guide
ئۇسسۇلچىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بولۇشى كېرەك
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
883 قىتىم

    ئۇسسۇلچىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. مەدەنىيەت ساپاسى بولغان ئۇسسۇلچى بولۇش ئۈچۈن: بىرىنچى، ئۇسسۇلچىدا توغرا بولغان دۇنيا قاراش بولۇش بىلەن بىللە، ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيەسى، سەنئەتتارىخى، ئەخلاق، سىياسەت، تارىخ – جۇغراپىيە، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرى، تىل ئۆگىنىش روﻫى بولۇش كېرەك.

    ئىككىنچى، ئۇسسۇلچىدا خەلققە سادىق، مېﻬرىبان، ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت سەنئىتىنى چۈشىنىدىغان ۋە شۇ مەدەنىيەت – سەنئەت مىراسلىرىنى قوغدايدىغان روﻫ بولۇش كېرەك.

    ئۈچىنچى، ئۇسسۇلچىدا كەمتەر، ئېﻬتىياتچان خاراكتېر بولغاندىن باشقا، ئاق كۆڭۈل، چىقىشقاق، باشقىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشالايدىغان مىجەز بولۇش كېرەك.

    تۆتىنچى، ئۇسسۇلچىدا مىللىي ئۇسسۇل، كىلاسسىك ئۇسسۇل، ئەل ئىچى مەشرەپ ئۇسسۇللىرىنى سۆيىدىغان ۋە ئىزدىنىدىغان، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش روﻫىبولۇش كېرەك.

    بەشىنچى، ئۇسسۇلچىدا تۇرمۇش مەدەنىيىتى بولۇشى، نوقۇل مودا قوغلاشماسلىق ئىستىكى بولۇش كېرەك.

    ئۇسسۇل مائارىپىنىڭ كىشىلەرنى تەربىيەلەشتىكى ئورنى مۇﻫىم بولۇپ، مېنىڭچە، ئۇسسۇل مائارىپىدا ئۇسسۇل سەنئىتى كەسپىي مائارىپىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، مۇنتىزم بولغان كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بولۇشى شۇنداقلا دەرسلىكنى يەنىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئەسلىﻬەلىرىنى تولۇقلاش بىلەن بىللە، بالېت، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى، كۆپ مىللەت ئۇسسۇلى، چەت ئەلنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۇسسۇلى، ئۇسسۇل نەزەرىيەسى، ئۇسسۇل تارىخى، ئېستېتىكا، ئۇسسۇل ئاناتومىيەسى قاتارلىق ئۇسسۇل دەرسلىكلىرىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇسسۇل ئوقۇتۇشىنىڭ مەزمۇنلىرىنى خىللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

    ئۇسسۇل مائارىپىدا مىللىي ئۇسسۇل ۋە كىلاسسىك ئۇسسۇل ﻫەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسىي شەكىللىرىنى تولۇقلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى چوقۇم ئىزدىنىش روﻫىغا ئىگە بولۇشى، كۆپ ئوقۇپ، كۆپ كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،نېمىنى قوبۇل قىلىپ، نېمىنى قوبۇل قىلماسلىق كۆزقارىشىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

    ئۇسسۇل مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ ئالاﻫىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەﻫەتتىكى تەلىم – تەربىيەسىگە سەل قارىماي، ئوقۇغۇچىلارنى پەن – مەدەنىيەت دەرسلىرىنى قىزىقىپ ئۆگىنىدىغان، ئەخلاق – نىزام كۆزقارىشىنى چىڭ تۇتۇپ ﻫەرقايسى جەﻫەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

    ئۇسسۇل مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قىممەتلىك مىراسلارنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىدىيەسىنىتۇرغۇزۇش كېرەك.

    ئۇسسۇل مائارىپىدا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇسسۇلنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
    ئۇسسۇل مائارىپىدا ئۇسسۇلچىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان مەنىۋى – مەدەنىيەت جەﻫەتتىكى تەربىيەۋى تەشۋىقاتچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ﻫەر ۋاقىت كۆڭۈل بولۇشى، ئۇلارنى يېتەكلەپ ئۇسسۇل مائارىپىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك خىزمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش كېرەك.