guide
تاجىك خەلق ناخشا–قوشاقلىرى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
858 قىتىم
    ناخشا – مۇزىكا ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇﻫىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇزىكا ئاﻫاڭلىرى ئىپتىدائىي مۇزىكىغا سۆز قوشۇلۇشتىن شەكىللەنگەن. ناخشا – مۇزىكا ئىنسانلارغا قەدىمدىن بۇيان ﻫەمراﻫ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسى، ئىچكى قەلب ﻫېسسىياتى، ئوي – پىكرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خۇشاللىقى، قايغۇ – ﻫەسرىتى ۋە ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.
    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناﻫىيەسىنى مەركەز قىلىپئولتۇراقلاشقان تاجىك خەلقى مىللىي خاسلىققا تويۇنغان، ئۆزگىچە، جۇشقۇن ئاﻫاڭدىكى ناخشا – مۇزىكىغا بايمىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار گۈزەل يايلاق، مۇنبەت يەرلەردە چارۋىچىلىق بىلەن دېﻬقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ يېرىم ئولتۇراقلاشقان ﻫالەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئۆزىگە خاس فولكلور مەدەنىيىتى ۋە مول سەنئەت ئامىلىنى ئاپىرىدە قىلغان. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناﻫىيەسىگە بارغان ﻫەرقانداق كىشى بۇ يەردىكى ئېگىز چوققىلار، يىل بويىئېرىمەيدىغان قارلىق تاغلار ۋە ﻫاڭلارنى، كۆك سامادا لەرزان پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتلەرنى، رەڭدار ياغلىقلارنى ئارتقان تاجىك خانىم – قىزلىرىنى، بەيگىلەردە ئويناۋاتقان قارىقاش تاجىك يىگىتلىرىنى كۆرۈپ ﻫاياجانلانماي تۇرالمايدۇ. تاجىك خەلق ناخشىلىرىغا مانا مۇشۇ گۈزەل زېمىن كىشىلىرىنىڭ قايناق ﻫېسسىياتى سىڭدۈرۈۋېتىلگەن.
    قەدىمدىن تارتىپ ﻫەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكىدە ياشاپ كەلگەن تاجىك خەلقى ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر تەركىبى، شۇنداقلا پۈتكۈل تاجىك مىللىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئېلىمىز تاجىك مەدەنىيەت سەنئىتى بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى بىر بايلىق. ئۇنىڭدا پۈتكۈل تاجىك مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ ئورتاقلىقى، بولۇپمۇ تاغلىق تاجىكلارنىڭ ئالاﻫىدە سەنئەت ئورتاقلىقى گەۋدىلەنگەن.
    تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرىدا تاجىك خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بەدىئىي تىل ۋە كۈي – ئاﻫاڭ ئارقىلىق مۇجەسسەملىنىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرىنىڭ بەزىلىرىدە پاك ئىشق – مۇﻫەببەت مەدﻫىيەلەنسە، بەزىلىرىدە ۋاپاسىز يارغا لەنەت ئوقۇلىدۇ. بەزىلىرىدە خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان قەﻫرىمانلارغا مەدﻫىيە ئوقۇلسا، بەزىلىرىدە زالىملارنىڭ زۇلمىدىن شىكايەت قىلىنىدۇ. بەزىلىرىدىن يار ۋىسالىغا بولغان تەشنالىق ئىزﻫار بولسا، بەزىلىرىدىن جۇدالىق پىغانلىرى تۆكۈلىدۇ. قىسقىسى، تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرىدا خەلقنىڭ خۇشاللىق، خاپىلىق، بەخت – سائادەت، ئۈمىد ﻫەم ئىنتىلىشلىرى تولۇق مۇجەسسەملەنگەن. تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرى زامان – زامانلاردىن بېرى ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ، تولۇقلىنىپ، تاكامۇللىشىپ كەلگەن. ﻫازىرغا قەدەر توپلانغان تاجىك خەلق ناخشا – قوشاقلىرىنى فولكلورشۇناسلار ئۇلارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئورۇنلىشىش ئورۇنغا قاراپ ئەمگەك قوشاقلىرى، ئۆرپ – ئادەت ناخشىلىرى، مۇﻫەببەت ناخشىلىرى، دىنىي مۇراسىم ناخشىلىرى، مەرسىيە ناخشىلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلگەن.