ئاياغ كىيىم ۋە ساغلاملىق
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 944 قىتىم

كېيىم – كېچەككە ماسلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك، يارىشىملىق ئاياغ كىيىم كىشىنىتېتىك، روﻫلۇق كۆرسىتىدۇ، بىراق ئاياغ كىيىم سېتىۋالغاندا يارىشىملىقلىقنىلا قوغلىشىپ سالامەتلىكنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئاياغ كىيىم سېتىۋالغاندا تۈۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئاياغ كىيىم پۇتنىڭ ئۆلچىمىدىن يېرىم نومۇر چوڭ بولۇشى، ئۇنى كىيگەندە پۇتنىڭ ئالدى – كەينىدە بەش مىللىمېتىردىن كۆپرەك بوشلۇق قېلىشى كېرەك. ئاياغ كىيىمنىڭ نومۇرىدىن باشقا، ئۇنىڭ شەكلىگىمۇ دىققەت قىلىش لازىم. پۇت پەنجىسىنىڭكەڭ – تارلىقىغا ئاساسەن ئاياغ كىيىم بەش خىل شەكىلدە تىكىلىدۇ. بىرىنچى خىلى ئەڭ تار، بەشىنچى خىلى ئەڭ كەڭ بولىدۇ.
ئاياغ كىيىمنى چۈشتىن كېيىن سېتىۋالسا ياخشى، چۈنكى چۈشتىن كېيىن پۇت سەل بوشايدۇ. ئاياغ كىيىم پۇتقا چىڭ كېلىپ قالسا، ئاياغ كىيىم ئىچىدىكى ﻫاۋا ئالمىشالماي، پۇتنى قىزىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پۇتتا ئاسانلا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.
ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى – ئۈچ سانتىمېتىر بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ ئېگىزلىك ئوشۇق ئۈگىسىنىڭ تەبىئىي بۆلىكىگە خوپ كېلىدۇ، مېڭىش – تۇرۇش يەڭگىل بولۇپ، كىشى ئاسانلىقچە ﻫارمايدۇ. نورمال ئېگىزلىكتىكى ئاياغ قىزلارنىڭ زىلۋالىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قەددى – قامىتىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. داۋاملىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىم كىيگەندە، پۇتنىڭ ئوشۇق ئۈگىسى تەبىئىي بۆلىكىدىن چوڭ بولۇپ كېتىدۇ – دە، پۇتنىڭ ئالقىنىغا چۈشكەن ئېغىرلىق ئۈچ – تۆت ﻫەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا كىشى يول ماڭغاندا ئاسان ﻫېرىپ قالىدىغان، كۆكرەك ئالدىغا چىقىۋالىدىغان، باشمالتاق پۇت پولتىيىۋالىدىغان، بوغۇم ياللۇغى بولىدىغان، ئوشۇق ئۈگىسى قاتلىشىۋالىدىغان ئەﻫۋاللار ئاسانلا كۆرۈلىدۇ.
ئۇچى ئۇچلۇق ئاياغ كىيىمنىڭ ﻫەممە ئادەمنىڭ پۇتىغا مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. ئاياغ ئۇچى تار بولسا، پۇت بارماقلىرى قىسىلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۇت بارماقلىرى غەيرىلىشىپ قېلىشى، ئوشۇق ئۈگىسى تېشىغا چىقىپ قېلىشى، پۇت تەمرەتكىسى، قاداق قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئاياغ كىيىمياخشىسى ﻫاۋا ئۆتكۈزىدىغان، تەر سۈمۈرىدىغان، ئىسسىقلىق تارقىتىدىغان، پۇراشتىن ساقلىنىدىغان بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.
ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلدە تۇرغاچقا، ئاياغ كىيىم پۇتنىڭ كەڭ – تارلىقىغا مۇۋاپىق كېلىشى، پۇتنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويماسلىقى لازىم. ئاياغ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى مۇۋاپىق بولسا، پۇتنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، تۆگە تاپىنى بولۇپ قېلىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاياغ كىيىمى چوقۇم سۈپەتلىك، يۇمشاق، يېنىك بولۇشى كېرەك.