guide
ﻫېسسىيات ئىپادىلەش ئۇسسۇلنىڭ ‹‹جېنى››
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
889 قىتىم
    ئۇسسۇلنىڭ گۈزەللىكى ئۇسسۇل ئوينىغۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان ﻫېسسىياتتا ئىپادىلىنىدۇ. ﻫېسسىيات ئۇسسۇلدىكى ﻫەر بىر ﻫەرىكەتكە چوڭقۇرسىڭگەندىلا ﻫاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.
    ئۇسسۇل بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ نەپىس، ئۆزگىچە ﻫەرىكەتلىرى ئارقىلىق مەقسەتنى ئىپادىلەيدىغان ئالاﻫىدە سەنئەت شەكلى بولغاچقا، ﻫېسسىيات ئۇسسۇلغا جان كىرگۈزۈپ، ئۇنى جۇشقۇنلۇققا، بەدىئىيلىككە ۋە مەنەگە ئىگە قىلىدىغان بىردىنبىر ئەڭگۈشتەر. شۇڭا ئۇسسۇلچى ﻫەقىقىي، ساپ ﻫېسسىياتىنى ﻫەر بىر ئۇسسۇل ﻫەرىكىتىگە سىڭدۈرەلىسە ۋە يەنە شۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق ﻫېسسىياتنى ئىپادىلىيەلىسە، ئاندىن كۆرۈرمەنلەرنى ﻫېسسىياتلىق دۇنياغا باشلاپ ئەكىرەلەيدۇ ﻫەم ﻫەقىقىي مەنىدىكى ئۇسسۇل سەنئىتىنى يارىتالايدۇ.
    ئۇسسۇل بىلەن باشقا سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ﻫەم ئوخشاشلىق قانۇنىيەتلىرى، ﻫەم پەرقلىق ئالاﻫىدىلىكى بار. ئۇسسۇل سەنئىتى ئۇسسۇلﻬەرىكىتىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسى قىلىپ، تىل – يېزىق ياكى باشقا سەنئەت ۋاسىتىلىرى ئىپادىلەپ بولالمايدىغان چوڭقۇر ئىدىيە، روشەن خاراكتېر، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن جەمئىيەت، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى شۇنداقلا ئادەمنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىك توقۇنۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەر ۋۇجۇدىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ﻫېسسىياتلىق دۇنيانى ئىپادىلەش ئارقىلىق، كىشىلەرگە تەسىرلىك ئۇسسۇل ئوبرازىنى ﻫېس قىلدۇرۇپ، ئۇسسۇل ئاپتورلىرىنىڭ (ئۇسسۇل رېژىسسورى ۋە ئارتىسنىڭ) گۈزەل ﻫېسسىياتى، گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئىپادىلەپ، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا، ئۇسسۇل بەدەن ﻫەرىكىتى ئارقىلىق قەلب دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەڭ نەپىس سەنئەت، قەلب دۇنياسى بولسا جەمئىيەتنىڭ ﻫەقىقىي كارتىنىسى.
    ئورۇنداش سەنئىتى سەﻫنە سەنئىتى ۋە ئېكران سەنئىتى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سەﻫنە سەنئىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاﻫىدىلىكى ئۇنىڭ مەلۇم ئورۇننى سەﻫنە قىلىپ، تاماشىبىنلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغانلىقىدا. ئارتىس سەﻫنىدە نومۇر ئورۇنلىغاندا كۆرۈرمەنلەر نەق مەيداندا بىۋاسىتە ﻫۇزۇرلىنىدۇ. ئۇ بارلىق سەﻫنە سەنئىتىدىكى ئورتاقلىق. بىراق كۆرۈرمەنلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق ئىجادىي مەقسەتنى كۆزلەش، قانداق روﻫىي ﻫالەت بىلەن ئورۇنلاش ئوخشىمىغان ئورۇنلاش ئىدىيەسى ۋە ئورۇنلاش نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا، بىر پارچە ئۇسسۇل ئەسىرى قانداق ئىجادىي مەقسەتنى كۆزلىشى، قانداق ئورۇنلاش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك؟ مېنىڭچە، بىر پارچە پىشقان سەنئەت ئەسىرى چوقۇم نۇرغۇن ئورۇنلاش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئورۇنلاش نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئورۇنلاش نەزەرىيەسى ئۇسسۇلغا سىڭگەن ﻫېسسىياتنى دېتال قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇسسۇل سەنئىتى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ﻫېسسىياتىدىكى ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ پىشقان، ئەڭ تەسىرلىك، ئەڭ گۈزەل تەرەپلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق ﻫاسىل بولغان تەبىئىي ئوبراز. ئۇسسۇلنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ كىشىلەرنىڭ ﻫېسسىياتىنى ئەڭ نەپىس ﻫالەتتە ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭا، ئۇسسۇل ﻫەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن ﻫېسسىياتنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۈرەك قېتىغا چوڭقۇر سىڭدۈرەلىگەن ئۇسسۇلچىلا لاياقەتلىك، خەلق ئالقىشلايدىغان سەنئەتكار بولالايدۇ. ئۇسسۇل ﻫېسسىياتتىن ئىبارەت بۇ ‹‹جان››دىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ.