guide
ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىكى مىللىي روﻫ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
936 قىتىم
    ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت تىندۇرمىسىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سەنئەت ﻫادىسىسىدۇر.

    تەبىئەت بارلىق جانلىقلارنىڭ ﻫاياتلىق مەنبەسى ۋە سەﻫنىسى، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغىمۇ ﻫاياتلىق ئاتا قىلغان. قەدىمكى ماتېرىياللاردا ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ قۇياشقا بېقىپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى، كۆك تەڭرىگە چوقۇنۇپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى، سۇ چېچىپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى، ﻫايۋانلارنى دوراپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى قەيت قىلىنغان. دېمەك، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇشتىن ئىبارەت تەبىئەت روﻫى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، بىر گەۋدىگە ئايلانغان.

    مىللىي روﻫ مىللەتنىڭ روﻫىيىتىدىكى ئۆزىگىلا خاس بولغان ئۆزگىچىلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ روﻫىنى، مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق باشقا مىللەت ئۇسسۇللىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئېسىل ئۇسسۇل سەنئىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەسىلەن: ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەۋرىشىم، نازۇك، گۈزەللىكى، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ خاراكتېرىدىكى كەسكىنلىك، باتۇرلۇق، چاققانلىق، ۋە مەرد – مەردانىلىك ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىكى مىللىي روﻫنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىكى مىللىي روﻫتا پۈتكۈل خەلقنىڭ روﻫىي دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان ﻫايات كەچۈرمىشلىرى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرى ئەكس ئېتىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدا ئىپادىلىنىۋاتقان مەزمۇن قانداقتۇر ئۇسسۇلچىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشى بولۇپ قالماي، ئۇسسۇلچى تەۋە بولغان توپنىڭ ئورتاق كەچۈرمىشى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەﻫەتتىن، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىكى مىللىي روﻫ مىللىي خاراكتېرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك، مىللىي خاراكتېر ﻫېچقاچان زامان، ماكاندىن ئايرىلمايدۇ. ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىكى مىللىي خاراكتېر چوقۇم ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ماس ﻫالدا ئوتتۇرىغا چىقىش كېرەك. يەنى ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەبىئەت ۋە جەمئىيەت چۈشەنچىسى، ﻫاياتلىق پەلسەپىسى، ئىدېئولوگىيەسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇشى كېرەك. ئۇسسۇلچىنىڭ بەدەن تىلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە مىللىي خاراكتېر ئەڭ مۇﻫىم ئامىل بولغاچقا، ئۇسسۇلچى ئۇسسۇل ئوينىغاندا مىللىي خاراكتېرنى ئىپادىلەشكە دىققەت قىلىشى، بەدەن ﻫەرىكىتى، كىيىم – كېچەكلىرىدىن تارتىپ مىللىي خاراكتېر، خاسلىقنى نامايان قىلىشقا ئەﻫمىيەت بېرىشى كېرەك.
    بۈگۈنكى رېئاللىققا نەزەر سالساق، مىللەتلەر ئارا سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت قارىشى، گۈزەللىك قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئەدەبىيات – سەنئەتكە بولغان تەلەپمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەﻫەتتىن ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، بېيىتىش ئۈچۈن، ئۇسسۇلغا مىللىي روﻫنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، شەكىل ۋە مەزمۇنلىرىغا ئىجابىي ۋارىسلىق قىلغان ﻫالدا، يېڭى شەكىل ۋە مەزمۇنلارنى ئىجاد قىلىش، مىللىي روﻫقا ﻫۆرمەت قىلغان ئاساستا باشقا ئەللەرنىڭ ئىلغار ئۇسسۇل شەكىللىرىنى ئىجابىي قوبۇل قىلىش لازىم.