ئەڭ يېقىملىق ناخشا
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 831 قىتىم
قەدىرلىك دادا، ئاپا، سىلەر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىرلىكتە ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ناخشا بىز ئۈچۈن ئەڭ يېقىملىق، ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ قىممەتلىك.
نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، سىلەر ئېيتىپ كېلىۋاتقان بۇ ناخشا ۋاپادارلىق ناخشىسى، مېﻬىر – مۇﻫەببەت ناخشىسى، چىن ساداقەت ناخشىسى. تۇرمۇشتىن ئېلىنغان، تەجرىبە – ساۋاقلاردىن يەكۈنلەنگەن تۇرمۇش ناخشىسى. سىلەر بۇ ناخشىنىڭ تېكىست، كۈيىنىڭ ئىجادچىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجراچىسى. شۇڭا، سىلەر ئېيتقان شۇ ناخشا ئەبەدىي قىممەتلىك.
ﻫەر قېتىم تۇرمۇش ﻫارۋىسىنى سۆرەپ ﻫالسىرىغىنىمىزدا، ۋاقىتسىز ئۈگدەپ قالغىنىمىزدا، سىلەر ئېيتقان ئاشۇ ناخشا قۇلاقلاردا جاراڭلاپ، بىزنى روﻫلاندۇرىدۇ، ئويغىتىدۇ. چارچىغىنىمىزدا، جىسمىمىزغا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. يالغۇزلۇق ﻫېس قىلىپ مۇڭلانغىنىمىزدا، بىزگە چەكسىز مېﻬىرلىك قەلبىڭلارنىڭ، ﻫارارەتلىك جىسمىڭلارنىڭ ئۆزگىچە ﻫىدىنى شاماللارنىڭ قاناتلىرىدا ئۇچۇرۇپ كېلىپ بىزنى بەزلەيدۇ ﻫەم بىزگە تەسەللى ۋە مەدەت بېرىدۇ. شۇڭىمۇ سىلەر ئېيتقان ئاشۇ يېقىملىق ناخشىلار ﻫەر قاچان يۈرەكلەردە.
قەدىرلىك دادا، ئاپا، سىلەر ﻫېلىمۇ ئۆز ئەمەلىيىتىڭلارﻫالال ئەمگىكىڭلار، تىرىشچانلىقىڭلار، پەرزەنتلەرگە بولغان ۋاپادارلىقىڭلار، ئىشەنچىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلار ئېيتىپ كېلىۋاتقان بۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جەزبىدار، جەلپكارلىقىنى بارغانچە ئاشۇرۇپ، تالاي – تالاي دىللارنى سۆيۈندۈرۈپ، قەلبلەردىن – قەلبلەرگە تۇتاشقان مېﻬىر – مۇﻫەببەت، سەمىمىيەتنىڭ رىشتىنى چىڭىتىپ كېلىۋاتىسلەر.
سىلەرسىز بىزنىڭ بۈگۈنىمىز نەدە؟ سىلەرسىز مېﻬىر –مۇﻫەببەتكە تولغان سەمىمىي قەلبىمىز نەدە؟ سىلەرسىز بۈيۈك ئارمانلىرىمىز نەدە؟ سىلەرسىز بۇ ئالەمنىڭ گۈزەللىكى نەدە؟
سىلەر بىزنىڭ قەلب بوستانىمىزدىكى ئىشچان باغۋەنلەرگە، ئاشۇ بوستانلىقتا ئېچىلغان خۇش پۇراق گۈللەرگە،ئاشۇ قەلب بوستانىمىزدىكى كۈيچى بۇلبۇللارغا ئوخشايسىلەر.
جۈپ قەدىردانلار، سىلەر ئېيتقان، ﻫېلىﻬەم ئېيتىۋاتقان ئاشۇ يېقىملىق كۈيلەر مەڭگۈ ئۈزۇلمىسۇن، بۇ يېقىملىق كۈيلەر بىز ماڭغان داۋانلاردا، بىز كەزگەن چۆللەردە، بىز يەتمەكچى بولغان ئاشۇ ئۇلۇغۋار نىشان يولىدىكى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئېﻬتىماللىقلاردا بىزگە ﻫەمراﻫ بولسۇن. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ روﻫىي ئوزۇقىمىز.
ئالتۇن بويۇڭلار ئامان بولسۇن، باسقان قەدەملىرىڭلاردىنگۈل ئۈنسۇن، خۇشال كۈلكىلەر سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!