ئۇسسۇل بايرىمىدىن شەكىللەنگەن يېڭى قاراش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1071 قىتىم
بۇ يىل شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسسۇل بايرىمىدا ئۇسسۇل غۇنچىلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى، ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭلىقلارنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى ۋە ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى، كىشىلەرنىڭ ئىستېتىك قىزغىنلىقى ۋ مەنىۋى ئىنتىلىشى نامايان بولدى، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوچۇق – يورۇقلۇقى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، شىنجاڭلىقلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشى ۋە شىنجاڭنىڭ رايون مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىشەنچى ئاشتى.
2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، بۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇسسۇل كۆرىكى، كاتتا سەنئەت مەرىكىسىبولدى. ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە، كوچا – كويلارنى ئۇسسۇل ﻫەققىدە پاراڭ قاپلىدى، شىنجاڭدا ئۇسسۇل قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ئۆتكەن 15 كۈندە، كىشىلەر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلىتىنى بەس – بەستە سېتىۋالدى، تىياتىرخانىلار تاماشىبىنلارغا لىق تولدى، كىشىلەر تەرەپ تەرەپتىن چوڭ تىياتىرخانىلارنىڭ ئالدىغا توپلاندى.
بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى كىشىلەرگە ئاجايىپ خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن كاتتا بايرام بولدى. بايرام مەزگىلىدە ئېسىل، خىللانغان، كۆپ مەنبەلىك، مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار ئوينالدى، رۇسىيە بالېت ئۆمىكىنىڭ ‹‹ئاق قۇ كۆلى››، جۇڭگو بالېت ئۆمىكىنىڭ ‹‹ئېگىز ئېسىلغان پانۇس›› ناملىق نومۇرلىرى ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ جۇلاسى بولۇپ قالدى، مىللىيچە ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››تە كۈچلۈك دىراماتىك توقۇنۇش جانلىق ئىپادىلەندى، بوتسىۋانا ئۇسسۇلىدا قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ مەردانىلىكى نامايان قىلىندى، ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹تەڭرىتاغ پەرەڭگۈلى››دە ﻫەقىقىي ﻫېسسىيات كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ‹‹يىپەك يولىدىكى گۈل بەرگىدە شەبنەم›› ئۆزگىچە گۈزەللىكنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ نومۇرلار كىشىلەرنىڭ قەلب تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئۇسسۇل بايرىمى قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى.
بۇنى ‹‹ئۇسسۇل بايرىمى قىزغىنلىقى›› دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
يۇقىرى سەۋىيەلىك نومۇرلار ۋە خەلقئارالىشىش ‹‹ئۇسسۇل بايرىمى ﻫادىسىسى››نى شەكىللەندۈرگەن ئاساسىي سەۋەب. ئۇسسۇل بايرىمىغا دۆلىتىدە تونۇلغان ﻫەم ئۆزگىچە ئالاﻫىدىلىككە ئىگە سەنئەت ئۆمەكلىرى كەلدى، بۇ سەنئەت ئۆمەكلىرى ئېلىپ كەلگەن سەنئەت نومۇرلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور شۆﻫرەت قازانغان نومۇرلار دېيىشكە بولىدۇ، بۇنداق ئېسىل نومۇرلار دېڭىز – ئوكياندىن ئەڭ يىراق بولغان ناخشا – ئۇسسۇل ماكانىدا ئوينالغان تۇرسا، كىشىلەر بۇ پۇرسەتنى قانداقمۇ قولدىن كەتكۈزۈپ قويسۇن.
تاماشىبىنلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقى ‹‹ئۇسسۇل بايرىمى ﻫادىسىسى››نىشەكىللەندۈرگەن ئىچكى سەۋەب. مەدەنىيەت ئىنسان روﻫىنىڭ ئىچكى ئېﻬتىياجى، ئومۇمىي ئېﻬتىياجى، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئۆمۈر بويى ﻫەمراﻫ بولىدىغان ئېﻬتىياج. كىشىلەر ﻫاۋا، يېمەكلىك، سۇ قاتارلىق ئاساسىي ماددىي شارائىت بىلەن جىسمانىي ئېﻬتىياجىنى قاندۇرغانغا ئوخشاش، مەدەنىيەت ئارقىلىق روﻫىنى ئۇرغۇتىدۇ، ئۇنىڭدىنشادلىق تاپىدۇ، خاراكتېرىنى تاۋلايدۇ، روﻫىي تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ.
ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى بولغان شىنجاڭدىكى ئۇسسۇل كەيپىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئۆسۈۋاتقان ئېستېتىك ئېﻬتىياجى ‹‹ئۇسسۇل بايرىمىﻬادىسىسى››نىڭ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى. شىنجاڭدىكى ﻫەر مىللەت خەلق كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناخشا – ئۇسسۇلدىن ئايرىلالمايدۇ، توي – تۆكۈن، ﻫېيت – بايرام، ئولتۇرۇشلار، كىشىلەر يىغىلغان سورۇنلار ناخشا – ئۇسسۇلسىز قىزىمايدۇ، بۇ ﻫەر مىللەت خەلقنى ناخشا – ئۇسسۇلغا تەبىئىي يېقىنلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۇلاردا ناخشا – ئۇسسۇلدىن بەﻫرىلىنىش ۋە ئۇنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن. شۇڭا شىنجاڭدەك ناخشا – ئۇسسۇل ماكانىدا خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشتە، شىنجاڭدا تاماشىبىنلارنىڭ ﻫەم كۆپ، ﻫەم سەۋىيەلىك ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان بولسا كېرەك.
ئۇسسۇل بايرىمىدا ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش›› تەلىپى رېئاللاشتى.زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ باشقا ئېسىل نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈپ ۋە شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى ئىچكى ئامىلغا ئايلاندۇرۇش؛ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مۇﻫاكىمە قىلىپ ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىلغار بۆلەكلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاسسىپ تەرەپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك. ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭغا سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئۆرنەك ئېلىش، ئويلىنىش، ئەۋج ئالدۇرۇش، چىقىرىپ تاشلاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوچۇق نەزەر دائىرىسى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى. بىز دۇنيادىن ﻫۇزۇرلىنىۋاتقاندا، دۇنيا بىزدىن زۇقلاندى، بىز نادىر نومۇرلارنى ئالقىشلىغاندا، چەت ئەللىكلەر شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە نومۇرلىرىغا قايىل بولدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، شىنجاڭلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بۇ قېتىمقى بايرامدا ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى. تىياتىرخانا سىرتىدا تەرتىپ ساقلاش، تىياتىرخانىدىكى جىمجىتلىق ۋە ئالقىش ياڭرىتىش شىنجاڭلىقلارنىڭ يۇقىرى ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. شىنجاڭلىقلار دۇنيا ۋە سەنئەتكە يۈكسەك ﻫۆرمەت بىلدۈردى، قىزغىن ئالقىشلىدى ۋە ئۇنىڭدىن سەمىمىي ئۆگەندى.
ئۇسسۇل بايرىمى ﻫەقىقەتەن ‹‹مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاۋامغا نەپ يەتكۈزدى››. ئاپتونوم رايون ‹‹12 – بەش يىل›› باشلانغان يىلنى ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىيىلى›› قىلىپ بېكىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق 22 تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاۋامغا نەپ يەتكۈزۈشنى بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇﻫىم بىر تۈر قىلغانىدى. شۇڭا ﻫەقسىز بېلەت ﻫەدىيە قىلىنغاندىن سىرت، ئاپتونوم رايونمالىيە تولۇقلىمىسى ئارقىلىق بېلەت باﻫاسىنى نەچچە ئون يۈەنگە چۈشۈرۈپ، ئويۇن كۆرۈش ئارزۇسى كۈچلۈك تاماشىبىنلارنى تىياتىرخانىلارغا جەلپ قىلدى، جامائەت پاراۋانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن تېخى بازار ئېڭى شەكىللەنمىگەن ئاممىنى تىياتىرخانىلارغا باشلىدى، بىر – بىرىدىن ئېسىل نومۇرلار كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سەنئەت تەشنالىقىنى ئۇرغۇتتى.
ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭ بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە، قەلبدەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچى، دۇنيانى يېقىنلاشتۇرىدىغان سەﻫنە بولدى. بىر مەزگىللىك بولغان ئۇسسۇل ﻫادىسىسىدىن ئۇزاق مەزگىللىك بولغان ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئۈنۈمىگىچە، ئۇسسۇل بايرىمىدا قوبۇل قىلغان روﻫىي كەيپىيات ۋە يېڭىچە ئۆزگىرىش ئىزچىل رول ئوينايدۇ ﻫەم تۇرمۇشىمىز ۋە خىزمىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى چۈشىنىپ، تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش نەزەرى بىلەن شەيئىيلەرنى كۆزىتىپ، مەردانە ﻫەم كەڭ قورساقلىق بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئەۋزەللىكىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پەرقلەرنى تېپىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ، دېڭىز ئوكياندىن يىراق شىنجاڭنىتەرەققىي تاپقان زامانىۋى مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغۇسى.