ئۇيغۇر مەشرەپلىردىكى ئىختىيارىيلىق
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 896 قىتىم
‹‹ئۇيغۇر مەشرەپلىرى›› ئۇيغۇرلاردا ئالاﻫىدە خاسلىققا ئىگە بولغان، جانلىق بىر خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولۇپ، بۇ ئالاﻫىدە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق مەدەنىيىتى ۋە خەلق سەنئىتىنىڭ بارلىق تۈرى ۋە جەۋﻫەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
‹‹مەشرەپ›› ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ‹‹يىغىلىش، سورۇن›› دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ﻫازىر بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئاممىۋى خاراكتېرلىك يىغىلىش، ئەل ئىچى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە مۇشۇ سورۇن پائالىيەتلىرىنى ‹‹مەشرەپ›› دېگەن سۆز بىلەن ئاتايدۇ. ‹‹مەشرەپ›› ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلق سەنئىتى جۇغلانغان، ئۆرپ–ئادەت، قائىدە–يوسۇن، ئەدەپ–ئەخلاق ئۆگىتىدىغان مۇﻫىم پائالىيەتتۇر. چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش– تەبرىكلەش پائالىيەلىرىنى ئۆتكۈزۈش، سورۇن تۈزۈپ ئەلنەغمە ئورۇنلاش، بايرام–باراۋەت قىلىش ئۇيغۇرلادا ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى. مەشرەپ گەرچە چوڭ جەﻫەتتىن تەشكىللىك–قائىدىلىك ﻫالدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىختىيارىيلىقمۇ ساقلانغان بولىدۇ.
مەشرەپنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ — خەلق ئىچىدە نۆۋەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋ خاراكتېرلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ، مەلۇمشەخس ياكى كوللېكتىپ ئىختىيارىي ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شەخس ياكى كوللېكتىپ ئۆز ئەﻫۋالىغا قاراپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزگۈچىلەر مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى شەرەپ دەپ بىلىپ ئىختىيارىي تالىشىدۇ. بەزىدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار كۆپ بولۇپ كەتسە، مەشرەپ جامائىتى ئادىل ﻫالدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچىنى ئىختىيارىي تاللايدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزۈش بايلىق–ئابرويغا قاراپ بېكىتىلمەيدۇ، كىمنىڭ قۇربى نەشرەپ ئۆتكۈزۈشكە يار بەرسە، شۇ ئىختىيارىي مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى مەجبۇرىي ﻫالدا تاڭىدىغان ياكى مەجبۇرىي ﻫالدا ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ئەﻫۋاللار بولمايدۇ.
مەشرەپ سورۇنىنى تاللاشتىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچى شارائىتىغا قاراپ مەشرەپ سورۇنىنى ئىختىيارىي بېكىتىدۇ. ئۆي ئىچى، ﻫويلا–ئارام، باغ، ياكى دالا–مەيدانلاردا ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ. سورۇن تاللاشتا مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچىنىڭ پىكرىگە ئالاﻫىدە ﻫۆرمەت قىلىنىدۇ. مەيلى قەيەردە ئۆتكۈزۈلسۇن، مەشرەپ ئەﻫلىنى سۇغدۇرالىسا، بىخەتەر، قولايلىق بولسىلا مەشرەپ سورۇنى قىلىپ تاللاشقا بولىدۇ.مەشرەپ پائالىيىتىدە كۆپىنچە كۆپرەك ئادەمنىڭ سىغىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، كەڭ جايلار، ﻫويلا–باغلار مەشرەپ سورۇنى قىلىپ تاللىنىدۇ.
مەشرەپ ۋاقتىدىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئالدىنقى قېتىملىق مەشرەپتە جاكارلىنىدۇ. مەشرەپ كۈندۈزلىرى ئۆتكۈزۈلسىمۇ، كەچقۇرۇنلىرى ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. مەشرەپ ۋاقتى كەڭ جامائەتچىلىككە قولايلىق بولۇش، كۆپرەك ئادەمنىڭ قاتنىشىشنى ئاساس قىلىپ، مەشرەپ ئۆتكۈزگۈچىنىڭ پىكرى ئاساسىدا ئىختىيارىيلىق ئىچىدە بەلگىلىنىدۇ. ئادەتتە قىش كۈنلىرى ئۆي ئىچىدە، ياز كۈنلىرى سىرتلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ماتەملىك كۈنلەردىن باشقا دېﻬقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتىلىرى، ﻫاۋا تازا ياخشى كۈنلەر، ﻫېيت–بايرام كۈنلىرى، توي–تۆكۈنلەر ۋە ئالاﻫىدە خەيرلىك كۈنلەر مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئوبدان پەيتى ﻫېسابلىنىدۇ. مەشرەپ ۋاقتىنىئىختىيارىيلىق ئىچىدە تاللاشقا بولىدۇ. مەشرەپ ۋاقتى جاكارلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئالاﻫىدە ئەﻫۋال بولمىسا، مەشرەپ ۋاقتى خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى مەشرەپ ئەﻫلى بەلگىلەنگەن جايغا ئىختىيارىي يىغىلىدۇ.
مەشرەپكە قاتنىشىشتىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپكە قاتنىشى ئىختىيارىيلىق ئىچىدە بولىدۇ. قاتنىشىدىغانلارغا ئالاﻫىدە چەك قويۇلمايدۇ. بۇ مەشرەپنىڭ ئاممىۋىلىقىداتېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەشرەپكە ئىشتىياق باغلىغانلىكى كىشىلەر مەشرەپكە قاتنىشىشقا بولىدۇ. مەشرەپ كۆلىمىنىڭ چوڭ–كىچىكلىكىگە قاراپ، قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەشرەپ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ۋە كىمنىڭ ئۆتكۈزگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەر مەشرەپكە قاتنىشىشنى مۇﻫىم دەپ بىلىدۇ. ئالاﻫىدە ئۆزرىسى بولمىسىلا، ئۆز قەرەلىدە مەشرەپكە داخىل بولىدۇ. چوڭلار ياشلار ۋە بالىلارنى مەشرەپ سورۇنىدىن ئەدەپ–قائىدە، ئادەم بوۇش يوللىرىنى ئۆگەنسۇن دەپ، مەشرەپكە ئالاﻫىدە قاتناشتۇرىدۇ.
مەشرەپ باشقۇرغۇچىلىرىنى بەلگىلەشتىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ ئۆتكۈزگۈچى مەشرەپنىڭ ئەﻫۋالىغا ئاساسەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ سالاﻫىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى بەلگىلەيدۇ. مەشرەپتە ئادەتتە مەشرەپ مەيدانىدىكى تەشكىللەشنى ئۈستىگە ئالغۇچى — ‹‹يىگىت بېشى›› ئەل ئىچىدىكى ﻫۆرمەتكە سازاۋەر، ئەخلاقلىق، ئادىللىقنى ياقلايدىغان، تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەردىن تاللىنىدۇ. مەشرەپ ئويۇنلىرى ۋە ئەلنەغمىچىلەرنى تونۇشتۇرغۇچى — ‹‹مىرشاپ›› نەشرەپ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن قاپىيەلىك–قىزىقارلىق بېيت–قوشاقلارنى توقۇيدۇ. سورۇننىڭ يېمەك–ئىچمەك، ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مەشرەپ سورۇنىنىڭ قائىدە–تەرتىپىگە مەسئۇل بولغۇچى — ‹‹قازىبەگ›› مەشرەپ ئەﻫلى ۋە يىگىت بېشىنىڭئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەشرەپ سورۇنىدا ئەدەپسىزلىك قىلغانلارغا ﻫۆكۈم چىقىرىپ قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق جازالارنى بېرىدۇ. ﻫۆكۈمنى ئىجرا قىلىپ، جازانى يولغا قويغۇچى —مىرشاپ ﻫەرخىل قىزىقارلىق ﻫەرىكەتلەر بىلەن مەشرەپ سورۇنىدا كۈلكە پەيدا قىلىدۇ. كىمنىڭ نېمە ئىشقا مەسئۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەشرەپنى ياخشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىدۇ.
مەشرەپ مەزمۇنىدىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ بىر خىل ئۇنىۋېرسال ئاممىۋى خاراكتېرلىك پائالىيەت بولۇپ، مەشرەپ سورۇنىدا ناخشا–ئۇسسۇل، ساز–مۇزىكا،قىزىقارلىق ئېيتىشىش، مەدداﻫلىق، لەتىپە–چاقچاق چە ﻫەرخىل تىياتىرلىق ئويۇنلار ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. قايسىنى ئاۋال، قايسىنى كەينىدە، قانچىلىك، قانداق ئورۇنلاشنىڭ مۇنتىزىم قېلىپى يوق. مەشرەپتە ﻫەركىم ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا نومۇر ئورۇنلايدۇ. ئادەتتە، ئون ئىككى مۇقام، خەلق ناخشا–ئۇسسۇللىرى، ئەلنەغمىلەردىن ئارىيەئوقۇيدىغان ئەﻫۋاللارمۇ كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ياكى ئۆزلەشتۈرگەن نومۇرلار بولسىمۇ بولىدۇ. مەزمۇنى ساغلام ، مەشرەپ ئەﻫلىگە شادلىق بېغىشلىيالايدىغان نومۇرلار بولسىلا، مەشرەپ سورۇنىدا ئورۇنلاشقا چەك قويۇلمايدۇ. بەزىدە مەشرەپ سورۇنىدىكى سەنئەتكارلار نومۇر ئورۇنلاش جەريانىدا نەق مەيداندا ئۆزئىجادىيىتىنى قوشۇۋېتىدىغان ئاﻫۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
مەشرەپ پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇسسۇل مەشرەپنىڭ خاتىمىسى سۈپىتىدە مەشرەپ كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. بۇ چاغدا، مەشرەپ ئەﻫلى نومۇر ئورۇنلىغۇچىلار بىلەن بىللە مەيدانغا چۈشۈپ، كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار كۆپىنچە ئىختىيارىي ﻫالدا مەيدانغا چۈشىدۇ. قالغانلار ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ قىيقاس–چۇقان بىلەن جور بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ پائالىيىتىدە گەرچە مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىختىيارىيلىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەشرەپ سورۇنىنىڭ تەرتىپسىز، قائىدىسزلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەشرەپ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇئەييەن قائىدە–تۈزۈملەرگە ئىگە ئۇنىۋېرسال سەنئەت پائالىيىتىدۇر. ئەدەپ–قائىدە ئۆگىتىش، تەربىيەلەش مەشرەپنىڭ مۇﻫىم مەزمۇنلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭىمۇ، خەلق ئىچىدە ‹‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپكە بەرمىسەڭ مەشرەپكە بەر›› دېگەن ﻫېكمەت كەڭ تارقالغان.
مەشرەپلەردىكى ئىختىيارىيلىق بىر پۈتۈن مەشرەپ قائىدىلىرىگە بويسۇنغا ﻫالدا يولغا قويۇلىدىغان مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىختىيارىيلىقتۇر.مەشرەپلەردىكى بۇ خىل ئىختىيارىلىقتىن ﻫەركىم ئۆزىگە يارىشا مەنىۋى زوق ئالىدۇ. بۇ خىل ئىختىيارىيلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەشرەپ ئەﻫلىگە بىر خىل ئازادىلىك، باراۋەرلىك، ئارامبەخش تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
مەشرەپلەردىكى ئىختىيارىيلىق مەشرەپكە قاتناشقۇچىلارغا ﻫەم ‹‹تاماشىبىن››، ﻫەم ‹‹ئورۇنلىغۇچى››دىن ئىبارەت قوش سالاﻫىيەت ئاتا قىلغان بولۇپ، مەيلى تاماشىبىن بولسۇن، مەيلى ئورۇنلىغۇچ بولسۇن مەشرەپلەردىكى ئىختىيارىيلىقتىن زور خۇشاللىق، ئەركىن–ئازادىلىك ﻫېس قىلىدۇ. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىكى ئىختىيارىيلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەشرەپلەرنىڭ كۆپ خىللىقى، ئۇنىۋېرساللىقى ۋە ئاممىۋىلىقىغا كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن.