guide
كىرىيىنىڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
794 قىتىم
    كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت. بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى،  مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ،  بۇ جەﻫەتتە باشقا رايۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرىقلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى.

      كىچىك تەلپەك كىچىك تەلپەك ئەسلىدە كۇچا كۆرپىسىدە تىكىلەتتى. يەنى كۇچا قويىنىڭ بىر – ئىككى كۈنلۈك بولغان قوزىسىنىڭ ئەڭ نېپىز، مۇيلىرى ئەڭ گۈلدار بولغان ئاشلانغان كۆرپىسى كىچىك تەكپەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قىلىناتتى(بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ خىلدىكى كۆرپىلەر يېتىشمەسلىكتىن، سۈنئىي توقۇلغان كۆرپىلەر ماتېرىيال قىلىنىپ تىكىلىدىغان بولدى).
      تەلپەكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ، ئۈستى تەرىپى تار بولۇپ، ئادەتتە ئاستىنقى دىئامېتىرى سەككىز – ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سىرتى ئاق، سېرىق، كۆك، قارا رەڭلىك تاۋار رەختلەردە تاشلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ توقۇلىدۇ. ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن كىرپىك تۇتۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تىرىدىن  ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ.  تەلپەك يىڭنە ياكى يىڭنە مىخ بىلەن ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ﻫالدا ئىلىندۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ تىكىلىش ﻫۈنەر – سەنئىتى بىر قەدەر ئىنچىكە ﻫەم مۇرەككەپ بولۇپ، تۇماقچىلارنىڭ ﻫەممىسىلا تىكەلمەيدۇ. ئۇنى مەخسۇس كىچىك تەلپەك تىكىدىغان تۇماقچىلار تىكىدۇ. كىچىك تەلپەكنى توي قىلىپ سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەردىن تارتىپ مومايلارغىچە كىيىدۇ. كىيىش تەرتىپى سورۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.
      ئائىلىلەردە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا ئاق. كۈمۈش رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. بۇ ﻫازا تۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. توي – تۆكۈن، ﻫېيت – بايراملاردا چاچرەڭ ﻫەم زەيتۇن رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەر شوخ چاچرەڭ زەر يىپ تاشلىقىنى كىيىدۇ. جۇۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاق، كۈمۈش رەڭ، قارا، سېرىق رەڭلىك تاۋارلاردا تاشلانغانلىرىنى كىيىدۇ. ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ.
 
      پەرىجە پەرىجە گۈللۈك ۋە سىدام تاۋار ( يىپەك) رەختلەردىن تىكىلىدىغان تاشقى كىيىم. بۇرۇن باپكارلار چاق بىلەن ئىگىرىگەن يىپتا توقۇغان يەرلىك چەكمەن (بوز چەكمەن) ۋە مەجنۇن چەكمەنلەر قارا رەڭدە بۇياپ تىكىلەتتى. پەرىجە ئادەتتە ئويما تىكىلىدۇ. پەش، ياقا، ئاياغلىرىغا ﻫەم يەڭ ئۇچىغا ئۈچ سانتىمېتىر كەڭلىكتە چاچرەڭ پەرداز تۇتۇلىدۇ. پەرىجىگە تۈگمە، بەلۋاغ ئورنىتىلمايدۇ. پەرىجىنىڭ ئوڭ سول كۆكرەك قىسىمىغا يەتتىدىن 14 ياكى توققۇزدىن 18 تارغاقلىق ئۆرنەك چۈشۈرۈلىدۇ. تارغاق يېرىم ئاي شەكىلدە بولۇپ، رەڭگى پەرداز رەڭگىگە باپ چاچرەڭ بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول كۆكرەككە تىكىلگەن تارغاقلار بىر – بىرىگە ئۇدۇل بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى تارغاقلار سانىنىڭ يەتتە ۋە توققۇردىن بولۇشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ <<يەتتە>> ۋە <<توققۇز>> نى خاسىيەتلىك سان، دەپ قارىشىدىن، ئۇنىڭ شەكىلىنىڭ يېرىم ئايغا ئوخشىشى بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆككە چوقۇنۇش ئېتىقادىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
      پەرىجىنى ئادەتتە ﻫازىدار بولغان ئائىلىدىكى بويىغا يەتكەن قىزلاردىن تارتىپ مومايلارغىچە ﻫەممىسى كىيىدۇ. يېڭىدىن قۇدا بولۇشقان ئىككى تەرەپ توي كۈنى بىر – بىرىگە پەرىجە سوۋغا قىلىشىدۇ. ئاي گۈللۈك خاڭدەندە تىكىلگىنى پەرىجىنىڭ ئەڭ ياخىشسى ﻫېسابلىنىدۇ. بېشىغا كىچىك ياغلىق ئارتىپ ياكى دوپپا كىيىپ، ئۇزۇن پايپاق كىيىپ پەرىجە كىيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. مەيلى چوكانلار بولسۇن ياكى ياشانغان ئاياللار بولسۇن پەرىجىسىنى كىيىش ئۈچۈن چوقۇم بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىپ كىچىك تەلپەك كىيىشى، شىم كىيىشى كېرەك.

      كېرىيە كىچىك تەلپىكى ۋە پەرىجىسىنىڭ ﻫازىرغىچە كىيىلىشى كېرىينىڭ ئالاﻫىدە مەدەنىيەت پۇرىقىنى نامايەن قىلىدۇ.
      ئاق ياغلىق ئاق ياغلىق ئادەتتە ئاق داكا، نىلۇڭ داكا، ئاق گىرىپ ۋە گۈلسىز ئاق يېپەك رەختلەردىن تىكىلىدۇ. شەكلى تۆت چاسا بولۇپ، چۆرىسى تىكىپ پۈكۈلمەيدۇ. ئاق ياغلىق گۈلسىز ئاق ياغلىق، گۈللۈك ئاق ياغلىق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. گۈلسىز ئاق ياغلىقنى كېرىيە خوتۇن – قىزلىرى ئۆلۈم – يېتىملاردا ئارتىدۇ. ﻫازا ئىگىسى قولۇم – قوشىنلىرىغا ئارتىپ قويىدۇ. ياشانغان ئاياللار كۆپىنچە مۇشۇ خىل ياغلىقنى ئارتىپ يۈرىدۇ.  گۈللۈك ئاق ياغلىقنىڭ تىكىلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ساپ يېپەكتىن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىقنى ياش، ئوتتۇرا ياش ئاياللار توي – تۆكۈن، ﻫېيت – ئايەملەردە ئارتىدۇ. ياز پەسىلىدە ئۈستىگە مارجان دوپپىسىنى كىيىپ ئارتسا، قىش پەسىلىدە قاما تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ، كۆپىنچە ﻫاللاردا كىچىك تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىق، گۈلسىز ئاق ياغلىق ئاياللارنىڭ چاچلىرى، يۈز – كۆزلىرىنى توپا – چاڭ ۋە قۇرغاق ﻫاۋادىن ساقلايدۇ.

      جۇۋانچە كۆڭلەك جۇۋانچە كۆڭلەك (ئىزمىلىك كۆڭلەك) قىزىل ۋە يېشىل رەڭلەردىن باشقا ﻫەر قانداق رەڭدىكى سىدام رەختلەردىن تىكىلىدۇ. پاسونى تۈز شەكىلدە بولۇپ، قولتۇق قىسمى كەڭرەك بولىدۇ. كۆڭلەكنىڭ مەيدە قىسىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاك ئېچىلىپ، ئىككى تەرىپى ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكتە جىگەررەڭ مەشۇت يىپ بىلەن چىرايلىق قىلىپ نەقىشلىنىدۇ. ئوڭ مەيدە تەرەپ قىسىمىغا پورەڭ يېپەك يىپتا توقۇلغان كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا يەتتە دانە تارغاق ئورنىتىلىدۇ. بىر قارىماققا شەكىل جەﻫەتتە پەرىجىنىڭ تاقىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئومۇمەن ئىككى بالىلىق بولغان، يېشى 30 دىن ﻫالقىغان، يەنى جۇۋانلىققا قەدەم قويغان ئاياللار، ياشانغان ئاياللار كىيىدۇ.
      ئەرلەر تەلپىكى كېرىيىدە ئەرلەرنىڭ باش كىيىمى ئىچىدە شاپاق دوپپا (بۆك)، چىمەن دوپپا، بادام دوپپىدىن باشقا، ئالاﻫىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى سالۋا تەلپەكتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بوز تەلپەك، قارا كۆرپە تەلپەك، قاما تەلپەك، تۈلكە تەلپەك ۋە سەللە تەلپەكمۇ كىيىلىدۇ. ياش ئەرلەر كۆپرەك قاسقىنى چوڭ، كۇچا كۆرپىسىدىن تىكىلگەن سالۋا تەلپەك كىيىدۇ. توي _ تۆكۈن ۋە يىگىتلەر ئولتۇرۇشلىرىدا سالۋا تەلپەك چوقۇم كىلىيىدۇ. ئۇ يىگىتلىك سالاپىتىنىڭ مۇﻫىم بەلگىسى، دەپ قارىلىدۇ.
      ئەرلەر تەلپىكى تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان قارا ياكى بوز قوزىنىڭ تېرىسى (كۆرپىسى) دىن تىكىلىدۇ. يەنى قوزىنىڭ يۇمران تېرىسى ئاشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قاسقانلىق ئېلىنىدۇ. ئىچىگە يېرىم قىرقىۋېتىلگەن ئاق ياكى بوز قوينىڭ تېرىسىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ ئاستى جىيىكىگە ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا تەكشى كىرپىك تۇتۇلىدۇ، تۆپە تەرىپىگە قارا چىبەرقۇتتىن تۆت تالالىق قىلىپ تۆپىلىك تۇتۇلىدۇ. كېرىيە ئەرلىرى تۆت پەسىلدە دېگۈدەك مۇشۇنداق تەلپەكنى كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.
      يۇقىرى كىيىملەر كېرىينىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇزاق دەۋرلەر داۋامىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن، باشقا رايوندىكى ئۇۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ كىيىملەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلتىزى چوڭقۇر بولۇپلا قالماي، كۈچلۈك يەرلىك پوراققا ئىگە. كېرىيىلىكلەر توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ۋە باشقا ﻫەر خىل مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە ﻫازىرمۇ شۇ كىيىملىرىنى كىيىدۇ، ئەتىۋارلاپ ساقلايدۇ، بىر – بىرىگە سوۋغا قىلىشىدۇ. كېرىيىلىكلەرنىڭ بۇ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇﻫىم ئەﻫمىيەتكە ئىگە.