ئۇيغۇر ئۇسسۇلى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 738 قىتىم
ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ﻫەرىكەتلىرى، شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقى، جۇشقۇن – رەڭدارلىقى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، ئىچكى ﻫېسسىياتنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى، ﻫەرىكەتلىرىنىڭ مەردانە، رىتىم – ئۇدارلىرىنىڭ شوخلۇقى، ﻫەرىكەت بىلەن مەزمۇننىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، جەلپ قىلىش كۈچى ئالاﻫىدە بولۇشتەك ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇللىرىدىن ئالاﻫىدە پەرقلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ئاساسەن لىرىكىلىق ئۇسسۇل بولۇش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇ خەلقىمىزنىڭ ﻫېسسىياتقا باي، شوخ – تېتىك، جۇشقۇن بولۇشتەك پىسخىك ئالاﻫىدىلىكىنىڭ مەﻫسۇلى. ئۇيغۇر ئۇسسۇلى قانداقتۇر داپ رىتىمىغا ياكى مۇزىكا رىتىمىغا پۇت – قولنى ماسلاشتۇرۇپ يۆتكەشتىن ئىبارەت ئاددىي ﻫەرىكەت شەكلى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەۋرگە رىتىمداش تۇرمۇشىنى، ئۆرپ – ئادىتىنى، ئېتىقادىنى، ئۆتمۈشىنى، كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى روشەن ئۇسسۇل تىلى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان، چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە سەنئەت شەكلى.
ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ تۈرلىرى ناﻫايىتى كۆپ، يەنە كېلىپ ﻫەر بىر ئۇسسۇل تۈرى ئۆزىگە خاس قائىدە بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىنى زاماندىن – زامانغا ئۇلاپ، تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلماقتا. مەسىلەن: خەلق ئۇسسۇللىرى ئاساسىدا تۈرلىنىپ ۋە كامال تېپىپ ئوينىلىۋاتقان شادىيانە، مەشرەپ، مول ﻫوسۇل تەنتەنىسى، نورۇز بەزمىسى قاتارلىق بىر قەدەر چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللار زامان – ماكان رىتىمىغا ماسلىشىپ، دەۋر مېلودىيەسىگە تەڭكەش بولماقتا. ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ مۇنداق جەزبدارلىقى ئۇنىڭغا سىڭگەن ﻫېسسىياتتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇسسۇلدىكى ﻫېسسىيات مۇزىكا رىتىمىغا تەڭكەش قىلىنىپ، ئۇسسۇل ئوينىغۇچىنىڭ ﻫەرىكىتى، جەزبدارلىقى، مۇئەييەن مەنە، پىكىرنى ئىزاﻫلايدىغان ئۇسسۇل تىلى ئارقىلىق نامايانقىلىنىپ، تاماشىبىنغا ئاجايىپ ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. ئۆي ۋە دالا ئۇسسۇل سورۇنلىرىدا تاماشىبىنلارمۇ ئىختىيارسىز ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، مانا بۇ ئۇسسۇلنىڭ سېﻬرىي كۈچى،ئۇسسۇلىنىڭ كىشىگە كۆرسىتىۋاتقان ئۈن – تىنسىز تەسىرى.
ئۇسسۇلدىكى قول – پۇت، قاش – كىرپىك، كۆز، بەدەنﻬەرىكىتى ئۇسسۇل تىلىنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرىدۇر. ئۇسسۇل تىلى زەنجىرسىمان ﻫەرىكەتلەردىن تەركىب تاپقاچقا، ئۇ ئىچكى ئوي – پىكىرنى، شۇنىڭدەك كۆڭۈل تۆرىدە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر ﻫېسسىياتنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي رولى ۋە سىستېمىلىشىشىغا قاراپ سەﻫنە ئۇسسۇلى ۋە تۇرمۇشئۇسسۇلى، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سەﻫنە ئۇسسۇلى ئادەتتە سەﻫنىدە ئوينىلىدىغان يالغۇز كىشىلىك، قوش كىشىلىك ۋە كوللېكتىپ ئۇسسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇرمۇش ئۇسسۇلىمۇ ئادەتتە تۇرمۇش ئۇسسۇلى، ئائىلىۋى ئۇسسۇل ۋە مەشرەپ ئۇسسۇلى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى بىر پۈتۈن گەۋدە ﻫاسىل قىلغان سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىق ﻫېسابلىنىدۇ.