guide
كاچۇڭلۇقلارنىڭ تۇماق مەدەنىيىتى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
968 قىتىم
     يارىشىملىق كىيىم – كېچەك ئادەمنىڭ چىراي گۈزەللىكى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇﻫىم ۋاستىدۇر، خەلقىمىز ئەزەلدىن باش كىيىملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى، جۇغراپىيىلىك شارائىتى ۋە ئۆرپ–ئادەتلىرىگە ئاساسەن تىكىپ كىيگەن .
    كاچۇڭلۇقلارنىڭ باش كىيىمى –كاچۇڭ تۇمىقىمۇ تىكىش جەﻫەتتىكى ئۆزگىچىلىكى ، ئوبرازلىق مەزمۇنى ، نۇسخا ئالاﻫىدىلىكى ، گۈزەل سەنئەت جەﻫەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن «كاچۇڭ سەنىمى »ئارقىلىق ئوبرازلىق ئەكس ئېتىپ ، قەدىمدىن ﻫازىرغىچە ساقلىنىپ كەلدى ﻫەمدە تاغلىق رايوندىكى خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى دۇنيا قارىشىنى ، گۈزەللىك ، تۇرمۇش قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ساياﻫەتچىلىك ﻫەم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا مىللىي ئەنئەنە ، مىللىي ئالاﻫىدىلىك سۈپىتىدە ئەۋلادتىن –ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلمەكتە كاچۇڭ– يەكەن ناﻫىيىسىنىڭ تاغلىق يېزىسى بولۇپ،بۇ يېزا قارا قۇرۇم تاغلىرى بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ، يەكەن دەرياسىنى ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، كاچۇڭلۇقلار ئادەتتە ، بولۇپمۇ مەشرەپلەردە دائىم ئېگىز قارا كۆرپە تۇماق كىيىشكە ئادەتلەنگەن ، كاچۇڭدا قارا كۆرپە تۇماق كىيىش ئادىتى 13–ئەسىردىن ئىلگىرىلا ئومۇملاشقان بولۇپ ، كاچۇڭ تۇمىقى ئۈچ خىل نۇسخىدا بولىدۇ:1–نۇسخا ئېگىز نوغۇچ تۇماق بولۇپ ، بۇ خىل تۇماق قارا قوزىنىڭ تېرىسىدا تىكىلىدۇ، ئېگىزلىكى 30–35 سانتىمېتىرغىچەبولىدۇ؛ 2– نۇسخا ئارا تۇماق بولۇپ ، بۇمۇ قارا قوزىنىڭ تېرىسىدە تىكىلىدۇ. ئېگىزلىكى25–30 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ؛ 3–نۇسخا سالۋاي تۇماق بولۇپ ،بۇ قوينىڭ ئۆسەك تېرىسىدا تىكىلىدۇ. ئېگىزلىكى 10–15سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ، ئادەتتە ئاياللار كىيىدىغان تۇماقلارنىڭ سىرتقى قىسمى يىپەك رەختتە نەپس ۋە لاتاپەتلىك قلىپ تىكىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ تۇمىقىنىڭ سىرتقى قىسمى تاشلانمىغان بولۇپ، بۇنىڭغا بىر قاراپلا بۇ باش كىيىمنىڭ ئەرلەرنىڭ ياكى ئاياللارنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ ، بۇ باش كىيىم يەنە سىرتتىن كەلگەن ئەزىز مېﻬمانلارغا سوۋغا قىلىنىدۇ.(تامام)