guide
خەلقىمىزدە چورۇق
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
783 قىتىم
    چورۇق ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئىپتىدائىي چورۇق، يەنە بىرى، ‹‹شىرە چورۇق›› دەپ ئاتالغان سەنئەتلىك چورۇق.
    ئىپتىدائىي چورۇقنىڭ تارىخى تولىمۇ ئۇزاق بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىپتىدائىي دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن. ئەجدادلار كالا – قوتازلارنىڭ گۆشىنى يەپ، تېرىسىنى چۆرىسىنى تېشىپ، تېرە تاسما بىلەن بېكىتىپ پۇتىغا تارتىۋالغان. بۇ، شىرە تارتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل چورۇق خام تېرىدىن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ قۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش زۆرۈر. بولمىسا قورۇلۇپ پۇتقا پاتمايدۇ. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز ئەۋلادلارغا ‹‹كۆرگەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما›› دېگەن ﻫېكمەتنى قالدۇرغان.
    ئەجدادلىرىمىز شەﻫەرلىشىپ، شەﻫەر – قەلئە مەدەنىيىتى ياراتقان، قول ﻫۈنەر مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، ئىچكى بازارنى گۈللەندۈرۈپ، تاشقى بازارغا يۈزلەنگەندىن كېيىن، يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان جۇغراپىيىلىك شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشقان ﻫەم ئات – تۆگىلىرىدىن پايدىلىنىپ، غەربتىن شەرققە سوزۇلغان 7000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بىخەتەر يۈرۈش ئۈچۈن كالا – قوتاز تېرىلىرىدىن ئىشلەنگەن كۆن – چەملەردە ئەپچىل، يۇمشاق، يەڭگىل، چىداملىق چورۇق ئىشلىگەن. بۇ خىل چورۇق قەدىمىي نام بىلەن ‹‹شىرە چورۇق›› دەپ ئاتالغان. چورۇقنىڭ كالا – قوتاز تېرىسىدىن ئىشلەنگەنلىرىنى نۇسخىسىغا قاراپ ئۇزۇن سەخ، ئارا سەخ، كالتە سەخ دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلگەن؛ ئۆچكە، قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن، ياشانغانلار كىيىدىغان چورۇقنى پوستەك؛ يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلار كىيىدىغان چورۇقنى پۇپەش دەپ ئاتىغان.
    چورۇق يەرلىك ئۇسۇلدا كۆن ۋە چەمدىن تىكىلىدۇ. رەڭگى قارا ياكى جىگەر رەڭدە بولىدۇ. ئۇزۇن سەخ چورۇق ئوشۇقنىڭ ئۈستىگىچە ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. چورۇق يەنە نەپىسلىك دەرىجىسىگە قاراپ سىدام چورۇق ۋە زىغزىقلىق چورۇق، دەپ ئايرىلىدۇ. سىدام چورۇقنىڭ مەشغۇلاتى ئانچە قول تۇتمايدۇ. زىغزىقلىق چورۇقنىڭ مەشغۇلاتى ئىنچىكە، ئۇ ئۇستىلىق، يەنى ﻫۈنەر تەلەپ قىلىدىغان سەنئەتلىك ئاياغ كىيىم بولۇپ، چورۇقنىڭ دۈمبە ئايلانمىسى، ﻫەتتا ئارقا چېكىغىچە زىغرىق قويۇلىدۇ. زىغرىقلىرى رەڭلىك بولۇپ، چورۇققا بەكمۇ يارىشىدۇ.
    چورۇقنىڭ ئارقىسىدا پۇتنىڭ ئوشۇقىغا توغرىلاپ چىقىرىلغان بىر تال ئىزمىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا رەڭمۇ رەڭ يىپلاردىن توقۇلغان بوغقۇچ(قۇ) ئۆتكۈزۈلىدۇ. چورۇقنى  كىيگەندىن كېيىن، سىرتىدىن بوغقۇچ يۆگىلىپ، بوغقۇچنىڭ چۇچىسى چىقىرىپ قويۇلىدۇ. بوغقۇچ چورۇقنى بوغۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ ۋە ئاياغ كىيىمگە زىننەت، كىيگۈچىگە قامەت بېغىشلايدۇ.
    چورۇق پاشنىسىز، غەيرىي ماتېرىياللاردىن خالىي بولغاچقا، ناﻫايىتى يېنىك بولىدۇ، كىگىز پايپاق بىلەن كىيىلىدىغان بولغاچقا ئىسسىق بولىدۇ، رىماتىزىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چورۇق ئەر – ئاياللار ئۈچۈن ئورتاق ئاياغ كىيىمى بولسىمۇ، چوڭ ياشلىقلار ۋە ئاياللارغا ئاتاپ تىكىلگىنى ئۆچكە تېرىسىدىن ئالاﻫىدە سىپتا ۋە نەپىس ئىشلىنىدۇ. بالىلارغا تىكىلگەن پۇپەش تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، رەڭلىك يىپ ياكى تېرە پارچىلىرىدىن پۈپۈك قويۇلىدۇ.
    ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر چورۇقلىرى شىنجاڭنىڭ ﻫەممە يېرىدە تىكىلىدۇ. لېكىن باشقا يۇرتلارغا نىسبەتەن قاغىلىق تارىختىن بۇيان مەشﻬۇر قۇرۇقلۇق يولى بولغانلىقى، چەت ئەلدىن شىنجاڭغا كېلىدىغان ياكى شىنجاڭ ئارقىلىق باشقا جايغا بارىدىغان كارۋان ۋە يولۇچىلار قاغىلىقتىن ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن، چورۇق تىكىش قاغىلىقتا بەكرەك راۋاجلانغان.
   ئەگەر شۇ كۈنلەردە چورۇقچىلىق بازارلاشقان بولسا، چەت ئەلنىڭ ساياﻫەت ئايىغى ئۇيغۇر چورۇقىغا ئورۇن بوشىتىشى شەرتسىز ئىدى.