guide
ئۇسسۇلدا ﻫېسسىياتنى ئىپادىلەش مۇﻫىم
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
879 قىتىم

     ئۇسسۇل سەنئىتى بەدەن ئارقىلىق ﻫېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان نەپىس سەنئەت شەكلى بولۇپ، ئۇ ﻫەرىكەتچان ﻫالەتتە شەكىل ﻫاسىل قىلىش ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، كىشىدە مول تەسەۋۋۇر ۋە ئېستېتىك تۇيغۇ قوزغايدۇ.

    ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى ئۇسسۇلچىنىڭ بەدەن ﻫەرىكىتى بولۇپ، ئۇسسۇل ﻫەرىكىتىنىڭ ئاساسىي ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ۋە ئىپادىلەش تىلى بولغان بەدەن ﻫەرىكىتى تۇرمۇشتىكى ﻫەر خىل ﻫەرىكەت ۋە سىگنال شەكىللىرىنى تاللاش، مەركەزلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، بەدىئىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا تاۋلىنىپمەيدانغا كەلگەن.

    ئۇسسۇل ﻫەرىكىتى ئاددىي، چاتما، كۆرۈنۈش ﻫاسىل قىلغۇچى ﻫەرىكەت بولۇپ، ئۇ ﻫەرىكەت تۈزۈلمىسى ۋە ﻫەرىكەت سىستېمىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇسسۇللۇق ﻫەرىكەتتە ئوخشىتىش ۋە ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنىپ، ئوخشىتىش ۋە ئىپادىلەش ئۇسسۇللۇق ﻫەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق ئوخشىتىش ۋە ئىپادىلەش ﻫەمتەقلىدىي، ﻫەم ئۈلگىلىك ﻫەم سىمۋوللۇق، ﻫەم مۇبالىغە قىلىنغان بولىدۇ. ئۇسسۇللۇق ﻫەرىكەتتە ﻫەرىكەتنىڭ كۆپ خىللىقى، ئۆزگىرىشىنىڭ تېزلىكى، ئىپادىلەش ئۈنۈمى، كۈچەش دەرىجىسى، نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش دەرىجىسى بويىچە ئوخشىمىغان ئوبراز يارىتىلىدۇ.

    ئۇسسۇللۇق ﻫەرىكەت ئۇسسۇللۇق ﻫېسسىياتنى ئىپادىلەش بىلەن بىرلىشىپ، ئۇسسۇل گۈزەللىكىنى ﻫاسىل قىلىدۇ. ﻫېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى ئاساسلىق بەدىئىي ئىقتىدار بولۇپ، ﻫېسسىياتلىق ﻫەرىكەتتە ئىما – ئىشارەتلەر ئارقىلىق ﻫېسسىيات ئىپادىلىنىدۇ.

    ئۇسسۇل سەنئىتىدە ﻫېسسىيات كۆز، چىراي ئىپادىسى، قول، پۇت ۋە ئۇسسۇللۇق ﻫەرىكەت، جۈملىدىن گىرىم، كىيىم، سەﻫنە جابدۇقلىرى، دېكىراتسىيە ۋە مۇزىكا ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قەدەم ﻫەرىكىتى ئالاﻫىدە ﻫېسسىيات تىلى بولۇپ، ئۇﻫېسسىياتنى، خاراكتېرنى، قەلبنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: مەزمۇت قەدەم ئىشەنچ ۋە قەتئىيلىكنى، رەتسىز قەدەم ئالاقزادىلىكنى، ئاستا قەدەم ئىرادىسىزلىكنى، جىددىي قەدەم خاتىرجەمسىزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. قەدەم ﻫەرىكەتلىرى كۆز ﻫەرىكەتلىرى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۇسسۇلچىنىڭ ئىپادىلىگەن ﻫېسسىياتى تاماشىبىن قەلبىدە ئەكس سادا پەيدا قىلىپ، ئۆزىگە مەﻫلىيا قىلالايدۇ.

    ‹‹مۇز تاغقا كەلگەن مېﻬمان›› دىكى ئۇسسۇللارغا قارايدىغان بولساق، ﻫەربىيلەرنىڭ ئۇسسۇللىرىدا ناﻫايىتى دادىل قەدەم بىلەن ئىشەنچ ۋە قەتئىيلىك، قاراقچىلارنىڭ ئۇسسۇللىرىدا بولسا ئۆكتەملىك، مەنمەنچىلىك ئىپادىلەنگەن. ئاخىرقى قىسمىدىكى ئۇسسۇلدا بولسا غەلىبە تەنتەنىسى، خۇشاللىق ئىپادىلەنگەن.

   ئومۇمەن، يېڭى دەۋردە غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇسسۇل سەنئىتى تارىخنى، رېئال تۇرمۇشنى، كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئىپادىلەشتىكى بەدىئىي شەكىل بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە تۇرمۇشنى، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچنى، ئارزۇ – ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئېستېتىك زوق، قايناق ﻫېسسىيات ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ.