سەنئەتتىكى راستچىللىق، سەۋىيەدىكى ئۈستۈنلۈك ﻫەققىدە پاراڭ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1081 قىتىم
ﻫەر قېتىم تەمبۇرىمنى قولۇمغا ئېلىپ، مەشىق ئۈچۈن سائەتلەپ چالغىنىمدا، دۇنيادىكى ئەڭ تىنچ ئارالغا بېرىپ، ناۋاچى قۇشلارنىڭ يېقىملىق كۈيىنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن. تەكلىپ بىلەن پائالىيەت، يىغىلىشلارغا قاتناشقىنىمدا، نەق مەيداندا ئورۇندالغان ناخشا ياكى مۇزىكىنى ئاڭلىغان تاماشىبىنلاردىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق تۇيغۇنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ﻫۆرمەت ئالقىشلىرىدىن چۈشىنىپ ﻫەم ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ كەلدىم. خېلىدىن بېرى سەنئەتنىڭ كۈچى زادى نېمىدە؟ بۈگۈنكى تاماشىبىنلار سەنئەتتىن زادى نېمىنى كۈتىدۇ؟ سەنئەتچى ئۆزىدە قانداق سەۋىيە، ساپا ﻫازىرلىشى كېرەك؟ دېگەندەك سوئاللار مېنى جاۋاب ئىزدەشكە قىستايتتى. شۇڭا مەزكۇر يازمامدا بۇ ﻫەقتىكى ئويلىرىمنى سەمىمىي يوسۇندا ئوقۇرمەنلەر ﻫۇزۇرىغا سونۇشنى لايىق تاپتىم.
سەنئەتنىڭ كۈچى زادى نېمىدە؟ مەن ئۇستاز سەنئەتكار، دۇتار پېشۋاسى مۇساجان روزىدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ﻫۇزۇرىدا نەچچە يىللاپ شاگىرت بولۇپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ سەنئەت ﻫەققىدىكى بايانلىرى ﻫەم ئەمەلىي ئىش – ﻫەرىكىتىدىن ‹‹سەنئەتنىڭ كۈچى ئۇنىڭغا بولغان ﻫەقىقىي ئاشنالىق ﻫەم مەسئۇلىيەتتە›› دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەنىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاۋابنى ئۇيغۇر ‹‹ئون ئىككى مۇقامى››، خەلق مەشرەپلىرى، خەلق ناخشىلىرىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلىپ، بۈگۈنكى دەۋر ياش ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىگە ئۇلانغان سېﻬرىي كۈچى بىلەن باغلاپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ﻫېس قىلىپ يەتتىم. دېمىسىمۇ، ئەينى دەۋردە ئەجداد شائىر، مۇزىكانت، سازەندە، ناخشىچىلار تەرىپىدىن خەلق ئارىسىغا تارقالغان، سىڭىپ كەتكەن ئۆلمەس كۈيلىرىمىز دەل ئۇلارنىڭ سەنئەتكە بولغان يۈكسەك مۇﻫەببەت ﻫەم مەسئۇلىيىتىنى ئۆزىگە يىلتىز قىلغاچقا، ئۇ ‹‹ئۆلمەس ئابىدە››گە ئايلىنالىغان. ﻫازىرچۇ؟ ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى ياش سەنئەتچىلەرنىڭ تالانتىنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما، ﻫازىرقى ئومۇمىي سەنئەت ئاسمىنىغا زەن سالساق، ئەل كۆزىنى قاماشتۇرالمىغان ‹‹چولپان چۈشى››گە غەرق بولغان ياشلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى ﻫېس قىلىمىز. ئۇنداقتا ئۇلار نېمىشقا كۆزلەرنى قاماشتۇرالمايدۇ؟ جاۋاب شۇكى، ئۇلار بۇ ساﻫەگە چىن مۇﻫەببەت بىلەنكىرمىگەن، ئۇلار مەسئۇلىيەتكە، ئەستايىدىللىققا كۆرە نۇرغا تويۇنماي تۇرۇپ بالدۇرپارلاشنى ئويلايدۇ. سەنئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولغان بۇنداق ‹‹تەتۈر دىداكتىكا›› ئۇلارنى بارغانچە خىرەلەشتۈرۈپ، ئەلنىڭ كۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەن. دېمەك بۇ يولغاكىرگەن ﻫەر كىمنىڭ قاچانكى سەنئەتتىكى مۇﻫەببەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ﻫېس قىلغان كۈنى ئۇلارنىڭ پارلاشقا باشلىغان كۈنى بولىدۇ.
تاماشىبىنلار سەنئەتتىن زادى نېمىنى كۈتىدۇ؟ تۇرمۇش رىتىمى كۈنسېرى تېزلىشىپ، كىشىلەرنىڭ بېسىمى ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سەنئەتنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ‹‹مەنىۋى ﻫۇزۇرلۇق›› رولىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. سەنئەتكە بازار ﻫەم پۇرسەت تولىمۇ كەڭ. ئاددىسى ﻫەر قېتىملىق ‹‹سەنئەت كېچىلىكى››نىڭبېلىتى ﻫېلىﻬەم تولۇق سېتىلىۋاتقانلىقى رېئاللىق. ئەمما بۈگۈنكى تاماشىبىنلار ئارىسىدا كېچىلىكلەرگە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىمۇ بىر رېئاللىق.
سەنئەتچى قەلبىدىكى سەنئەتكە بولغان يۈكسەك ئالىي مۇﻫەببەتنى ئۆزى ئالغان رول ياكى چالغان ساز، ئېيتقان ناخشا، ئىشلىگەن ئاﻫاڭلىرى ئارقىلىق ئەل قەلبىگە يەتكۈزگۈچىدۇر. شۇنداق ئىكەن، سەنئەتچى ئۆزىدە يۇقىرى كەسپىي سەۋىيە ﻫازىرلىشى كېرەك. ئۇنداقتا يۇقىرى سەۋىيە نەدىن كېلىدۇ؟ مېنىڭچە، ئۇ بىر تەرەپتىن بوشاشماي مەشىق قىلىشتىن، يەنە بىر تەرەپتىن دادىللىق بىلەن ‹‹نەق مەيداندا ئىجرا قىلىش›› تىن كېلىدۇ. بۇ ئىككى ئامىل بىرىككەندە، سەنئەتچى ﻫەقىقىي سەنئەتكارغا ئايلىنالايدۇ.