كېرىيە كىچىك تەلپىكىنىڭ تىپىك ۋارىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 719 قىتىم
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ، فوتوسى : دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تەلپەك—كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى بولۇپ ، دۇنيا جىنىس رىكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگىنىگە نەچچە يىل بولغان ئىدى . ﻫەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېقىندا كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى دولەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى . كېرىيە ناﻫىيسىنىڭ جاي يېزا جاي كەنتىدىكى دېﻬقان بۈۋى رابىيخان تۇرسۇن 30 نەچچە يىللىق ﻫاياتىنى مۇشۇ كىچىك تەلپەكنى تىكىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، بۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغانلارنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى يېقىندا ئۇنىڭغا ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى—كېرىيە كىچىك تەلپىكىنىڭ تىپىك ۋارىسى ›› دېگەن شەرەپنى بەردى. ئۇ ، بۇ شەرەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئەتراپىدىكى 15كە يېقىن ئايالغا تەلپەك تىكىش ﻫۈنىرىنى ئۆگىتىپ ، ئەجداتلاردىن قالغان بۇ بىباﻫا مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىق نۇرلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى .
