guide
مۇزىكا سەنئىتى ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
742 قىتىم

   مۇزىكا ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭيۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان. تارىختىن بۇيان ئىجاد قىلىنغان نادىر مۇزىكىلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىممىتىنى يوقاتماي كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشى، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش، تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى، غايە – ئارزۇلىرى، ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە ئىنتىلىشلىرىنى ماﻫىرلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىدە. مۇزىكا ئېستېتىك سەنئەت بولۇپ، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ﻫەيكەلتىراشلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق ئىلمىگە ئوخشاش تۇرمۇشنى گۈزەللىك نۇقتىسىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيەۋى ﻫېسسىياتىنىڭ ئاۋازلىق ئىپادىلىنىشى بولۇپ، مۇزىكا كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلاپ، كىشىلەردە ئالىيجاناب ئەخلاقى پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ساغلام روﻫى كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ.

    مۇزىكا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش كۈچى بولغان ئاﻫاڭ سەنئىتى. بۇ ﻫەقتە ئۇلۇغ تەپەككۇر، مۇزىكىشۇناسئەل فارابى: ‹‹مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭى ئىنسان روﻫىغا مەنىۋى ئوت تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر››، دېگەن.

    مۇزىكا ئاۋاز سەنئىتى بولۇپ، تاۋۇش ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدۇ. مۇزىكىدىكى يارىتىلغان ئوبراز رېئاللىقتىكى ئاۋازنىڭ نوقۇل تەقلىدى بولماستىن، بەلكى ئادەمنىڭ رېئاللىقتىن ئالغان تەسىراتى ۋە ﻫېسسىياتىنىڭ تەبىئەتتىكى ئاۋازلار ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە پىششىقلاپ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن ناماياندىدۇر. ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى كىشىلەردەيېقىملىق تەسىرات پەيدا قىلىپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ ﻫېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇش، خۇشاللاندۇرۇش ﻫەم زوقلاندۇرۇش، ئىلﻬاملاندۇرۇش، ﻫەسرەتلەندۈرۈشتەك نازۇك تۇيغۇلار ئارقىلىق كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. چالغۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى، ﻫېسسىياتى، تونۇشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوخشاش بىر ئەسەرنى ئورۇنلاش ئۇسلۇبىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئاڭلىغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان تەسىر بېرىدۇ.

    مېلودىيە مۇزىكىنىڭ جېنىدۇر. مۇزىكىنىڭ رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشى گۈزەل سەنئەت، تىياتىر، ﻫېكايە... لەردىكىدەك پېرسوناژ ۋە ۋەقەلىكنى ئەكس ئەتتۈرەلمىسىمۇ، كومپوزىتور (ئىجادىيەتچى) كىشىلەرگە تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنى ئارزۇ ئىستەك، گۈزەل ﻫېس – تۇيغۇ، مېلودىيە ئارقىلىق، كىشىلەردە ئېستېتىك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.

    مۇزىكا كومپوزىتورنىڭ جاپالىق ئەجىرىنىڭ مەﻫسۇلى بولۇپ، كومپوزىتور ﻫېستۇيغۇسىنى بەلگىلىك رىتىم، مېلودىيە ئارقىلىق جانلىق، ئوبرازلىق، سەنئەتلىك ئىپادىلەپ بېرىدۇ. كومپوزىتور ﻫېسسىياتقا باي بولغاندىلا، كىشىلەرگە تەسىر قىلغۇدەك گۈزەلمېلودىيەنى ﻫۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

    ئوخشاش بىر نەرسىنى ئالىملار ئىلمىي تەپەككۇر بىلەن مۇلاﻫىزە قىلسا، پەلسەپەچىلەر ئىدىيە بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن، مۇزىكانتلار قەلبى ئارقىلىق ﻫېس قىلىدۇ، چۈشىنىدۇ. سەنئەتكارلارنىڭ قىممىتى ئىجادىيەتتە بولۇپ، ياخشى بىر مۇزىكا ئەسىرى ئۆزىنىڭ چەكسىز ﻫاياتى كۈچى، يۇقىرى مەنىۋى قىممىتى بىلەن دەۋردىن – دەۋرگە، زېمىندىن – زېمىنغا ئۇلىشىپ بارلىق سەنئەت شەيدالىرى قەلبىگە ئەڭ پاكىز، ئېستېتىك تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ.
    سەنئەتكار لاياقەتلىك، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئىنتىلىشچان بولسا، ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلىرىمۇ سەر خىل بولۇپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. قىسقىسى، مۇزىكانت ئۆز قەلبىنى پاك تۇتۇپ، تۇيغۇلىرىنى قەدىرلىگەندىلا، نادىر كۈيلەرنى ئورۇنلاپ،ئەل قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالايدۇ.