خۇرجۇن
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 761 قىتىم

خۇرجۇن - ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىگىلا خاس بولغان مۇﻫىم تۇرمۇش ۋاستىسىدىن بىرىدۇر.
خۇرجۇن ئۇيغۇر خالۋاپچىلىقىنىڭ مۇﻫىم بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنى مەخسۇس تەربىيىلەنگەن خالۋاپچى ئۇستىلارلا تۇقۇيالايدىكەن. خۇرجۇن قىزىل، كۆك، يېشىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلىك يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ﻫەرخىل گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلىپ توقۇلىدىكەن. خۇرجۇن تۈز توقۇلۇپ، ئىككى تەرىپى كەينىگە ياندۇرۇلۇپ، يان تەرىپى تىكىلىپ ئاندىن شەكىلگە كەلتۈرۈلىدىكەن. ئاندىن خۇرجۇننىڭ ئېغىزىغا چىرايلىق گىرۋەك چىقىرىلىپ ئىزما بېكىتىلىدىكەن. ئىزما خۇرجۇندىكى نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش رولىغا ئىگە ئىكەن. خۇرجۇن ئىككى پاي بولۇپ، نەرسە - كېرەك يۆتكەشتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن قاچىلانغان نەرسىلەرنى مەيلى ئادەم دولىسىغا ئارتىپ ماڭسۇن ياكى ئېشەككە ئارتىپ ماڭسۇن، ئوخشاشلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇ نەرسە - كېرەك قاچىلاپ يۆتكەشتە، بولۇپمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا ئىشلىتىشكە ناﻫايىتى ئەپلىك. ئۇنىڭدىن ﻫاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىچىگە سېلىنىدىغان نەرسە - كېرەكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ﻫەم ئۇنىڭدا نەرسە - كېرەكلەرنى پاكىز ساقلىغىلى بولىدۇ.
ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگەشىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋاستىسى ئورنىدىن ﻫالقىپ، سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا ساقلانماقتا. خۇرجۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيە ئۆرپ - ئادەت، جۇغراپىيلىك شارائىت قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇﻫىم تەتقىقات تېمىسى بولالايدۇ.(تامام)