guide
مەشرەپلىرىمىزنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى مەسىلىلەر
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
920 قىتىم
    مەشرەپلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنىڭ مۇﻫىم ئاچقۇچلىرىدىن بېرى بولغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك، كۆپ خىل ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا ئىگە فولكلورىستىك مەدەنىيەت شەكلى. ئۇستاز تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، ئابدۇكېرىم رەﻫمان قاتارلىقلار مەشرەپلىرىمىزنىڭ تارىخىي مەنبەلىرى، ئىچكى قۇرۇلمىسى، ئاساسىي ئالاﻫىدىلىكى ۋە كۆپ خىل ئىقتىدارى توغرىسىدا ئۆز ماقالىلىرىدە ئەتراپلىق توختالغان. ﻫازىرقى مۇﻫىم ۋەزىپىمىز ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتۇر. مېنىڭچە، بۇ ﻫەقتە مۇنداق تۆت مەسىلىگە ئالاﻫىدە ئەﻫمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:
    بىرىنچى، ئەسلىگە سادىق بولۇش مەسىلىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈنئىيلىكتىن، بۇلغىنىشتىن خالىي، ساپ، تەبىئىي نەرسىلەرنى ‹‹يېشىل›› سۆزى بىلەن سۈپەتلەۋاتىمىز. مەسىلەن، ‹‹يېشىل يېمەكلىك››، ‹‹يېشىل مەﻫسۇلات›› دېگەندەك. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئەسلىي ﻫالىتىنى ‹‹يېشىل سەنئەت›› دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولار. بۈگۈنكى دۇنيادا ئەنە شۇنداق ‹‹يېشىل››لىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئەتىۋارلىنىدۇ. ئادىمىيەت پەنلىرى ساﻫەسىدىكى تەتقىقاتلاردا مەدەنىيەت ﻫادىسىلىرىنىڭ ئەسلىي ﻫالىتىگە، مەۋجۇتلۇق مۇﻫىتى ۋە بوشلۇقىغا، بۇ ﻫەقتىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئالاﻫىدە ئەﻫمىيەت بېرىلىدۇ. مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكى، سېﻬرىي كۈچى ﻫەمدە قىممىتىمۇ ئۇنىڭ ئەسلىي ﻫالىتى، يەنى ئۇنىڭ ‹‹يېشىل››لىقىدا گەۋدىلىنىدۇ.
    كىتابلاردىن ياكى سەﻫنە – ئېكرانلاردىن كۆرگەنلىرىمىز ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭئەسلىي ﻫالىتى ئەمەس. ئۇ مەشرەپنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ياكى تەقلىدقىلىنىشى. مەشرەپلەرنىڭ ئەسلىي ﻫالىتى ئۇنىڭ بارلىق ئامىللىرىنىڭ ئۆز مۇﻫىتىدا تەبىئىي ئورۇندىلىشىغا قارىتىلغان. مەشرەپلەرنىڭ بارلىق سەنئەت تەركىبلىرى، ئويۇن تەرتىپلىرى، ئادەت – يوسۇنلىرى قانچىكى قەدىمىي، مىللىي، مەﻫەللىۋىۋە تەبىئىي بولسا، ئەسلىگە شۇنچە ساپ بولغان بولىدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ يازغۇچىلار تەرىپىدىن سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن، ئارتىسلار تەرىپىدىن سەﻫنىلەشتۈرۈلگەن، تېخنىكلار تەرىپىدىن ئېكرانلاشتۇرۇلغانلىرىنى ئۇيغۇرمەشرەپلىرىنىڭ ئەسلى دېيەلمەيمىز. ئۇنى پەقەت مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئۆزگەرتىلمىسى، ئىجادىي بېيىتىلمىسى ۋە ياكى ﻫازىرقى راۋاجى دېيەلىشىمىز مۇمكىن. ئەپسۇس، مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئەسلىي ﻫالىتىنى بۈگۈنكى كۈندە ئانچەكۆرەلمەيۋاتىمىز. ئەنئەنىۋى ياشاش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش شەكلىدىن پۈتۈنلەي ياتلاشمىغان چەت يېزا – قىشلاقلاردا، بىر قىسىم تاغلىق رايونلاردا مەشرەپلىرىمىزنىڭ نىسبەتەن قەدىمىي ۋە ئەسلىي ﻫالىتى ساقلىنىپ قالغانبولسىمۇ(مەسىلەن، دولان مەشرىپى، قۇمۇل كۆك مەشرىپى، خوتەن تاغمەشرەپلىرى دېگەندەك)، ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز تەبىئىيلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە يوقاتماقتا. شۇڭا ئەسلىنى ساقلاشقا ئالاﻫىدە كۈچ سەرپ قىلىش زۆرۈر.
    ئىككىنچى، مەشرەپ سەنئەتكارلىرى مەسىلىسى. مەشرەپلىرىمىزنىڭ پەيدا بولۇشى، ﻫاياتىي كۈچى خەلقىمىزنىڭ يۇمۇرغا باي، چاقچاققا ﻫېرىسمەن، سەنئەتخۇمار خاراكتېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاساسىي ئامىل يەنىلا مەشرەپ سەنئەتكارلىرىدىن ئىبارەت. مەشرەپ سەنئەتكارلىرى مەشرەپتە يېتىلگەن، مەشرەپ سورۇنى ئارقىلىق ئۆز ماﻫارىتىنى يۈكسەلدۈرگەنلەر بولۇپ، ئۇلار مەشرەپنى ۋاسىتە، سەﻫنە قىلىپ مۇقام – كۈيلىرىمىزنى، ناخشا – ئۇسسۇللىرىمىزنى، بېيىت – قوشاقلىرىمىزنى، ﻫەزىل – چاقچاقلىرىمىزنى، لەتىپە – يۇمۇرلىرىمىزنى بېيىتقان تۆﻫپىكارلاردۇر. بىزدە خەلق سەنئەتكارلىرىغا سەل قاراش خاﻫىشى مەۋجۇت. شۇڭا داڭلىق مەشرەپ سەنئەتكارلىرى مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇرۇلۇشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ يۇرتلاردىكى مەشرەپ سەنئەتكارلىرىنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ماﻫارىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، شاگىرت تەربىيەلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
    ئۈچىنچى، مەشرەپ تەتقىقاتى مەسىلىسى. مەشرەپلىرىمىز جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زامانىۋى كۆڭۈل ئېچىش شەكىللىرىنىڭ ئومۇملىشىشى، كىشىلەرنىڭ ئېستېتىك ئېﻬتىياجىنى قاندۇرۇش يوللىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ كۈچىيىپ، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇﻫىتىدىن مەﻫرۇم قالماقتا. ﻫازىر دۆلەتنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇش، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەﻫەتتىكى غەمخورلۇقى ۋە ئەمەلىي ياردەملىرى بىلەن مەشرەپلىرىمىزنىڭ يېڭى باﻫارى يارىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ساﻫەدە قىلىدىغان ئىشلار يەنىلا كۆپ. يەنى مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئەسلىي ﻫالىتىنى ساقلاش، ساپلاشتۇرۇش، ئەل ئىچىدىكى مەشرەپ سەنئەتكارلىرىنى بايقاش، يېتىشتۇرۇش، مەشرەپلەرنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلاردىن باشقا، مەشرەپ تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر مۇﻫىم خىزمەت.
    مەشرەپلىرىمىز كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي ﻫادىسە بولغاچقا، كۆپ تەرەپلىمە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي چۈشەنچە – ئېتىقادلىرى، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق ئىدىيەسى، ئىلىم – پەن ۋە تەلىم – تەربىيە ئېڭى، ئەخلاق ۋە ئادىمىيەت مىزانلىرى؛ كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، ئولتۇراقلىشىش، ئائىلە، نىكاﻫ، ﻫۈنەر – كەسىپ، مۇراسىم، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مول فولكلور بايلىقى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مانا بۇلار ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنى قۇرۇپ چىققان، ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇلاپ كەلگەن نېگىزلىك ئامىللار بولۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى يىپ ئۇچى ۋە پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ جەﻫەتتىكى تەتقىقاتلار باشقا ساﻫەلەردىكى تەتقىقاتلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تولۇقلايدۇ. مەشرەپلىرىمىزنىڭ تەسىرىنى، شۆﻫرىتىنى كېڭەيتىدۇ، ئاشۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنى تەشۋىق قىلىش، تونۇتۇش، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەﻫەتتىمۇ تېگىشلىك رول ئوينايدۇ.
    تۆتىنچى، ﻫازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەسىلىسى. ﻫەرقانداق بىر ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ مۇئەييەن ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى بولىدۇ. ئۇنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشتىكى مەقسەتمۇ ئاخىرقى ﻫېسابتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر. مەشرەپلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ سەنئەت بايلىقى، روﻫىيەت ئوزۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغان بىر خەزىنە. بىز مەشرەپلەردىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش، يۇرتىمىزنى تەشۋىق قىلىش، ساياﻫەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش، نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ خەلققە تەقدىم قىلىش قاتارلىق جەﻫەتلەردە بەلگىلىكنەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. دولان مەشرىپىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى شان – شۆﻫرىتى مىللىتىمىزنى تونۇتۇش، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىققىلىش جەﻫەتلەردە بەلگىلىك رول ئوينىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسى خەلقىمىزنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، كۆرۈنەرلىك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ﻫاسىل قىلدى. بۇ جەﻫەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىشلەر بىزگە مەشرەپلىرىمىزنى ﻫازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا كەڭرى ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي رولىدىنتېخىمۇ كەڭ پايدىلىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    مەشرەپلىرىمىزدە ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ جانلىق، قىزىقارلىق شەكىللەر بىلەن ئىلىم – ﻫېكمەت، ئەخلاق – مەرىپەت، ﻫۈنەر – سەنئەت، ﻫەق – ئادالەت تەشەببۇس قىلىنىدۇ؛ نادانلىق، ئەخلاقسىزلىق، ئىناقسىزلىق، ئاچكۆزلۈك تەنقىد قىلىنىدۇ. ﻫەتتا بالىلارمۇ مەشرەپ ئويۇنلىرى ئىچىدە ئاشۇ ئېسىل ئىنسانىي خىسلەتلەرنى ۋۇجۇدىغا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىنسانلىققا يات ناچار ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. شۇڭا ‹‹بىلىم ئالاي دېسەڭ مەكتەپكە بار، ئادەم بولاي دېسەڭ مەشرەپكە بار›› دېگەن سۆز بىكار ئېيتىلمىغان. دېمەك، ياخشى خىسلەتلەرنى تەرغىب قىلىش، ناچار ئىللەتلەرنى تەنقىد قىلىش ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئاساسىي روﻫىدۇر.