بەدەن تىلى ۋە ئۇسسۇل سەنئىتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 756 قىتىم
ئىنسانلار تىل ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى بەدەن ﻫەرىكىتى ئارقىلىقمۇ ﻫېسسىياتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.
ئۇسسۇل – ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى تەرىپىدىن تاللىنىپ، تىپىكلەشتۈرۈلۈپ بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلانغاندىن كېيىن، تەپەككۇر بىلەن توقۇلمىنى بىرلەشتۈرۈپ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا باشقا بىر گۈزەل تۇرمۇشنى نامايان قىلىدۇ. بۇنداق توقۇلما تۇرمۇش ئادەتتىكى تۇرمۇشتىن گۈزەل، تىپىك ۋە قىزىقارلىق بولىدۇ.
ئۇسسۇلچى – ئۆزىنىڭ بەدەن تىلىنى قورال قىلىپ، نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرالايدۇ. ئۇسسۇل سەنئىتى ئەڭ قەدىمىي سەنئەت شەكلى بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال ئاددىي قول ﻫەرىكىتى، كېيىن پۇت ﻫەرىكىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلغان. ئۇ ﻫازىر ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى ﻫېس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.
ئۇسسۇل سەنئىتى تاماشىبىنلارنى ﻫەيران قالدۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى ﻫېسسىياتنى تەسىرلىك، گۈزەل ﻫېس – تۇيغۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ، كىشىلەرنى ئادىمىي پەزىلەتكە ئۈندەشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەسىلەن، دولان ئۇسسۇلىدا گەرچە ئوۋچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن تۇرمۇش تۈسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئىپادىلەنگەن، سەنەم ئۇسسۇلىدا بولسا كىشىلەر قەلبى گۈزەل بولۇشقا چاقىرتىلىپ، ئىنسانىي ئېسىل پەزىلەت مەدﻫىيەلىنىپ، ئىنساننىڭ گۈزەللىكىنى ﻫەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىشتەك تۈپ ماﻫىيەت ئىپادىلەنگەن، شۇنداقلا بۇئۇسسۇللاردا يەنە قاملاشقان فىگۇرا ۋە گۈزەل ﻫەرىكەتلەر ئارقىلىق ئاجايىپ گۈزەل بىردۇنيانى نامايان قىلغان ۋە گۈزەل مۇﻫىت، چىن مۇﻫەببەت، ئېسىل مىجەز – خۇلق گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.
كىشىلەرنىڭ ئوي – خىيالىنىڭ ﻫەممىسى سەنئەت شەكلىگە ئايلىنالمايدۇ، پەقەت تەپەككۇر باسقۇچىدا يۈكسەك ﻫېس – تۇيغۇ قوزغىيالىغان ئوي – پىكىرلەر ئادەمنىڭ ئىچكى خاراكتېر قۇرۇلمىسىدا تىنىپ، سەنئەت شەكلىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئاندىن تاشقى دۇنياغا نامايان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرى تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئەقلىي تەپەككۇردىن ئۆتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ماﻫىيەتلىك تەرىپىنى ئىپادىلەشنى ئۆزى ئىشلىمەكچى بولغان ئۇسسۇلغا سىڭدۈرىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دەۋرنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن سەنئەت ئەسەرلىرىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. ئۇلى ئاجىز، مەزمۇنى قۇرۇق سەنئەت ئەسەرلىرى بولسا ﻫامان تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋرنىڭ شاللىشىغا ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى، ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە ﻫېس – تۇيغۇلىرىنىئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سەنئەت ئەسەرلىرى ئالىدۇ.