guide
دوپپا
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
930 قىتىم
     دوپپا— ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇﻫىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. لېكىن بۇگۈنكى كۈندە دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىر چىراغلىرى ياكى بولمىسا سەﻫنىدىلا كىيىدىغان باشقا چاغلاردا تاشلاپ قويىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

      دوپپا— ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇﻫىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇنداق بولۇشىدا مۇنداق ئاساس بار: ئۇيغۇرلار تارىختا ئەڭ كۆپ دىنغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، شامانىزىم، يەنى ئىپتىدائىي قۇياش ئېتىقادچىلىقنىڭ مەﻫسۇلى بولغان دوپپىدىن تا ﻫازىرغىچە ئايرىلىپ باقمىغان، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ﻫەرقانداق مۇراسىمى، چوڭ- كىچىك پائالىيەتلىرى دوپپىسىز بولمىغان. باتۇر، ئەمگەكچان، گۈزەللىككە تەلپۈنىدىغان ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرى دوپپىنىڭ نۇسخىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، گۈل- نەقىشلىرىنى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، بۇ جەﻫەتتە مىسلىسىز تۆﻫپىلەرنى قوشقان. بۈگۈنكى كۈندىكى بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، مارجان دوپپا قاتارلىقلار دەل شۇلارنىڭ مەﻫسۇلى. شۇنداق بولغاچقا، بىز دوپپىنى بېشىمىزدا كۆتۈرىمىز ۋە ئۇنى يېقىن ئادىمىمىزگە سوۋغا قىلىمىز. چۈنكى، دوپپا- بىزنىڭ كۆڭلىمىز.

      شۇنداق، بىز دوپپىمىزدىن سۆيىنىمىز، دوپپا كىيگەنلەرنى ئۆز كۆرىمىز، ﻫەر خىل ﻫېيت- بايرام، توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراغ، ﻫەتتا ﻫەر بىر كۈنىمىزنى دوپپا كىيىپ ئۆتكۈزىمىز.
      بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، دوپپىنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنىنى باشقا ﻫەر قانداق باش كىيىم بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. مانا بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا  ياراتقان ﻫەم بېيىتقان دوپپا مەدەنىيىتى. ئەمما بىزنى ئويلاندۇرىدىغىنى دوپپىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتى. تۆۋەندە بۇ ﻫەقتە راست بولغان مۇنداق مىسالنى سۆزلەپ ئۆتەيلى:
      يېقىندا مەلۇم بىرەيلەن دوپپا كىيىپ ئىشقا بېرىپتۇ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ﻫەممىسى: بۇ كىشىنىڭ دوپپا كىيىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيدە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ يېقىن- تۇققانلىرىڭىزنىڭ بىرەرسى قازا قىلدىمۇ؟ دەپ سوراپ كەچكىچە ئارام بەرمەپتۇ. كوچىدا ئۇچرىغان تونۇش- بىلىشلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۇئاللار بىلەن ئۇنى خېلىلا خاپا قىپتۇ. بۇ ئەﻫۋال ئەلۋەتتە بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
      دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى تۇرسا، بۈگۈنكى كۈندە نەزىر- چىراغدىلا، يا بولمىسا سەﻫنىدىلا كىيىدىغان، باشقا چاغلاردا تاشلاپ قويىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتمامدۇ؟!
      ·دېمىسىمۇ ﻫازىر دوپپىنى ياراشتۇرۇپ كىيگەن قىز- يىگىتلەر ناﻫايىتى ئاز. بۇنداق ئەﻫۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زادى كىم سەۋەپچى!؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىمىز ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئالا- بۇلىماچ نىداسىدا بارغانسېرى تورلىشىپ قېلىۋاتقان كۆزىمىز سەۋەپچى.
      بىز دورامچىلىق بىلەن نېمە مودا بولسا شۇنى قوغلاشتۇق. بىر چىرايلىق دوپپىمىزنى كونىلىق، زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغانلىق، دەپ ﻫېساپلىدۇق. دوپپا-- ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى، كۆركى ۋە بۆكى. شۇڭا بىز دوپپىدىن ئىبارەت ئۆز مەدەنىيەت- مىراسلىرىمىزنى قوغدايلى ۋە قەدىرلەيلى!