﻫەر قانداق ماددىنىڭ قانچىلىك نۇر قايتۇرالىشى شۇ ماددىنىڭ نۇر قايتۇرۇش نىسبىتىگە ۋە شۇ ماددىنىڭ قانداق ماددىغا چىلانغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. قۇرۇق كىيىم ‹‹چىلاقلىق›› ماددىنى ﻫاۋا، دەپ قارىساق، ﻫاۋانىڭ نۇر قايتۇرۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن شۇ كىيىم ﻫۆللەنگەندە نۇر بىر قەۋەت سۇ ئارقىلىق كىيىمگە ئۆتىدۇ،سۇنىڭ نۇر قايتۇرۇش نىسبىتى ﻫاۋانىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، كىيىم بىلەن سۇ ئارىلىقىدىن ئۆتكەن نۇر خېلىلا ئاز بولىدۇ، شۇڭا كىيىمنىڭ رەڭگى ﻫۆل چاغدا قېنىق كۆرۈنىدۇ.