guide
كىيىم
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
681 قىتىم

    قازاق مىللىتى — جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. قازاق مىللىتى ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن،قوشۇمچە يېزا–ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،كىگىز ئۆيدە تۇرىدۇ،تاماقلىنىشتا گۆش بىلەن سۈتنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىچىلار قىشتا ‹‹ تۇماق ›› كىيىدۇ،ياش ئاياللار بېشىغا ئاق لېچەك چىگىدۇ،ئۈستىگە گەجگىسىنى باسقۇدەك ياغلىق يېپىنىدۇ،ياغلىقنىڭ سول تەرەپ يۇقىرىسىغا بىر تال بېزەك تاقايدۇ. قويۇق يايلاق مەدەنىيىتى تۈسىدىكى قول–ﻫۈنەر سەنئىتى ۋە ئاتلىق ﻫەر خىل تەنتەربىيە ﻫەركەتلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قازاق خەلقىنىڭ ئەمگەكچان،باتۇرلۇقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.