guide
دولان ئۇسسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
832 قىتىم

    شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئوخشىمىغان مىللەت، ئۆرپ– ئادەت ۋە مەدەنىيەتلەر ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ بىر تۈركۈم سەنئەت شەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇلى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇل سەنئىتىدە مۇئەييەن ئورۇن ۋە زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇللىرىنىڭ مۇكەممەل بولغان ئۇسسۇل قۇرۇلمىسى، قىزغىن ۋە شوخ ئىپادىلەش شەكلى، جەسۇرۋە مەردانىلىقى بىلەن خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى دولان ئۇسسۇلى ئېلىمىز ئىچى – سىرتىدىكى ئۇسسۇل تەتقىقاتچىلىرى، ئۇسسۇل ﻫەۋەسكارلىرىنىڭ تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. دولان ئۇسسۇلى قەدىمىيلىككە، تەبىئىيلىككە، كۈچلۈك يېزا ۋە يايلاق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ، ئۇسسۇلدىكى ﻫەقىقىي، كۈچلۈك ﻫېسسىيات ئۆزگىچىلىكى ﻫەم ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنىڭ قويۇق مىللىي ئالاﻫىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    دولان ئۇسسۇلىنىڭ مۇكەممەل بولغان ئۇسسۇللۇق قۇرۇلمىسى ۋە ئىنچىكە ﻫەرىكەت شەكلى، ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ﻫايات پەلسەپىللىرى، ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ﻫېسسىياتى، جەمئىيەت، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

    دولان ئۇسسۇلى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوۋچىلىق ۋە ئىپتىدائىي تۇرمۇشپائالىيەتلىرىنى ئۆزىگە ئاساسىي خام ماتېرىيال قىلغان. مەسىلەن: كۆپىيىش ئەزالىرىغاچوقۇنۇش، تۇتىم قۇش ۋە ﻫايۋان ئىلاﻫىغا چوقۇنۇش، شامان، زەردۇش دىنى قاتارلىق قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز چوقۇنغان دىنلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى دولان ئۇسسۇلىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ﻫەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

    1 .كۆپىيىش ئەزالىرىغا چوقۇنۇش. شامانىزم ئېتىقادىدا كۆپىيىش ئەزالىرىغا چوقۇنۇش مۇﻫىم دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قوش كىشىلىك مۇﻫەببەت ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردىكى قىز – يىگىتلەر چوڭ تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىكى كوللېكتىپ ئۇسسۇلنىڭ ئاساسى بولغان.

    2 .تۇتىمغا چوقۇنۇش. تۇتىمغا چوقۇنۇشنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا بىر نەچچە خىل شەكىللىرى بولۇپ، بۇ خىل ئېتىقاد مىللەتنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەشتە تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان. ئىلگىرى قەبىلە ئەزالىرى ئېتىقاد ئوبيېكتى بولغان تۇتىم قۇش ياكى ﻫايۋانلارنى ئۆيدە بېقىش جەريانىدا تۇتىم ﻫايۋانلىرىنىڭ ﻫەرىكىتى ئىنسانلارغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. ﻫازىرقى دولان ئۇسسۇلدىكى چېكىتمە ۋە سەنەم ﻫەرىكىتى تەركىبىدىكى قانات، قول ﻫەرىكىتى ۋە بۈركۈتنىڭ شۇڭغۇش ۋە ئوقيا ئېتىشقاتارلىق ﻫەرىكەتلىرى شامان دىندىكى بۈركۈتنىڭ ئىنسان بەدىنىدىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، دولان ئۇسسۇلىنىڭ ﻫەر بىر بۆلىكىدىكى ﻫەرىكەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسەك، بۈركۈتنى، ئاتنى سىمۋول قىلغان ﻫەرىكەتلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇتىمغا چوقۇنۇش ئىدىيەسىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى،تەبىئەتكە بولغان مۇﻫەببىتىنى، جانلىقلارغا، ياۋايى ﻫايۋانلارغا بولغان ئىشەنچ ۋەمېﻬرىبانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
    3 .ئوت ئىلاﻫىغا چوقۇنۇش. ئوت ئىلاﻫىغا چوقۇنۇش، شامان دىنى ئېتىقادىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئوت ئىلاﻫىغا چوقۇنۇش ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئوتنى چۆرىدەپئوينايدىغان ئىپتىدائىي ئۇسسۇل ﻫەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسى. ئوت ئىلاﻫىغا ئاتاپ ئوينالغان دولان ئۇسسۇلى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىجەز – خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەنئەنىۋىئۇسسۇللىرىدۇر. تارىختا ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئوۋچىلىق ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساسقىلغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇلار ئوۋ ئوۋلىغاندىن كېيىن، ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى تەبرىكلەش ۋە ئوت ئىلاﻫىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەجدادلىرى گۈلخان يېقىپ ناخشا ئېيتىپ، ﻫايۋاناتلارنى ۋە ئۇچار قۇشلارنى دوراپ ئۇسسۇل ئويناشقان. سورۇندا ئەر – ئايال، قېرى، ياش، كىچىك بالىلارمۇ جۈپ – جۈپ بولۇپ، بۇ خىل كەيپىياتقا ئورتاقلاشقان.